ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.08.23
HEALTH-ELILILLY-REUTERS يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ برانچبۇرگ شەھىرىدىكى ئېلى لىلى (Eli Lilly) ۋە شىركىتىنىڭ دورا ياساش زاۋۇتى. 2021-يىلى 9-مارت، برانچبۇرگ
REUTERS

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى 20-ئاۋغۇست بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان كىلىنىكىلىق دورا سىناقلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشىنى، بۇ سىناقلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاش خەۋپى پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى بۇ سىناققا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ 4 نەپەر ئەزاسىنىڭ ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى روبېرت كالىفقا يازغان بۇ مەكتۇپىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دورا شىركەتلىرى ئون يىلدەك ۋاقىتتىن بېرى، خىتاينىڭ ھەربىي ئورگانلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە باغلىق تېببىي مەركەزلىرى ۋە دوختۇرخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، يېڭى ئىشلەپچىقارغان دورىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمىنى سىناق قىلماقتىكەن.

مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز يەنە ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاھالىسىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دوختۇرخانىلار بىلەن كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلدۇق. بۇ رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان تارىخىي زۇلۇم ۋە تېببىي كەمسىتىشنى نەزەردە تۇتقاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىشتا جىددىي ئەخلاقىي ئەندىشىلەر بار.»

بۇ مەكتۇپنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلىنار، بۇ كومىتېتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى راجا كرىسنامۇرتى ۋە كومىتېت ئەزاسى ئاننا ئېشو ۋە نېل دۇننىڭ يازغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ خىتايدىكى كىلىنىكىلىق سىناققا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىشى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا نامەلۇم دورا ۋە ئوكۇللارنىڭ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. گەرچە بۇنىڭ بىلەن كىلىنىكىلىق سىناقنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ئېنىق دەلىل بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، بۇنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشى باردەك بىر گۇماندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. 2018-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچىدىكى بىر لاگېرغا قامالغان زۇمرەت داۋۇت 21-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، لاگېردا تۇتقۇنلارغا ھەر 24 سائەتتە بىر قېتىم دورا بېرىلىدىكەن.

ھالبۇكى، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىدا، «ئىشەنچلىك دوكلاتلار بۇ رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئۆز بەدىنىگە ئىگىدارچىلىقتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى» تەكىتلەنمەكتە. مەكتۇپتا قەيت قىلىنىشىچە، «شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خالىسانە كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق» بولۇپ، «ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەقسەتسىز ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىمارلارنى كىلىنىكىلىق سىناققا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇشتىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلانغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.»

بېلگىيە لېئۇۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، بىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى يېۋېس مورېئۇ (Yves Moreau) بولسا، پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىدا تىلغا ئېلىنغان ئەندىشىلەرنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەندىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. يېۋېس مورېئۇ 22-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ مەكتۇپ ئىنتايىن دىققەت قىلارلىق مەكتۇپ بولۇپ، مەكتۇپتا ئىنتايىن مۇھىم بىر قانچە مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ مەكتۇپتا ئىككى نۇقتا بار، ئەڭ قىزىقارلىق نۇقتىسى، پالاتا ئەزالىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكا ياكى كەڭ دائىرىدىن ئېيتقاندا غەرب بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشى، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر ئەندىشە. لېكىن بۇ يەردىكى سوئال بۇ رىقابەتنى بىر تەرەپ قىلىشتۇر.»

پىروفېسسور يېۋېس مورېئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، باستۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان بىر رايوندا كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىش بۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس ئىكەن.

يېۋېس مورېئۇ مۇنداق دېدى: «باستۇرۇش بولغان ياكى بولۇۋاتقان بۇ رايوندا ھەر قانداق شەكىلدىكى كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىش ئەخلاقى ئۆلچەمگە دائىر مەسىلە، بۇ سەل قارىغىلى بولىدىغان بىر مەسىلە ئەمەس. بۇ، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى جىددىي ئويلىشىدىغان ئەمەس، بەلكى قانداق تەدبىر قوللىنىشىنى ئويلىشىدىغان مەسىلە، دەپ قارايمەن. »

پىروفېسسور يېۋېس مورېئونىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بارلىق دوختۇرخانا تورىنىڭ ھەممىسىنىڭ شىنجاڭغا باغلىنىشلىق بولۇشى ئۇنى ھەيران قالدۇرماقتا ئىكەن. يېۋېس مورېئو مۇنداق دېدى: «مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولغان مەملىكەت خاراكتېرلىك بۇ كەڭ توردا، بۇ دۆلەتتىكى پۈتۈن دوختۇرخانىلارنىڭ ئاساسەن شىنجاڭغا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە باغلىنىشلىق بولۇشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.»

بىز 21-ئاۋغۇست ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئېلخەت يېزىپ ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ ئىدارە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىسقا يازمىسىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار «مەكتۇپنى تاپشۇرۇۋالغان، ئەمما ئۇنىڭ جاۋابىنى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا بېرىدىكەن.»

Lilly شىركىتى خىتاينىڭ بازىسى خوڭكوڭدىكى ئىنوۋېنت-بىيولوگىيە (InnoventBio) شىركىتى بىلەن شېرىكچىلىك ئورناتقان ئامېرىكا دورا كارخانىسى. بۇ شىركەتنىڭ باياناتچىسى جەرىد شاپىرو 21-ئاۋغۇست مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا، «Lilly ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدۇ. ھەمكارلاشقۇچىلىرىنى قاتتىق باھالاپ، ئۇلارنىڭ تەتقىقات ۋە سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى لىلىنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇنىڭدەك كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بارغاندا ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ، سۈپەت ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەرنىڭ بۇ خىل سىناقلارغا ئۆز رازىلىقى بىلەن قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. سوفىيە رىچاردسون 21-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «تەتقىقاتچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان بۇ خىل سىناققا ئۆز رازىلىقى بىلەن قاتنىشىش ئەخلاقى ئۆلچىمى خىتايدىكى خەلقلەر ئېرىشىشى قىيىن بولغان مۈشكۈل بىر مەسىلە. مەلۇم شەكىلدىكى تۇتقۇنلار لاگېرى مەۋجۇت بولغان بىر يەردە ياكى ئۇيغۇر رايونىدەك بىر جايدا، سىز ھۆكۈمەت قوللىغان ئىشلارنى رەت قىلالمايسىز، شۇنداقلا سىز تەتقىقاتچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان سىناق ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىچە رازىلىق بېرەلمەيسىز.»

سوفىيە رىچاردسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايدىكى بۇ خىل كىلىنىكىلىق سىناقلاردا خەلقئارا قانۇن، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلىنماقتىكەن. رىچاردسون: «كىشىلەرنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقلارغا ئۇلارنىڭ رازىلىقسىز قاتنىشىۋاتقانلىقىغا دائىر بايانلار، كۆپ خىل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا، ھەتتا خىتاينىڭ سەھىيە قانۇنى، شەخسى مەخپىيەتلىك قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپتۇر» دېدى.

بۇ مەكتۇپتا يەنە ئامېرىكانىڭ بىئو-تېخنىكا ساھەسىدىكى ھالقىلىق ئەقلىي مۈلۈكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىش ياكى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەۋپى جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن. مەكتۇپتا قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دورا شىركەتلىرى ھەمكارلىق ئېلىپ بارغان خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 307-دوختۇرخانىسى خىتاي ھەربىي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق بولۇپ، بۇ ئورۇن ئىلگىرى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىكەن.

مەكتۇپتا، بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئېرىشكەن تېخنىكىنى خىتاي ھەربىي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى، خىتاي ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بۇ تېخنىكا كىلىنىكىلىق سىناقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا ئائىت ئىنتايىن نازۇك سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.