ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر جامائىتى 1-ئۆكتەبىر «ماتەم كۈنى» دە ۋەتەن شېھىتلىرىنى ياد ئەتتى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.09.30
qazaqistan-paaliyet-01 قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «قورغان» رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» بولغان بۇ قارا كۈندە ۋەتەن ھەققىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 29-سېنتەبىر، ئالمۇتا
RFA/Oyghan

بۇنىڭدىن ئون يىل مۇقەددەم، يەنى 2014-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، ياپونىيە، تۈركىيە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەزىر شەكلىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىل 29-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «قورغان» رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» بولغان بۇ قارا كۈندە ۋەتەن ھەققىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

بۇ مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزاسى رەھىمجان مەڭسۈروف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە قازاقىستاندىكى مۇمكىنچىلىكلەردىن توغرا، ئورۇنلۇق پايدىلانغان ھالدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ئاندىن بۇ مۇراسىمدا ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلغان شېھىتلەرگە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۈچ مەسىلە بويىچە، يەنى خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى «دۆلەت بايرىمى» نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» ھېسابلىنىدىغانلىقى؛ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇر نۆۋەتتىكى مەسىلىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 8-قۇرۇلتىيى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «قورغان» رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» بولغان بۇ قارا كۈندە ۋەتەن ھەققىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 29-سېنتەبىر، ئالمۇتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى يەنە بىر ۋەكىلى روبېرت ئۆمەرباقىيېف ئەپەندى، كېيىنكى يىللاردا 1-ئۆكتەبىر «ماتەم كۈنى» نىڭ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئاممىۋى شەكىلدە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەنئەنىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرى كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ‹ماتەم كۈنى› دەپ قاراپ كەلدۇق. بۇ جەرياندا شېھىت بولغان، شۇنداقلا ھازىرقى كۈنلەردە لاگېرلاردا تۈگەپ كەتكەن شېھىتلىرىمىزگە ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ كۈنلەردە لاگېرلاردا يېتىۋاتىدۇ، مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتىدۇ. خىتاي يەنە خانىم-قىزلىرىمىزنى تۇغماس قىلىش، ياش-گۆدەكلەرنى ئانىلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن ئايرىۋېتىش، ئىچكىي ئورگانلارنى سېتىش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىردىنبىر سىياسىتى ئۇيغۇرىستاننى يوقىتىش ۋە خىتايلاشتۇرۇشتۇر. ۋەتىنىمىزدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دەپ ئەھۋال سورىيالمايدىغانلىقىدىن، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىدىن مۇشۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈشكە بولىدۇ.»

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «قورغان» رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» بولغان بۇ قارا كۈندە ۋەتەن ھەققىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 29-سېنتەبىر، ئالمۇتا
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «قورغان» رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» بولغان بۇ قارا كۈندە ۋەتەن ھەققىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 29-سېنتەبىر، ئالمۇتا
RFA/Oyghan

روبېرت ئۆمەرباقىيېف ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئالدىدا ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاش، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ياش ئەۋلادلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشكە ئوخشاش مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشتا ياشلارنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇلارنىڭ بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك رايونىدىكى ۋەكىلى، ياشلار مەشرىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بەختىشات مەمەتباقىيېف ئەپەندىدۇر. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كوممۇنىست خىتاي 1949-يىلدىن بۇيان قەدىمىي تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنى مۇنقەرز قىلىپ، ئۇلار رەھىمسىزلەرچە ئېزىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارشى رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئانا تىلىمىزنى چەكلەش، خىتايچىلاشتۇرۇش، باي مەدەنىيىتىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى، سەنئىتىمىزنى، دىنىمىزنى يوقىتىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ. بىز بۈگۈن دۇنيانىڭ باشقىمۇ ئەللىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا خىتاينىڭ ئەنە شۇ قانلىق سىياسىتىگە ئۆزىمىزنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يىغىلدۇق. ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى ۋە باشقىمۇ دېموكراتىك مەملىكەتلەر خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ھەر خىل جازالارنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بىزنى خۇشال قىلىدۇ ھەم بىزگە چوڭ كۈچ-غەيرەت بېغىشلايدۇ. ئەمما بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ۋە تومۇرىمىز تۇتاش بەزىبىر ئەللەرنىڭ بۇ مەسىلىدە جىم تۇرۇۋېلىشى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىتاينى قوللىشى، بىزنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز بۇ كۈرەشنى توختاتماي، سېپىمىزنى كۆپەيتىشكە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «قورغان» رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» بولغان بۇ قارا كۈندە ۋەتەن ھەققىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 29-سېنتەبىر، ئالمۇتا
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «قورغان» رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» بولغان بۇ قارا كۈندە ۋەتەن ھەققىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 29-سېنتەبىر، ئالمۇتا
RFA/Oyghan

ئىگىلىشىمىزچە، ئەركىن ئەخمەتوف باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ھەر يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن پاجىئەلەرگە، شۇنداقلا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرگە بېغىشلانغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئاخباراتنامە» سى جامائەت ئىچىدە تېز تارقىلىپ، كۈچلۈك تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.