ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجىنى ئاشۇردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.05.14
Joe-biden ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى نىشان قىلغان يېڭى تاموژنا بېجىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتتە سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 14-ماي، ۋاشىنگتون
REUTERS

ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى 14-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، تىپلىق ئىلغار باتارېيە، كۈنتاختا باتارېيەسى، پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە يېڭى تاموژنا بېجى قويۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. يېڭى تاموژنا بېجى پىلانى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ تۆت ھەسسىدەك كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاينى ئېھتىياجدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ دۇنيا ئىقتىسادىغا خەۋپ يەتكۈزۈش بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى، ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن كېيىن خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قويغان ئەڭ چوڭ تاموژنا بېجى جازاسى، دەپ قارىلىپ، بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئەسلىدىنلا كەسكىن بولغان سۈركىلىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

لېكىن، مەزكۇر تاموژنا بېجىنىڭ، قۇرۇلمىسى سەۋەبلىك پۇل پاخاللىقىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىماسلىقى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ،شۇنىڭدەك بايدېن ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ تاموژنا بېجى خىتاي بىلەن بولغان جىددىيلىكنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقى ۋە  خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى ئىنكاسىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپى كۈچەيسە، بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرىنىڭ قانداق بولۇشىنىڭ ئېنىقسىز ئىكەنلىكىمۇ قەيت قىلىنماقتا.

بەزى ئامېرىكالىق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت بايدېننىڭ يېڭى تاموژنا بېجى قارارى خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىدۇ. بۇ كېچىكىپ ئېلىنغان بىر قارار بولسىمۇ، ئەمما ھېچنېمە قىلمىغاندىن ياخشىراق ئىكەن. ئامېرىكالىق ژۇرنالىست، سىياسى ئوبزورچى، «ئامېرىكا-خىتاي چوڭ تېخنولوگىيە ئۇرۇشى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ:«خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى سودا ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىللار بولدى. بۇ تاموژنا بېجى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەشنىڭ پەقەت بىر پارچىسى، خالاس. ھالبۇكى، ئامېرىكانىڭ ئۆزىنى ئەستايىدىللىق بىلەن قوغداش ۋاقتى كەلگەن.»

گوردون چاڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدېننىڭ 18 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى پىلانىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئومۇمى سودا ھەجمىدىكى تۇتقان ئورنى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ، ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇشتا تاشقى سودىغا تايىنىدىغان خىتاي ئۈچۈن چوڭ مەسىلە دەپ قارىلىدىكەن.

گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ:«شى جىنپىڭنىڭ بىردىن-بىر ئامالى ياكى ئۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش  پىلانى تېخىمۇ كۆپ مال ئېكسپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. بۇ دېگەنلىك خىتاي ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇنيا بازىرىغا چىقىشى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭدا ماڭا شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي يېڭى تاموژنا بېجىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن زور مەسىلە، دەپ ھېسابلايدۇ.» 

2024-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يېڭى تاموژنا بېجىنىڭ كەلگۈسى 3 يىلدا قەدەم باسقۇچلۇق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، كۈنتاختا باتارېيەسى، ئوكۇل، يىڭنە قاتارلىقلار تېببىي ئۈسكۈنىلەر، پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن ۋە باشقا مەھسۇلاتلارغا تەدبىقلىنىدىغانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە، خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ئامېرىكا بازىرىدا ياۋروپادىكىدەك كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا مەركەزلەشكەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ كەلگەن ئەرزان باھالىق خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ پات يېقىندا ئامېرىكا بازىرىغىمۇ كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلىنىپ كەلگەن. ئامېرىكادىكى ئىقتىسادشۇناس، ئىقتىسادى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ 14-ماي بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا كۆرسىتىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى قارارى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە ساھەلىرىگىمۇ زەربە بېرىشى ئېنىق ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي 2021-يىلىى 12-ئايدا، ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنگەن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چارقىلىق-خوتەن قاتارلىق جايلاردا يېڭى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش باغچىلىرىنى  قۇرۇپ چىققان. نەتىجىدە، ئۇيغۇر دىيارى توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ  ھالقىلىق ماتېرىيالى بولغان لىتى، شۇنداقلا كۈنتاختا مەھسۇلاتىنىڭ ھالقىلىق ماتېرىيالى بولغان پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشتا، دۇنيادىكى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى پىلانى ئىجرا قىلىنسا، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ تاموژنا بېجى ھازىرقى 27.5 پىرسەنتتىن 102-5 پىرسەنتكە، كۈنتاختا باتارېيەلىرىنىڭ تاموژنا بېجى بىر ئىككى قاتلىنىڭ 50 پىرسەنتكە، ئاليۇمىن ۋە پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجى 25 پىرسەنتكە چىقىدىكەن.

ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىتنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى 4 يىل مابەينىدە ئامېرىكا خىتاينىڭ «پۈتۈن دۇنيانى خىتايغا ئايلاندۇرمىغىچە توختىمايدىغانلىقى» نى تونۇپ يەتكەن، شۇڭا بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

لېكىن ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بايدېننىڭ 18 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قارارى ئامېرىكا-خىتاي سودا ھەجىمىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئاز سالماقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك قارار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا. لېكىن گوردون چاڭ، 18 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى سودا ھەجمىنىڭ ئاز بىر قسمىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى ئامېرىكىدا تۆكمە قىلىپ سېتىشىنى پۈتۈنلەي توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ:« شۇنداق، تاموژنا بېجى پەقەتلا 18 مىليارد دوللارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتىغا قويۇلىدۇ. بىراق شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، خىتاي ئۆزىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى ئامېرىكىدا سېتىشنى كۆپەيتىشنى، ئامېرىكا بازىرىغا تۆكمە قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ مەقسىتى ئەمدى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بولمىسا، 18 مىليون دوللار تاموژنا بېجى ئومۇمى سودا ھەجمىگە نىسبەتەن ئۇنچىلىك كۆپ سالمىقىنى ئىگىللىمەيدۇ.»

گوردون چاڭ يەنە خىتاي يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلسىمۇ، ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئارقىلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 1934-يىلىدىكى تاموژنا قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلمىغانلىقى، بۇ قانۇن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى قارارى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. مەلۇم بولغىنىدەك ياۋروپا ئىتتىپاقى 2023-يىلى كۈزدە خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلاتقان. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا فىرانسىيە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئارقىسىدىنلا، ھۆكۈمەت  قوشۇمچە ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ «ياۋروپاغا كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى» نى ئاگاھلاندۇرۇپ، «دۇنيا خىتاي ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ بولالمايدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.