ئامېرىكاغا كەلگەن شى جىنپىڭغا قارشى نامايىشچىلار بىلەن شى جىنپىڭنى قوللىغۇچىلار قاتتىق توقۇنۇشتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.11.21
xi-jinping-namayish-social_media خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان نامايىشچىلار، 2023-يىلى 16-نويابىر، سان-فىرانسىسكو
Sunchengshe

 خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئامېرىكانى زىيارەت قىلىۋاتقان كۈنلەردە، سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە ئۇنىڭغا قارشى نامايىش 14-15 ۋە 16-نويابىر كۈنلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان. نامايىشچىلار ئىچىدە، خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن باشقا، تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار، فالۇنگۇڭچىلار ۋە ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، نامايىش جەريانىدا ئۇلار بىلەن شى جىنپىڭنى قوللىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى مەلۇم.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ 16-نويابىر كۈنى سان فىرانسىسكودىكى موسكونو مەركىزىدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا قارشى نامايىشچىلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەرگەن. مۇخبىرنىڭ 16-نويابىر كۈنى نامايىش مەيدانىدىن يوللىغان سىن فىلىملىرىغا قارىغاندا، 16-نويابىر كۈنىدىكى نامايىشچىلار سانى ئالدىنقى ئىككى كۈندىكىدىن نىسبەتەن ئازايغان. ئەمما بۇ كۈنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە توقۇنۇش تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. نامايىش جەريانىدا، شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلغۇچىلار، نارازىلىق شوئارلىرىنى توۋلىغاندىن باشقا، شى جىنپىڭنى مەسخىرە قىلىدىغان كارتون ئېيىق ياكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سىياقىدا نىقابلىنىپ، «شى جىنپىڭ مۇستەبىت پادىشاھ، ئۇ خىتاينى پادىشاھلىق دەۋرىگە ئاپارماقچى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلغۇچىلاردىن، خىتاي دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ لوس ئانژېلېس ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جۇڭۋېي چىڭ سۇلالىسى ئىمپېراتورىدەك كىيىنگەن بولۇپ، ئۇ رادىيومىز مۇخبىرغا بۇنداق كىيىنىشتىكى مەقسىتىنى بىلدۈرۈپ، «شى جىنپىڭ ئىلگىرىكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغىمۇ خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلماقتا. ھازىر ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمىدى، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىمۇ بۇزۇلدى، ئۇ خىتاينى ئىمپېراتورلار دەۋرىگە قايتىشقا مەجبۇرلىماقتا. ئۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھازىرقى دەۋردىكى ئىمپېراتورىغا ئايلاندى» دېگەن.

 شى جىنپىڭنى قوللىغۇچىلار، شۇنداقلا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەشكىللىگەنلىكى مەلۇم بولغان بىر قىسىم خىتايلار بايراق دەستىسى بىلەن نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، قارىمۇچ ۋە قىزىلمۇچ سۈيىنى نامايىشچىلارنىڭ كۆزىگە چېچىش ھەرىكەتلىرىدە بولغان. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرلىرى ئۇلارنى زىيارەت قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۇلار زىيارەتنى رەت قىلغان.

شى جىنپىڭغا قارشى نامايىشچىلاردىن ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى چېن چۇاڭچۇاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ كۆزى شى جىنپىڭنى قوللىغۇچىلارنىڭ قارىمۇچ سۈيىنى پۈركەش ھۇجۇمىدا يارىلانغان.

16-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن يەنە سان فىرانسىسكو شەھىرىدىكى شى جىنپىڭ چۈشكەن ساينىت رېگىس مېھمانخانىسىنىڭ سىرتىدا شى جىنپىڭغا قارشى نامايىشچىلار بىلەن شى جىنپىڭنى قوللىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسى بىلەن توختىتىلغان.

ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلاردىن، «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جەنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مۇقەررەر قارشىلىققا ئۇچرايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدە تۇرغاندا ئۇنىڭغا قارشى سادالارنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئەمما ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەر يەنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇڭلار، فالۇنگۇڭ ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار ئۇنىڭغا قارشى نامايىش قىلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ مۇقەررەر ۋە ئىنتايىن توغرا بىر يول. بىز مۇشۇنداق پەيتتە ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگىلا ئەمەس بايدىن ھۆكۈمىتىگىمۇ نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. باشقا مەنپەئەتلەر سەۋەبىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئارقىغا تاشلاپ قويۇلسا ھەرگىز بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇنداق قارشىلىقلارنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. »

ياڭ جەنلى ئەپەندى يەنە، شى جىنپىڭنى قوللىغۇچىلار بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇ توقۇنۇشتا زوراۋانلىق ۋاسىتىسى قوللانغۇچىلارغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپ، بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس تەشكىللەپ، شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىشقا ئۇيۇشتۇرغان. ئەلۋەتتە ئۇلاردىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بار. مانا بۇ سەۋەبتىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇشتا خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللىغۇچىلار زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سالدى. مەنچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قانۇن تەرتىپلىرى ئارقىلىق بۇنداق كىشىلەرنى جازالىشى كېرەك» .

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ۋە تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، سان فىرانسىسكو شەھىرىدە-15-نويابىر كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىك نامايىشچىلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ، «شى جىنپىڭ يالغانچى، شى جىنپىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ توۋلاۋاتقاندا، شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان بىر توپ خىتاي نامايىشچىلار تۇرسۇنئاينى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋېلىشقا ۋە پاراكەندىچىلىكى سېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ نامايىشچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.