ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىق رىقابىتى كەسكىنلەشمەكتە (2)
2024.09.25
خىتاينىڭ مۇھىم خام ئەشيالارنى كونترول قىلىشى
ئامېرىكا «فوكس خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 17-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ھەربىي سانائىتىنى چەكلەش ئۈچۈن خىتاي يېڭىدىن بىر چەكلىمە چىقىرىپ، ئامېرىكانىڭ ھەربىي سانائىتىگە كېرەكلىك مۇھىم ئەشيا ئانتىمونىي (سۈرمە) نى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن. بۇ چەكلىمە 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، چەكلەنگەن خام ئەشيالار ئانتىمونىي رۇدىسى (سۈرمە تېشى)، ئانتىمونىي مېتاللىرى، ئوكسىدلانغان ئانتىمونىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئانتىمونىي مېتاللىرى ئوق-دورا، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق راكېتا، يادرو ئوق بېشى، كېچىدە كۆرۈش كۆزئەينىكى، باتارېيە ۋە باشقا يورۇقلۇق ۋولت ئۈسكۈنىلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، 2023-يىلى خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئانتىمونىي دۇنيا بازىرىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. ئەگەر خىتاي بۇ خام ئەشيانى چەكلىسە، ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى چىقىمى بىراقلا ئۆرلەپ كېتىدىكەن.
2023-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن 22 مىڭ توننا ئانتىمونىي سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئانتىمونىي مېتاللىرى ۋە ئوكسىدلانغان ئانتىمونىي ماتېرىياللىرى 63 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. ئامېرىكا گەرچە دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئېنېرگىيە ۋە مۇھىم ماتېرىياللاردا خىتايغا تايىنىپ قالماسلىققا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا نۆۋەتتە ئانتىمونىي ۋە سىرەك توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 خىل خام ئەشيانى ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەت ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىكى سودا جېڭىدە، ئامېرىكا خىتايغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مىكرو ئۆزەك (chip) سېتىشنى چەكلىگەندىن كېيىن، خىتايمۇ ئامېرىكاغا گاللىي، گىرافىت قاتارلىق خام ئەشيالارنى سېتىشنى چەكلىگەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئانتىمونىي قاتارلىق مۇھىم خام ئەشيالارنى ئېكسپورت قىلماسلىق ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، بۇ خام ئەشيالارنىڭ «خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىقتەك خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) خىتاينىڭ مۇھىم مېتاللارنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىشىدىكى سەۋەبنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىغا، بولۇپمۇ تاموژنا بېجى ئۇرۇشىغا باغلاپ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك ساللىۋان ئامېرىكانىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتايغا ھالقىلىق مەھسۇلاتلارنى، مەسىلەن مىكرو ئۆزەكنى ئېكسپورت قىلىشىنى توسىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي دۇنيا بويىچە كەم ئۇچرايدىغان مېتاللارنى ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت، خىتاينىڭ بۇنى كونترول قىلىشى ئەلۋەتتە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى ئامېرىكا ھازىر ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ياپونىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ھەمكارلاشتى. ئۇ خىل كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلار ئەمەلىيەتتە يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىدە تېپىلىدۇ، ئەمما ئۇنى قېزىش ئىنتايىن جاپالىق. ئەگەر ئامېرىكا ئۇنى قازىدىغان يېڭى تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ھېچ بولمىسا مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئازايتالايدىغان بولسا، بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ».
تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھازىر مۇھىم تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا بېقىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشسا، يەنە بىر جەھەتتىن، ھەربىي تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاشقا تىرىشماقتا ئىكەن. خىتاي بولسا ئۆزىدە بار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ قورال ئىشلەپچىقىرىپ، قورال سودىسى قىلىشنىمۇ مەقسەت قىلىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سابىق ئەمەلدارى روب گرېنۋېي مۇنداق دېگەن: «سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىرىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا، بىز دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان سەزگۈر ئەشيالارنى ئىمپورت قىلماسلىق ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇردۇق ۋە ھەممە نەرسىنى ئېكسپورت قىلغۇچى بولدۇق. ئەمما بىز ھازىر ھەممە نەرسىنى ئىمپورت قىلغۇچىغا ئايلانغاندىن بۇيان، بىزدە زور يوچۇق شەكىللەندى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىمىز بۇنىڭغا ھېچقاچان ماسلاشمىدى».
ئامېرىكالىق سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە بەرگەن يازمىچە جاۋابىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي رىقابەتنىڭ ھازىرچە ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىمىسى تۈسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر ئىككى تەرەپ ھەربىي كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قولىدىكى بايلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى تەمىنلەشنى رەت قىلماقتا. مەسىلەن، سىرەك توپا ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېگەندەك. خىتاي رۇسىيەگە ۋە ئىرانغا ياردەم بېرىش، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال تەھدىتىگە مەدەت بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى چېچىشقا ئۇرۇنماقتا. ئامېرىكا خىتاينى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن كېلىدىغان تەھدىتنى يوقاتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇپ بولدى. ئەكسىچە، خىتاي ئامېرىكالىق سەرخىللاردىن پايدىلىنىپ ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى، مەسىلەن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە سودا پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، ئەمما بۇمۇ ئاقمىدى».
ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسلەر خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھدىتى كۈچەيگەن ۋەزىيەتتە ئامېرىكانىڭ ھەر جەھەتتە ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئۈچۈن سودا-ئىقتىساد، تېخنىكا، ھەربىي سانائەتتە خىتايغا تايىنىپ قالىدىغان ساھەدىن قۇتۇلۇش زۆرۈرلۈكىنى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ماددىي ئىمكانىيەتلىرى تولۇق، ھەربىي سانائىتى گۈللەنگەن دەۋرنى قايتا يارىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىكەن.
دوكتور رايموند كو خىتايغا قويۇلغان جازا تەدبىرلىرىدىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ خىتاينىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئېمبارگو قويۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، سىز بىر دۆلەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتەلمەيسىز. ئەگەر بىر دۆلەت مەلۇم تۈر ۋە مەلۇم مىقداردىكى بىرەر مەھسۇلاتقا ئېرىشمەكچى بولسا ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇكرائىناغا ئۇرۇش قوزغىغان رۇسىيەنى ئالساق، ئۇلار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرالايدۇ. يەنى ئۇلار كونا توڭلاتقۇ ياكى كونا كومپيۇتېرنى چۇۋۇپ بولسىمۇ ئۆزلىرىگە كېرەكلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما ئۇلار ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بولمىغاچقا، رۇسلارنىڭ ياسىغان راكېتالىرى ۋە كومپيۇتېرلىرى ئۇنچە ئىلغار بولمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، رۇسلار تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. شۇڭا ئېمبارگو قويسا، تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ دەپ قاراش خاتا. بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئاشۇ مەھسۇلاتقا ئىگە بولۇش تەننەرخىنى ئۆرلىتىۋېتىشىمىز كېرەك. ئېمبارگو دېگەن ئەنە شۇ، مانا بۇ قارشى تەرەپنىڭ دۈشمىنىنى ئاز كۈچ بىلەن كۆپ بەدەل تۆلەتكۈزىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەدۇر».
ئامېرىكالىق بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئاشكارا جازا تەدبىرلىرىنىڭمۇ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىگە سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى بىزنىڭ ئارمىيەمىزگە كېرەكلىك كان مەھسۇلاتلىرى ۋە زاپچاسلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتتى. خىتايلار ئاللىقاچان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتسىمۇ، بىزدىكى سەرخىللار ئۆزلىرىنى تىنچلىقتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا. ھالبۇكى بىز خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ گەپلىرى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ تۇرالمايمىز».
خىتاي ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ۋە مۇھىت بۇلغايدىغان كان بايلىقلىرى ئىچىدە ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان كان بايلىقلىرى مەۋجۇت. خىتاينىڭ بۇلارنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلماسلىقىدىكى مەقسىتى بىر ياقتىن ئامېرىكانىڭ ھەربىي سانائىتىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى كىرگۈزمەسلىك سىياسىتىگە قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپمۇ قارالماقتا ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بۇ كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا چوقۇم خىتايغا تايىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشى، باشقا مەنبەلەرنى ئىزدىشى ياكى ئۆزىدىكى كان بايلىقىنى ئېچىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك ئىكەن.