ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى 2025-يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى
2025.01.01

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك سەۋەبلەردىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاق ماكانلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن كوللېكتىپ ھاياتلىق چەمبىرىكىدە ئۆزئارا ئالاقىدە بولۇش ۋە جەم بولۇپ بار-يوقتىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشتەك ئەنئەنىسى ئىزچىل تۈردە ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىلدىكى جەم بولۇش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىگە جەم بولۇپ، 2025-يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى بولدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش ساھىبخانىلىقىدا تەشكىللەنگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەت 31-دېكابىر كەچقۇرۇن باشلاندى. ۋىرجىنىيەدىكى Hyatt مېھمانخانىسىنىڭ بەش يۈز كىشىلىك زالى ئامېرىكا تەۋەسىدىن، شۇنداقلا ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن لىق تولدى. پائالىيەت رىياسەتچىلىرى مۇستافا ئاقسۇ ۋە كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا «نازاكەت» دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان دوكتور ئېلىس ئاندېرسون بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، زالدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن باستۇرۇشلاردا ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ساھەلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە مەنسۇپ مەزمۇنلار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى ۋە كىملىكى چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش» شوئارى ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەتنى شىددەت بىلەن يوقىتىشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى تەمىنلەپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ خىل رېئاللىققا قارىتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى بۇنىڭدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى قىلىپ تاللىۋالغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن «غەمگۇزار ئانا» ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەييارلىغان «چىنە ئۇسسۇلى» ۋە باشقا نومۇرلار نەپىسلىكى، گۈزەللىكى ۋە سەنئەت يۈكسەكلىكى بىلەن زالدىكى جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خالىسانە قوللاشلىرى بەدىلىگە مېڭىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا كۈچ چىقىرىۋاتقان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ئەنە شۇ خىل خالىسانە خىزمەت قىلغۇچىلاردىن ۋەكىللىك كىشىلەرگە مۇكاپات تارقىتىش بولدى. بۇ يىل مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئابدۇلغەنى مۇسا ۋە «غەمگۇزار ئانا» ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى سۈرەييە قەشقىرى بۇ شەرەپكە نائىل بولدى. سۈرەييە قەشقىرى مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قىسقىچە سۆز قىلىپ، «ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ يالغۇز تىل مەكتىپىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولغان مائارىپقا يول ئاچقۇچى ئىشىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ناخشىچىلاردىن سانىيە ئىسمايىلمۇ ئالايىتەن بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئۈچۈن قازاقىستاندىن يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى جاسارەتكە بېغىشلانغان «مېنىڭ ئىسمىم ئۇيغۇر قىزى» ناملىق ناخشىسى يىللاردىن بۇيان خەلقنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلگەن ئىدى. سانىيە بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن تەييارلانغان سەھنىگە چىقىپ بۇ ناخشىنى نەق مەيداندا ئورۇنلىغاندا پائالىيەت ئەھلى يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.
سانىيە ئىسمايىلنىڭ ئىجادىي ھاياتى ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىدىكى سەنئەت تالانتىنى ئۆزىنىڭ ئارزۇلۇق قىزىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بۇ قىز يالغۇز ئورۇندىغان خەلق ناخشىسى ئەمدىلا بالىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بۇ سەبىينىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇتۇقلىرىدىن دەسلەپكى قەدەمدە بېشارەتلەرنى بەرمەكتە ئىدى.
ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇلىرىنى، شۇنىڭدەك كۈرەش ئىرادىسىنى ئىپادىلەشتە سەنئەتنى بىر تۈرلۈك قورال قىلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن ئالايىتەن شىۋېتسىيەدىن يېتىپ كەلگەن مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئۆزىنىڭ يۇقىرى ماھارىتى ئارقىلىق بىر يۈرۈش جەڭگىۋار ناخشىلارنى تەقدىم قىلدى. «دۇتار شاھى» ئابدۇرېھىم ھېيتتىن بىۋاسىتە تەلىم ئالغان مۇختەر جانباز ئەپەندى ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە «ئاتىلار» ناملىق ناخشىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئېيتىپ، زالدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قەلب تارىنى تىترەتتى.
مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۈسەن ھايات ۋاقتىدا ئىجاد قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئورۇندىغان جەڭگىۋار ناخشىلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇرلارنى كۈرەشكە، ئەركىنلىككە ۋە ئانا ۋەتىنىنىڭ ھۆرىيىتىگە چاقىرماقتا. مۇختەر ئابدۇكېرەم جانباز ئەپەندى بۇ قېتىم مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۈسەننىڭ «ئاتلاندۇق» ناملىق مەشھۇر ناخشىسىنى يۇقىرى ماھارەت قايتا ئورۇنداپ، يېڭى يىل پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان جامائەتنىڭ كەيپىياتىنى يەنە بىر قېتىم يوقىرى ئەۋجىگە كۆتۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر پائالىيەت ئارىلىقىدا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ خىلدىكى نومۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇق بولۇپلا قالماستىن، يەنە مىللىي كىملىك تەربىيەسى ئۈچۈن مۇئەييەن دەرسلىك بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز تېخى يېقىندىلا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» دە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ سېھرى كۈچىنى جانلىق نامايان قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يۈزلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا نەق مەيداندا ناخشا ئورۇنداپ ئۇلارغا شادلىق بېغىشلىغان مۇختەر جانباز ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا سەنئەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئوزۇق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغان پائالىيەت يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىقى دەقىقىلىرىنى تەتۈر ساناقتا ئۇزىتىپ، 2025-يىلىنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىنمۇ خېلى بىر مەھەلگىچە پائالىيەتنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى بېسىلمىدى.