ئامستېردام شەھەر باشلىقى خىتاي ئىشلەپچىقارغان 1280 كامېرانىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.06.20
Gollandiye-Parlament-ezasi-Sulayman-Qoyunju گوللاندىيەدىكى «دەنك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سۇلەيمان قويۇنجۇ
RFA/Erkin Tarim

گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردامنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 1280 كامېرانى ئىشلىتىشنى ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە پەيدىنپەي پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەزكۇر قارار توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيەدىكى «دەنك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سۇلەيمان قويۇنجۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «2022-يىلىدا گوللاندىيەدىكى 50 شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كۆپ ساندا دۆلەت ئىدارىسىدە خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان كامېرالارنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. ئۇلار، بۇ كامېرالارنى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتىدە پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەنىدى. بۇ كامېرالارنى ئىشلەپ چىقارغان شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ كامېرالارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇشى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئامستېردام شەھەرلىك پارلامېنتتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتۇق. شۇنداقلا بىز خىتاينىڭ بۇ كامېرالارنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى، بۇلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەكلىكى بايان قىلىنغان بىر پارچە ئىلتىماسنى سۇندۇق. بۇ ئىلتىماسىمىزغا بىنائەن ئامستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە خىتاي شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان 1280 كامېرا ئېنىقلاپ چىقىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كامېرالارنىڭ ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە تامامەن ئىشلىتىلمەسلىكى توغرىسىدا قارار ئالدى.»

سۇلايمان قويۇنجۇ ئەپەندى، ئامستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىر قارارنى چىقارغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «2022-يىلى مەن شىمالىي گوللاندىيە ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزاسى ۋاقتىمدا، خىتايدىن ئالغان كامېرالارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنغانىدىم. مەزكۇر پارلامېنتمۇ خىتايدىن سېتىۋالغان كامېرالارنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقارغانىدى. ئەمدىلىكتە ئامستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق. بۇنىڭدىن سىرت، مەن شىمالىي گوللاندىيە ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاقتىمدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن شەندۇڭ ئۆلكىسى بىلەن بولغان 26 يىللىق تارىخقا ئىگە ‹دوست ئۆلكە› لىك مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغانىدى. »

ئامېرىكادىكى CBS خەۋەرلىرى تورىنىڭ 2022-يىلى 4-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىگە قارىغاندا، خىتاي ھازىر «پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش» دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەممە جايىغا 400 مىليون كامېرا ئورنىتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەقىپ-نازارەت دۆلىتىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مۇشۇ كامېرالار ئارقىلىق 24 سائەت كۆزىتىلمەكتە ئىكەن. سۇلايمان قويۇنجۇ ئەپەندى گوللاندىيەدە 12 ئۆلكە بارلىقىنى، بۇندىن كېيىن گوللاندىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە گوللاندىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىزچىل ھالدا كۆرۈشۈپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى بولغىنى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەلۇمات بېرىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشى. ھازىر گوللاندىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ سايلامدا كۆچمەنلەرگە قارشى پارتىيە ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ، ئۇلار ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ. بىز ئۇلارغا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى ئاڭلاتساق، گوللاندىيەدىكى 12 ئۆلكىدىكى شەھەر ۋە ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىمۇ خىتاي ئىشلەپ چىقارغان كامېرالار ھەم باشقا تېخنىكىلىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىشنى چەكلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مال سېتىۋالغاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىقى بار يوقلۇقىمۇ سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. »

د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئادىل ئابدۇكېرىم ئەپەندى بۇ قارار ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادىل ئابدۇكېرىم ئەپەندى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەت ۋە شەھەرلىرىدىمۇ بۇنداق قارارلارنى ماقۇللىتىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراخمان ئابدۇللاھ ئەپەندى گوللاندىيەدىكى تۈرك مىللىتىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان قويۇنجۇ ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا مەلۇم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گوللاندىيە پارلامېنتى2022-يىلى--ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.