ئامېرىكالىق خىتاي بىلوگېر خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئاقلىشىغا سەھنە يارىتىپ بەردى
2024.11.01
ئامېرىكالىق خىتاي بىلوگېر كايسېر كو (Kaiser Kuo) 23-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ «سىنىكا پودكەست» (Sinica Podcast) ناملىق بىلوگىدا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرىنى زىيارەت قىلغان. مەزكۇر پىروگرامما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارالغاندىن كېيىن، پىروگراممىدىكى خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان بىر تەرەپلىمە قاراشلار خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
پىروگراممىغا قاتناشقان جىياڭ جىياڭ (Jiang Jiang) ۋە لىيۇ ياڭ (Liu Yang) ئىسىملىك بۇ ئىككى مۇخبىر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خادىمى بولۇشتىن سىرت، يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەخسۇس خىتاينىڭ ئېچىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادى مەسىلىلىرىنى ئىنگلىز تىلىدا چۈشەندۈرىدىغان «بېيجىڭ قانىلى» (The Beijing Channel) ۋە «زەنجىۋىل دەرياسى تەكشۈرۈشى» (Ginger River Review) ناملىق بلوگلارنىڭ ئاپتورى ۋە خىتاينى چۈشىنىش» (Got China) ناملىق يۇتۇب قانىلىنىڭ رىياسەتچىلىرى ئىكەن.
ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 29-ئۆكتەبىر كۈنى X ھېسابىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي يۈرۈشلۈك يازما ئېلان قىلغان. ئۇ يازمىسىدا كايسېر كونىڭ پىروگراممىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئاقلايدىغان بىر تەرەپلىك سەھنە ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.
سۆھبەتتە ليۇ ياڭ خىتايدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايچە ئۇسۇل بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى» دېگەن. ئۇ خىتاي ھەل قىلغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ليۇ ياڭ بۇ يەردە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسىنى پەقەت ئامېرىكانىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىنى «مەجبۇرىي ئەمگەك» دەپ قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
كايسېر كو ليۇ ياڭنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ پەقەت ئامېرىكانىڭ «ئۆز مەركەزچىلىك سىياسەت قارىشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئادرىيان زېنز يازمىسىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دەل شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تەشۋىقاتىغا، يەنى بۇ رايوندا يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنى ‹نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› دەپ تەسۋىرلىشىگە دەل ماس كېلىدۇ. بۇ يەردە خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇسىغا خىزمەت قىلىدىغان ئىككى مۇخبىرنى زىيارەت قىلىپ ئوخشىمىغان پىكىر ئېلىش باشقا ئىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭ سىياسىتىنى ‹خىتايچە ئۇسۇل› دەپ ئاقلاش ھەمدە بۇنىڭغا رەددىيە بەرمەسلىك باشقا ئىشتۇر. »
ئادرىيان زېنىز بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، تونۇلغان بىر پودكەستنىڭ مۇشۇنداق بىر سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ سۆھبەت گەرچە قانۇنلۇق بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان شىنخۇا مۇخبىرلىرىنىڭ ۋە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئاقلاشلىرىغا كەڭرى سەھنە ھازىرلاپ بەردى. كايسېر مۇھىم نۇقتىلاردا ئۇلارغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. ھەتتا سۆھبەتتە ئامېرىكانى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ ئىجتىمائىي خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى ۋە ئۇنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلغانلىق، دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ خىلدىكى سىياسەتلەرنى ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› دەپ ئاقلىدى. ‹شىنجاڭدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش› دېگەن بۇ ئاتالغۇ، ئەسلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى ۋە باستۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا كايسېر كو ئۇلارنىڭ پىكىرنى قوللايدۇ، بۇ ئىشتا ئامېرىكانى تەنقىد قىلىدۇ. »
ليۇ ياڭنىڭ پودكەستتە ئېيتىشىچە، ئۇ دادىسىنىڭ ئامېرىكادىكى ئوقۇشى سەۋەبلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا فىلورىدا ئىشتاتىدا بىر مەزگىل ياشىغان ئىكەن. ئالىي مەكتەپنى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا گېرمان تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ نوپۇسىغا ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تەمىناتلار بىلەن شىنخۇ ئاگېنتلىقىغا ئىشقا چۈشكەن. ئۇ خەلقئارا خەۋەرلەر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن بولۇپ، ژۇرنالىستلىقنى ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ، 2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە سۈرىيەنىڭ دەمەشق شەھىرىدە مۇخبىرلىق قىلغان بولۇپ، تىۋىتتېر (ھازىرقى (X قاتارلىق خەلقئارا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىنى تۇنجى قېتىم 2012-يىلى ئاچقان. 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئامېرىكادا مۇخبىرلىق قىلغان.
كايسېر كو ئۆزىنىڭمۇ 2016-يىلى ئامېرىكاغا قايتقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، 2016-يىلىدىكى ئامېرىكا سايلىمى ھەققىدە ليۇ ياڭدىن مۇنداق سورايدۇ: «كىم تېخىمۇ ناچار؟ بەشەر ئەسەدمۇ، دونالد تىرامپمۇ؟»
ليۇ ياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئىككىلا دۆلەتتە مەن ئۇرۇش مەزگىلىدە مۇخبىرلىق قىلدىم. سۈرىيەدە رەسمىي ئۇرۇش بولۇۋاتاتتى، ئامېرىكادا بولسا 2017-يىلى خېلى نورمال ئىدى، 2018-يىلىدىن باشلاپ سودا جېڭى رەسمىي باشلاندى. بارلىق مۇناسىۋەتلەر كۆز ئالدىمىزدا بىر-بىرلەپ ئۈزۈلۈشكە باشلىدى. بۇ مەن ئۈچۈن ئاجايىپ بىر جەريان بولدى.»
جىياڭ جىياڭنىڭ پودكەستتە ئېيتىشىچە، ئۇمۇ ئاساسلىقى خەلقئارا خەۋەرلەرنى ئىشلىگەن. 2021-2022-يىللىرى پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە مۇخبىرلىق قىلغان.
پىروگرامما جەرياندا كايسېر كو ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان پاسسىپ سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا لىيۇ ياڭ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «مېنىڭچە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سىستېمىسىنى ئەڭ ياخشى، دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە ئۆزىگە ئىشەنگەندە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن باشقا سىستېمىلارنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىز دائىم دەپ كېلىۋاتىمىز، خىتاي ئوخشىمايدىغان بىر دۆلەت. پەرقلىق بىر يولدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئېچىدىكى مەسىلىلىرىنى ئۆزىنىڭ يولىدا ھەل قىلىۋاتىدۇ. بۇنى خىتاي جەمئىيىتى قوبۇل قىلغىنى بىلەن غەرب قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەندەك. بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز، ئەلۋەتتە خىتاينىڭ مەسىلىلىرى بار، لېكىن ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلىلەرگە خىتاينىڭ لوگىكىسى بويىچە قاراش كېرەك. »
ئۇ دەرھاللا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى مىسال قىلىپ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ: «شىنجاڭدىكى ئەمگەك كۈچىدىكى يۆتكەش مەسىلىسى ناھايىتى زىل مەسىلە. بۇ مەسىلىدە توختالساق، شىنجاڭدىكى ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش پىروگراممىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ پىروگرامما بويىچە يۆتكىلىۋاتقان شىنجاڭدىكى قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق ئېتنىك ئاز سانلىق گۇرۇپپىلار ئامېرىكا دەۋاتقاندەك ‹مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى›، دەپ قارالماسلىقى كېرەك. مۇشۇ پىروگرامما بويىچە شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلغان شىركەتلەر ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرى يۈرگۈزىدىغان نىشانى بولماسلىقى كېرەك.»
كايسېر كو «ناھايىتى ياخشى نۇقتا» دېيىش ئارقىلىق ليۇ ياڭنىڭ بۇ پىكرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ پودكەستتىكى مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشتۇر. بۇ خىتاي ژۇرنالىستلار بۇ توغرىلىق شەخسىي بىلوگىدا يازغاندىمۇ، مۇشۇ خىل تەشۋىقات ھېكايىسىنى ئاساس قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. بىز بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك. يەنى ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ كەسپىنى قىلىپلا قالماي، دۆلەتنىڭ ئەمرى بىلەن، يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق غەربنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئەيىبلىشىگە قارشى تۇرىدۇ. كايسېر كو بولسا مۇشۇنداق خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلىتىدىغان، بىر تەرەپلىمە سەھنە ھازىرلاپ بەرگەنلەرنىڭ بىرى.»
ئادرىيان زېنز ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قاراتقان تەتقىقاتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئاتالمىش ئۇيغۇر ئىشچىلارنى باشقا ئۆلكىلەرگە يۆتكەش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىرىدەك قىلىدۇ. مېنىڭچە، كايسېر كونىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قوللىمايدىغانلىقىنى دېيىشى ناھايىتى مۇھىم. ھۆكۈمەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئىلىشى زۆرۈر. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتى شۇكى، ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى ئۈنۈملۈك قانۇن چىقارغان بىردىنبىر دۆلەت دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ، ئۇلارغا ياردەم قىلمايۋاتىدۇ. مۇشۇنداق تەشۋىقاتلارغا يول قويغانلىقنىڭ ئۆزى ئىنسانلىققا قىلىنغان خىيانەت. »
پودكەست جەريانىدا كايسېر كو قاتناشقۇچىلاردىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىنى خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى دەيدىغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقنى سورىغاندا، ئۇلار بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇلارنى بىزار قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
بىز كايسېر كونىڭ ئىنكاسىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزى پودكەستىدە ئېلان قىلغان ئېلخەت ئادرېسىغا خەت يازدۇق. ئەمما ئۇ ئېلخېتىمىزگە جاۋاب قايتۇرمىدى.
كايسېر كو 1966-يىلى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. خىتايچە ئىسمى گو يىگۇاڭ (郭怡广) . ئۇ 1988-يىلدىن 1989-يىلغىچە بېيجىڭدا تۇرغان، ۋە خىتايدا داڭق قازانغان ئېغىر مېتال مۇزىكا ئەترىتى «تاڭ سۇلالىسى» (Tang Dynasty) نىڭ باش گىتارچىسى بولغان. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ خىتايدىكى تۇنجى قوش تىللىق تور بەتلەرنىڭ بىرى بولغان ChinaNow.com دا باش مۇھەررىر بولغان، سودىغا مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەردىمۇ ئىستراتېگىيەچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1989-يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكاغا قايتقان. ۋە كىيىن يەنە بېيجىڭغا بېرىپ 2001-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە خىتاي مۇھاجىرلىرى مەركەزلەشكەن ئىنگلىزچە ژۇرنال «بېيجىڭلىقلار» (Beijinger) دا ئىشلىگەن.
كايسېر كو «سىنىكا پودكەست» نى 2010-يىلى بېيجىڭدا باشلىغان. ئۇ پىروگراممىلىرىدا خىتايدىكى داڭلىق ژۇرنالىستلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلىرى توغرىسىدا مۇنازىرە ئىلىپ بارغان. مەزكۇر پودكەست خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا دىققەت تارتقان بولۇپ، 2016-يىلى 4-ئايدا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان نيۇ-يوركتىكى بىر شىركەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان ۋە كايسېر كو ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن بىللە ئامېرىكاغا قايتقان.
ئۇنىڭ بۇ پودكەستى «خىتاي تۈرى» (The China Project، ئىلگىرىكى SupChina) تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ژۇرنال 2023-يىلى نويابىردا مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تىجارەتنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، كايسېر كونىڭ پودكەستىمۇ توختاپ قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ «بەيدۇ» ۋە «يوۋكۇ» تورىنىڭ خەلقئارا ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى ئىكەن. ئۇنىڭ «سىنىكا پودكەستى» مۇ بىلگىنىمىزدەك قايتىدىن جانلانغان.
كايسېر كو خىتايدا ياشىغان ئالدى-كەينى جەمئىي 20 نەچچە يىل جەريانىدا، روك مۇزىكىسىدىن تېخنىكا ئاخباراتچىلىقىغىچە، سودا-ئىقتىسادتىن سىياسىي ئالاقىگىچە بارلىق ساھەلەرگە ئارىلاشقان. ئۇ ھازىر شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ چاپېل رايونىدا ياشىماقتا.