بايدېن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى خىتاينى چەكلەيدىغان ۋە جازالايدىغان سىياسەتلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلماقتا
2025.01.14

14-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى (DHS) ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) بويىچە خىتايدىكى يەنە 37 شىركەتنىڭ جازا تىزىملىكىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، بۇ ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ شىركەت ۋە مۇئەسسەسەنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قارا تىزىملىككە ئېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. يېڭى قوشۇلغان ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەت ۋە مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 144 كە يەتكەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى» (FLETF) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن قوشۇلغان ئورۇنلار ئىچىدە خىتايدىكى ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلىگۈچى زاۋۇت ۋە شىركەتلەر، شۇنداقلا زور كۆلەملىك توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر بار ئىكەن.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالىھاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) باياناتتىكى سۆزىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە يەنە37 شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە قوشۇش ۋە ئومۇمىي ساننى 150 كە يېقىنلاشتۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە تۈزۈمىگە قارشى توختىماي كۈرەش قىلىدىغانلىقىمىزنى، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەۋرەنمەس ۋەدىمىزنى، شۇنداقلا ئەركىن ۋە ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى بوشاشماي قوغدايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالدى. ئۇ بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم پارچىسى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشتىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بۇ ھەرىكەتلەرنى ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىش ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەسئۇلىيىتى بولغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋەدىسىنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 14-يانۋار كۈنى تىزىملىككە قوشۇلغان ئورۇنلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم مىنېرال ماددىلارنى قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق شۇنداقلا كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى پولىسىلىكون بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «كونكرېت ۋە ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بۇ شىركەتلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك خام ئەشيالارنى ئىشلەتكەن ۋە ھەمدە ھۆكۈمەت بىلەن ماسلىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قۇل ئىشچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش، توشۇش، يۆتكەش قاتارلىقلارغا قاتناشقان» دەپ قارايدىكەن.
بۇ شىركەتلەر دوڭخەي JA قۇياش تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، خۇڭيۈەن يېشىل ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 3 تارماق شىركەت، خۇافۇ مودا كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ 25 تارماق شىركىتى، جياڭسۇ مېيكې قۇياش تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ۋە باۋتۇ كىرىمنىي ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، شۇاڭلىياڭ كىرىمنىي ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇپپا) چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى ۋە شۇنداقلا شىنجاڭ زىجىن كانچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە تارماق شىركەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئەلفىدار ئىلتەبىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان شىركەت ۋە ئورۇنلارنىڭ ئەلۋەتتە يۇقىرىدىكىلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق شىركەتلەرنى ئېنىقلاش ۋە جازالاشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بايدىن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگىكىنى جازالاش بىلەنلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىرىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.
مەسىلەن، بايدېن ھۆكۈمىتى 13-يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا دائىر يېڭى چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە يارايدىغان تېخنىكىلارنىڭ خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گىنا رايموندو بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بۇ يېڭى ئېلان قىلىنغان قائىدىلەرنىڭ «نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ رەقىب دۆلەتلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى، بىراق شېرىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ تېخنىكىلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى تېخنىكا ۋە گېئو-سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى جېففىرىي كەين (Geoffrey Cain) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت قالغاندا ئېلان قىلغان بۇ يېڭى چەكلىمىلىرى، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، سىياسىتىنى بەلگىلىگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بۇ چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار يېڭىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتتە قانداق يول تۇتۇدىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. شۇڭا بايدېن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بۇنداق تەدبىرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى ئاشۇرىدۇ، بىراق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى 6-7 يىلدىن بېرى ناچار بولغاچقا، مەن بۇنى مەسىلە يارىتىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېڭى قائىدىلەر ھازىر 120 كۈنلۈك باھا بېرىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇ مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇنلا كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو بولسا بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چەكلىمىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادە قىلغان ۋە «بىز يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ 120 كۈندىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەر، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە شېرىك دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشىنى ۋە بۇ ئاساستا ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 13-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان يەر شارى ئېكسپورت رامكىسى ئىلغار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەك ۋە تېخنىكا ئېكسپورتى خىتاي ۋە رۇسىيەنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىشىغا ئىمكان تۇغدۇرىدىغان ئۈچىنچى دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تەتقىقاتچى جېففىرىي كەيننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئەڭ يېڭى ئۆزەك تېخنىكىلىرىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەش خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسى بىلەن ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئىلغار ئۆزەك تېخنىكىسىغا ئېرىشىشتە ئەسلىدىلا قىيىنچىلىق تارتىۋاتاتتى. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ئىنتايىن قىممەت بىر ساھە. ئادەتتە بىر ئۆزەكتىن كېيىن، يەنە بىر ئۆزەكنى ياساش ئۈچۈن 5 يىلدەك ۋاقىت كەتكەننى ئاز دەپ، ئۇنىڭغا مىليونلارچە دوللار پۇل كېتىدۇ. جۈملىدىن ئۇ ھەم ئىنتايىن قىممەت باھالىق ۋە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان تېخنىكا. دېمەك، ئەگەر خىتاي ئامېرىكادىن بىر ئۆزەكنى سېتىۋالالمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئاز دېگەندە 5-10 يىل ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالدى، دېگەن گەپ. بۇ ئۆزەكلەرسىز ئۇلار ھەربىي ئىشلىرىدا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مۇتلەق نازارەت سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئىلغار ئۆزەك تېخنىكىلىرىنى خىتايغا سېتىشتىن چەكلىشى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساقچى دۆلىتىنى توسۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.»
بايدىن ھۆكۈمىتى تېخى ئالدىنقى ئايدىلا، ئامېرىكانىڭ 20 خىلدىن ئوشۇق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئۈسكۈنىسىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى ۋە ھەمدە نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرىنى ئامېرىكا تېخنىكىسىغا ئېرىشىشتىن چەكلەپ بۇيرۇق ئېلان قىلغان ئىدى.