ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.03.08
uyghur-tutqun-qurban-mamut-3-8 ئوڭدىن سولغا ئەدەبىي تەرجىمان ئەخمەتجان جۈمە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋايىت، دوختۇر گۈلشەن ئابباس، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تونۇلغان ژۇرنالىست قۇربان مامۇت
RFA/Sintash

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن بىر مەھەل خەلقئارا سىياسەت ساھەسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىدىغان تېمىلاردىن بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بۇ مەسىلە تەدرىجىي دىققەتتىن قېچىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنداق بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 40 نەچچە ئەزاسى 8-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفيىلد خانىمغا كوللېكتىپ مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم جىددىي ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكىل مەككائۇل (Michael McCaul) ۋە باشقا ئەزالاردىن مايك ۋالتىز (Mike Waltz)، رو خاننا (Ro Khanna) قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقىدا تەييارلانغان بۇ مەكتۇپقا ئىمزا قويغانلار ئىچىدە ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن راجا كرىشنامورسى، ياڭ كىم، جېيمىس مەكگوۋېرن، كرىستوفېر سىمىس، جېننىفېر ۋېكىستون قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىدۇ. مەكتۇپتا 2024-يىلى يانۋاردا جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي ھەققىدىكى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش» (UPR) خۇلاسىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ قېتىملىق يىغىندا «شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىنغان شەخسلەرنى تېزدىن قويۇۋېتىش» ھەققىدىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن ئۆزلىرىنىڭ بەكمۇ مىننەتدار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەكتۇپتا ئېنىق قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى تەنقىدلەپ «شىنجاڭدىكى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى، شۇنىڭدەك چېگرا ھالقىغان زۇلۇم ئارقىلىق چەتئەللەردىكى شەخسلەرنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى كەسكىن ئەيىبلەيمىز» دېگەنلىكى ئالقىشلانغان.

مەكتۇپتا خىتاينىڭ خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە ئىمزا قويغان تۇرۇقلۇق بۇ خىلدىكى زور تۇتقۇن ۋە قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلدۇرۇشىغا نىسبەتەن بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەھكەم مەيداندا چىڭ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك دۇنياۋى يېتەكچى كۈچ بولۇۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە داۋاملىق ھالدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىملىقى، چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاشۇ زور تۇتقۇندا تۈرمىلەرگە يوللانغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىكەنلىكى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا بولمايدىغانلىقى ئېيتىلغان.

مەكتۇپتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر ئارىسىدا 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دوختۇر گۈلشەن ئابباس، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تونۇلغان ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، ئەدەبىي تەرجىمان ئەخمەتجان جۈمە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋايىت قاتارلىقلار بار. مەكتۇپتا گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 نەچچە ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سىڭلىسى روشەن ئابباسنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى يولىدىكى پائالىيەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

مەزكۇر مەكتۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قېتىم سۆيۈندۈردى. گۈلشەن ئابباسنىڭ ئاكىسى، ئامېرىكا تېببىي پەنلەر ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىشقىمۇ ئىلاجى قالمىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ھەرقانداق ئۇيغۇرنى ئىزچىل تۈردە ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتى يالغۇز «سىياسىي» دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مەكتۇپتا ئالاھىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان قۇربان مامۇت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تولىمۇ چەكلىك خىزمەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەن ئۈلگىلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئوغلى بەھرام قۇربان بۇ مەكتۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

2017-يىلى 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئەخمەتجان جۈمە ئامېرىكا پۇقراسى سۈپىتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئىشلەۋاتقان ئاكىسى مەمەتجان جۈمەنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان شەخسلەرنىڭ بىرى. مەمەتجان جۈمە بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ مەكتۇپنىڭ تېخىمۇ چوڭ ۋە ئەمەلىي بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قېلىشىغا بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى پەردازلاشقا ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، تاشقى دۇنياغا «بۇ جايدىكى ھەممىلا ئىش نورماللاشتى» دېگەن ئۇچۇرنى يوللاشقا باشلىغان. ھالبۇكى، تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى ۋە نەق مەيدان زىيارەتلىرى بۇ جايدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنىڭ كۆرۈنمەس شەكىلدە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.