ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىق ھەرىكىتىگە ئۆتكەن
2024.10.02
ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى 30-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى تەيۋەننى 570 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغان پىلانىنى ئېلان قىلغان. تەيۋەننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ يۈرۈشلۈك ياردەم پىلانى ھەربىي تەلىم-تەربىيە، تانكىغا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش قوراللىرى، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«نىككىي ئاسىيا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بەرگەن يوليورۇقىدا، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى تەيۋەننى مۇداپىئە بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمىتى، ھەربىي تەلىم-تەربىيە ۋە ھەربىي مەشىق بىلەن تەربىيەلەش خىزمەتلىرى ئۈچۈن 567 مىليون دوللار ئاجرىتىشقا بۇيرۇغان.»
بۇ بۇيرۇق ئامېرىكانىڭ ئۆز قورال زاپىسىنى تەيۋەنگە بىۋاسىتە ئەۋەتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ھەرىكەتنى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇشىدا قوللىنىپ كەلمەكتىكەن.
ئامېرىكادىكى رەند تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، دوكتور رايموند كونىڭ دېيىشىچە، بۇ تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلغان ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ئۆز قانۇنلىرىغا ئاساسەن تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ياردەمنى ماقۇللىغان. ئەلۋەتتە، بۇ خىتاينى قاتتىق نارازى قىلسىمۇ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئامېرىكا ئۈچۈن بەكرەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىتىنى كۈچەيتىۋاتقان ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا، ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغداش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى، دەپ باھالانغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە بۇ قېتىم ماقۇللىغان ھەربىي ياردىمى خىتاي تەھدىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«مەنچە، ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىملىق ھەربىي ياردەمنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەستىقلىشى خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ تەيۋەن ئۈچۈن بەزى ئالاھىدە تىپتىكى قورال-ياراغ سىستېمىسىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا تەيۋەن خىتاينىڭ بۇ قوراللىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.»
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تالاش-تارتىشتىكى سكاربورو قىرغىقىغا يېقىن جايدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.
بۇ مانېۋىر، دەل يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن نيۇ-يوركتا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا «خەتەرلىك ۋە مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرىكەتلەر» دە بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 27-سېنتەبىر جۈمە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائەت بازىسىنى قوللاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىمۇ ئېيتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىلىنكىن شۇ كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە ئىمپورت قىلىۋاتقان قورال-ياراغلىرىنىڭ تەخمىنەن 70 پىرسەنتى، مىكرو ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، «بۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، راكېتا، بىرونېۋىك ۋە ئوق دورا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.
ئانتونىي بىلىنكېن، «بېيجىڭ بىر تەرەپتىن تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى، توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى دەيدۇ-يۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز شىركەتلىرىنىڭ پۇتىننىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
دوكتور رايموند كونىڭ دېيىشىچە، رۇسىيەنىڭ ناتو دۆلەتلىرىگە بولغان تەھدىتى جىددىي بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ مۇرەككەپ خەۋپ يەنىلا خىتاي ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «رۇسىيەنىڭ تەھدىتى ھەقىقەتەن جىددىي. ئۇ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. بۇ ئۇرۇش ئوتىنىڭ ناتو دۆلەتلىرىگە چاچراش ئېھتىماللىقى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. ئامېرىكانىڭ ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، بىراق بۇ يەردە قېيىن بولغىنى خىتاي. خىتاي، ئامېرىكا ئۈچۈن يەنىلا ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ رۇسىيە ۋە ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە تولىمۇ زور كۆلەملىك تەھدىت. شۇڭا بۇ تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىنىش كېرەك.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكادىكى «تاشقى ئىشلار» ناملىق ژۇرنالدا «ئامېرىكانىڭ يېڭىلىنىش ئىستراتېگىيەسى-يېڭى دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنىنى قايتا تىكلەش» ماۋزۇلۇق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ماقالىسىدىمۇ خىتاي تەھدىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاينى «خىتاي دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش نىيىتى ھەم ئىقتىدارى بولغان بىردىنبىر دۆلەت» دەپ تەسۋىرلىگەن.
ئۇ بۇ ماقالىسىدە يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «خەلقئارادا يېڭى دەۋرنى بەلگىلەش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەت ئېلىپ بېرىلماقتا. ئاز ساندىكى دۆلەتلەر بولۇپمۇ رۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە شۇنداقلا خىتاي ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا تۈزۈمنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. بۇ مۇستەبىت دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەپ، چەت ئەللەردە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە؛ زېمىن ماجىرالىرىنى مەجبۇرلاش ياكى زورلاش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ھەممىدىن مۇھىمى ئامېرىكانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئاساسى بولغان ھەربىي ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكى، پۇل بىرلىكىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەڭداشسىز شېرىكلىك ۋە ھەمكارلىق تورىنى بىتچىت قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. »
دوكتور ئاندېرس كورمۇ سۆزىدە، «يۇقىرىقى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنى ئىنتايىن كەسكىن ۋە جىددىي دەپ باھالىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياپونىيە، كورېيە، تەيۋەن ۋە ئاۋسترالىيەنى دەرھال بۇ تەشكىلاتقا تولۇق ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇستەقىل ھالدا يادرو تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىشى كېرەك.»
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ نۆۋەت ب د ت دا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى دەل بۇ ئورتاقلىق ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە بولغان ئىكەن.