ئامېرىكا سىياسىيونلىرى: «قەلبىمىز ھەرقاچان ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە! »

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.12.06
nancy-Pelosi-uyghur-akademiyesi-dc-18 ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى (Nancy Pelosi) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
RFA/Shehrizad

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىر قوللۇق ساھىبخانلىقى،  ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ قاتنىشىشىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر سەنئەت كۆرگەزمىسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 4-دېكابىردىكى پائالىيىتى ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، چۈشتىن كېيىنكى بۆلەك دىركسېن (Dirksen) كېڭەش پالاتا زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. زالنى چۆرىدەپ تىزىلغان ماي بوياق رەسىملەر قازاقىستانلىق رەسسام ئەخمەتجان ئەخەت، مەمەتجان جۈمە ۋە گۈلناز تۇرسۇننىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن بىر قىسىم ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان روھىيەت دۇنياسىنى ئۆزگىچە شەكىلدە نامايان قىلماقتا ئىدى.

«ئۇيغۇر سەنئەت كۆرگەزمىسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، تېببىي پەنلەر دوكتورى رىشات ئابباس سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
«ئۇيغۇر سەنئەت كۆرگەزمىسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، تېببىي پەنلەر دوكتورى رىشات ئابباس سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
Campaign For Uyghurs

ئىككى سائەتچە داۋام قىلغان كۆرگەزمىدە ھەر ساھەدىن كەلگەن كىشىلەر بۇ رەسىملەردىن ئۆزىگە يارىشا زوق ئېلىش بىلەن بىرگە رەسساملاردىن بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان سوئاللارنى سوراشتى. يىغىننىڭ مۇھاكىمە باسقۇچى باشلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كېلىشى بىلەن زالدا يېڭىدىن ھاياجانلىق بىر كەيپىيات شەكىللەندى.

«ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
«ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
RFA/Gulhumar

يىغىن رىياسەتچىسى سابرىنا خانىم ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، تېببىي پەنلەر دوكتورى رىشات ئابباسنى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. رىشات ئابباس سۆزىدە زالغا تىزىلغان رەسىملەرنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلاردىكى مەدەنىيەت مىراسى بولۇشتىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق روھىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئادالەتنى ھىمايە قىلىش روھىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس (Christopher H. Smith) سۆزلەۋاتىدۇ.2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس (Christopher H. Smith) سۆزلەۋاتىدۇ.2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
RFA/Shehrizad

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى يانۋاردا رەسمىي قارار ئالغاندىن بۇيان ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلار بىردەك بۇ قارارنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن ھەمدە بۇ مەسىلىدە ئىككى پارتىيەنىڭ ھېچقانداق پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە كەلگەن كىشىلەردىن «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مۇلىنار (John Moolenaar) مۇ ئۆز سۆزىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ ئۆزى رەئىسلىك قىلىۋاتقان كومىتېتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىر ئەسىرلىك ئۇزاق مۇساپىدە نامايان قىلغان رەزىللىك ۋە قەبىھلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ يوسۇندىكى ۋەھشىيلىكىنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىدا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداقلىقىنى ھازىر ھەممىلا كىشى ناھايىتى روشەن كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ «خىتاينىڭ بۇ يوسۇندىكى قەبىھ قىلمىشلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى بىزگە سېتىپ، بىزنى بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك قىلىپ قويۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتلەردىن بىرى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى بولسا دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان خاراكتېر ئالماقتا. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئوخشاشلا ئۇنتۇلمايدۇ. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇ ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كومىتېت ئۇيغۇرلاردىن قىرغىن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھېمايىگەرلىكىنى قىلىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمايدۇ. بۇ قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغان شىركەتلەرنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بىلەن بۇ مەسىلىدە داۋاملىق ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرىدۇ.

«ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كىرىشنامورسىي (Raja Krishnamoorthi) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
«ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كىرىشنامورسىي (Raja Krishnamoorthi) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
RFA/Shehrizad

مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كىرىشنامورسىي (Raja Krishnamoorthi) ئىككى پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئورتاق مەيدانىدا ئەكس ئېتىۋاتقان يېڭىچە ئىتتىپاقلىقنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش ئەقىلدارى» دەپ قارىلىۋاتقان ۋاڭ خۇنىڭ «ئامېرىكا دۆلىتىنى ئىچكى قىسىمدا پارچىلىۋېتىش ئارقىلىق ھالاك قىلىش» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن. ھالبۇكى نۆۋەتتىكى ئامېرىكا سىياسىي ساھەسى ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك پارچىلىنىش ئورنىغا تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ دۈشمەن كۈچكە قارشى بىرلىشىشكە يۈزلەنگەن. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بولسا بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرى بولغان. يېقىندا ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن چېكىنىپ چىقىشى، ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى ئىسكەنجىدىن خالاس بولۇپ ئامېرىكا تەۋەسىگە يېتىپ كېلىشى ئەمەلىيەتتە گۈلشەن ئابباسقا ئوخشاش لاگېرلارغا مەھكۇم قىلىۋېتىلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، شۇنىڭدەك مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈكى يولىدا ئېلىنغان تىرىشچانلىقنىڭ كىچىككىنە نەتىجىسى. گەرچە بۇ مۇساپە تېخى ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ تاكى مۇشۇ مەھكۇم ئىنسانلار پۈتۈنلەي ئەركىنلىككە چىقمىغۇچە راجا كىرىشنامورسىغا ئوخشىغان سىياسىيونلار بۇ ھېمايىگەرلىكتىن ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ.

ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان ۋەكىللىك كىشىلەرنىڭ بىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى (Nancy Pelosi) خانىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن سۆز نۆۋىتىدە ھاياجان ئىچىدە نۆۋەتتىكى ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئورتاق قاراشنىڭ ئاللىقاچان مۇقىملىشىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2019-يىلى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ «20 دۆلەت باشلىقلىرى» (G20) يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيەگە بارغاندا ئۇ پىرېزىدېنت بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋېتىپ «ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى ئىككى پارتىيە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. سىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە توغرىسىدا شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقسىڭىز» دېگەن. نەتىجىدە پىرېزىدېنت ترامپ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا شى جىنپىڭ «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ جاۋاب ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولغان. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇشۇنداق بىر كۆرگەزمە ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى نامايان قىلىشى بۇ جەھەتتىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولغۇسى.

ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن تام سۋازى (Tom Suozzi) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن تام سۋازى (Tom Suozzi) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
RFA/Shehrizad

ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن تام سۋازى (Tom Suozzi)، ياڭ كىم (Young Kim)، جو ۋىلسون (Joe Wilson) قاتارلىقلارمۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق پەقەت ئۇلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىچە كىملىكى سەۋەبىدىنلا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پاجىئە بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ ھەقتە ئىلگىرى ماقۇللانغان قانۇنلارغا ئوخشاش يېڭى قانۇنلارنىڭمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ماقۇللىنىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشلار ھەققانىيەت جۈملىسىگە ياتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بۇ كۈرەشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى دافنا راند (Dafna Rand) ، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) نىڭ رەئىسى دەيمون ۋىلسون (Damon Wilson)، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى (USIP) نىڭ ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمى دىرېكتورى سكوت ۋوردېن (Scott Worden)، خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتى (IRI) نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كىمبېر شىرېر (Kimber Shearer)، ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى دىرېكتورى مايكىل شىففېر (Michael Schiffer)، كانادانىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى سارا كويېن (Sara Kohen) قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق شۇنچە ئاشكارا بولۇۋاتقاندا بۇنى توسۇش ۋە توختىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ شارائىتى يار بەرگەن دائىرىدە ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى تود ستەيىن سۆزلەۋاتىدۇ.2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى تود ستەيىن سۆزلەۋاتىدۇ.2024-يىلى 4-دېكابىر، ۋاشىنگتون
RFA/Shehrizad

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئارىلىقتا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا سىياسىيونلىرىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نامىدىن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلغاندا زالدا توختىماستىن ئالقىش ياڭرىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.