ئالمۇتادا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك» ناملىق ئەسىرى يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.06.28
mexmut-qeshqiri-heykel.jpg ئۇيغۇر فىلولوگى مەھمۇد قەشقەرى (مەھمۇد كاشىغەرى) نىڭ مەقبەرىسى. 2015-يىلى 11-سېنتەبىر، ئوپال.
wikipedia.org

22-ئىيۇندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› ناملىق ئەمگىكىنىڭ يېزىلغانلىقىغا 950 يىل – زامانىۋى ئەھمىيىتى» ماۋزۇسىدا تور ئارقىلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت «يۇنېسكو» نىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان «2024-2025-يىللاردا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك» ئەسىرىنىڭ 950 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش قارارىدىن كېلىپ چىققان ئىدى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا. شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاننىڭ «24» يېڭىلىقلار پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغان «بىشكەكتىكى ئالىملار مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۈركىي يىلنامىسىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇھاكىمە قىلدى» ناملىق ماقالىدۇر.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈركىي ئەللىرىنىڭ ئالىملىرى قەدىمىي تىل ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن بىشكەكتە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا يىغىلدى. ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› شۇ تارىختىكى تۈركىي تىللىرىنىڭ تۇنجى قامۇسىدۇر. كىتابتا تىلغا ئېلىنغان سۆز ۋە ئاتالغۇلار سانىنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئالىملار بۇ ئىلمىي ئەمگەكنى تۈركىي تىلىنىڭ ئېنسىكلوپېدىيەلىك لۇغىتى دەپ ئاتايدۇ.» ماقالىدا يەنە ئېيتىلىشىچە، تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ پىرېزىدېنتى شاخىن مۇستافايېف مۇنداق دېگەن: «ئۇ بىز ئۈچۈن پەقەت تارىخىي يادىكارلىق سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقلىرىمىزنى مەدەنىيەت، تىلشۇناسلىق ۋە تىل جەھەتتىن بىرىكتۈرۈش ئۈچۈنمۇ مۇھىمدۇر. ئۇ ھەم بىزنىڭ كېلەچىكىمىز ئۈچۈنمۇ، ياشلىرىمىزنى تەربىيەلەش ئۈچۈنمۇ مۇھىم، سەۋەبى بۇ يادىكارلىق تۈركىي تىلىنىڭ قانچىلىك باي ۋە مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.»

22-ئىيۇندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› ناملىق ئەمگىكىنىڭ يېزىلغانلىقىغا 950 يىل – زامانىۋى ئەھمىيىتى» ماۋزۇسىدا تور ئارقىلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 22-ئىيۇن، ئالمۇتا.
22-ئىيۇندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› ناملىق ئەمگىكىنىڭ يېزىلغانلىقىغا 950 يىل – زامانىۋى ئەھمىيىتى» ماۋزۇسىدا تور ئارقىلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 22-ئىيۇن، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

ئالمۇتادا تور ئارقىلىق  ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئالىملار، مائارىپ ۋە ئەدەبىيات كېڭەشلىرى، شۇنىڭدەك قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندىن، قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردىن تونۇلغان ئالىملار، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ  ۋەكىللىرى، مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، يازغۇچىلار ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىلدى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بىيولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادېمىك، ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىمجان ۋېلەموف رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇنىڭ كىرىش قىسمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان پىرېزىدېنتى يېنىدىكى مىللىي قۇرۇلتاي  ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئېرشات ئەسمەتوف ۋە باشقىلار مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەسىرىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى، ئۇنى تەتقىق قىلىشتا ئالىملارنىڭ كۆپ ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، دوتسېنت مەغپىرەت كامال «ئۇلۇغ تۇركىيشۇناس ئالىم، پەيلاسوپ، فىلولوگ، تارىخچى، ئېتنوگراف، جۇغراپىيەچى مەھمۇد قەشقەرى توغرىسىدا قىسقا مەلۇماتلار»، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى راھىلە قەشقەرلى «دۇنياۋىي ئەھمىيىتى زور ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك›  توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە» ناملىق ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىندا يەنە قازاقىستان پەن ۋە ئالىي بىلىم مىنىستىرلىقى سۇلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پىروفېسسور رىسالەت كەرىموۋا «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق ئېيتقانلىرى»، قىرغىزىستانلىق ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پىروفېسسور سەيپۇللا ئابدۇللايېف «تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ گۆھەرلىرى»، ئۆزبېكىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەھرومجان خەينەزەروف «ئۆزبېكىستاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىلمىي مىراسىنىڭ  تەتقىقاتى» ماۋزۇلىرىدا دوكلاتلار ئوقۇپ ئۆتتى.

22-ئىيۇندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› ناملىق ئەمگىكىنىڭ يېزىلغانلىقىغا 950 يىل – زامانىۋى ئەھمىيىتى» ماۋزۇسىدا تور ئارقىلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 22-ئىيۇن، ئالمۇتا.
22-ئىيۇندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› ناملىق ئەمگىكىنىڭ يېزىلغانلىقىغا 950 يىل – زامانىۋى ئەھمىيىتى» ماۋزۇسىدا تور ئارقىلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 22-ئىيۇن، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پىروفېسسور سەيپۇللا ئابدۇللايېف ئەپەندى مەھمۇد قەشقەرى ئەمگىكىنىڭ قىرغىزىستاندا كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمە قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ يەنە بىر ئەسەر بار. ئۇ بولسىمۇ  «كىتابى جاۋاھىر ئان-نەھۋ فى لۇغەت ئات-تۈرك» دېگەن ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر توغرىلىق ئالىم ئۆزى مەلۇمات بېرىدۇ، ئەمما بۇ ئەسەر تېپىلماي قالغان. شۇنداقتىمۇ بىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹ئىزى› بىلەن مېڭىپ ۋە ئىلھاملىنىپ، بۇ بوشلۇقنى تولتۇرۇشقا  ھەرىكەت قىلىپ باقتۇق. بۇنىڭدا بىز  ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› نىڭ مېتودولوگىيەسىدىن پايدىلاندۇق. نەتىجىدە تەتقىقاتىمىزنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللارغا تەئەللۇق بولغان تىل بىرلىكلىرى سىنتاكسېمىلار سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئۇنى تەسۋىرلەپ چىقتۇق. سىنتاكسېمىلار ئەنئەنىۋى جۈملىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ئەمەس. ئۇلار تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ ھەقىقىي جەۋھەرلىرىدۇر. چۈنكى ئۇلارغا ئاساسەن تۈركىي تىللاردا سۆزلىگۈچىلەر بۇ دۇنيادىكى بارچە شەيئىلەر توغرىلىق ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى بىلدۈرەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسىدا نۇتۇقتا سانسىز جۈملە ۋە ئىبارىلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹ئىزى› بىلەن ماڭغاندا مانا مۇشۇنداق ئىلھام ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى ئىمكانىيەت تۇغۇلدى.»

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فىلولوگىيەسى ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە مەھمۇد قەشقەرىنى ئوقۇتۇش توغرىلىق توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، بىلىم بېرىش ساھەسىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ باردى. مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، قازاقىستان ناھايىتى كۆپ مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، مۇستەقىل ئەلنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بىلىم بېرىش پىروگراممىلىرىنى ئىشلەپ چىقتى. مۇشۇ پىروگراممىلار ئاساسىدا يېزىلغان دەرسلىكلەرنى «يېڭى ئەۋلاد دەرسلىكلىرى» دەپ ئاتالدى. مەزكۇر پىروگراممىلاردا ئانا تىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇرۇن بۇ پەن 9-سىنىپقىچە ئوقۇتۇلغان بولسا، يېڭى پىروگرامما بويىچە 10-11-سىنىپلاردىمۇ ئۆتۈلىدىغان بولدى. 5-8-سىنىپلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى سىستېمىلىق تۈردە بېرىلگەن بولسا، 9-سىنىپتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا تۈركىي تىللار بىلەن ئوخشاشلىقلىرى ۋە پەرقلىرى؛ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمىي تۈرك ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلار؛ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىلىستىكىسى؛ ئۇيغۇر تىلى شېۋىلىرى ئۆتۈلدى. 10-11-سىنىپ دەرسلىكلىرى پىروگراممىغا باغلىق ئىجتىمائىي-گۇمانىتارلىق ۋە تەبىئىي-ماتېماتىكىلىق يۆنىلىشلەردە يېزىلدى.»

رۇسلان ئارزىيېف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي-گۇمانىتارلىق يۆنىلىشتە يېزىلغان 10-سىنىپ ‹ئۇيغۇر تىلى› دەرسلىكىدە ناتىقلىق سەنئىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەتچىلىكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۇتۇق ئەدەبلىرىگە ئوخشاش بۆلۈملەر بېرىلدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەتچىلىكى بۆلۈمىدە مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئەمگىكى ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. 280 بەتلىك دەرسلىكنىڭ ئاتمىشقا يېقىن  بېتى بىۋاسىتە ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› كە بېغىشلانغان.»

ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئەللىرى، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا پات-پاتلا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەنە شۇ «دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك» ئەمگىكىگە مۇراجىئەت قىلىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. بۇ جەھەتتە ئۇلار مەھمۇد قەشقەرى ئەمگىكىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.