ستوكھولم ۋە ميۇنخېندا ئانا تىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.02.26
shiwetsiye-ana-til-1 «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مۇھاجىرەتتە ئانا تىل سۆيگۈسى» ناملىق ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-فېۋرال، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
RFA/Ekrem

خەلقئارا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 24-فېۋرال شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «مۇھاجىرەتتە ئانا تىل سۆيگۈسى» ناملىق ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتكە سىتوكھولمدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادە قىلىپ شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىشقان.

«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مۇھاجىرەتتە ئانا تىل سۆيگۈسى» ناملىق ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-فېۋرال، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مۇھاجىرەتتە ئانا تىل سۆيگۈسى» ناملىق ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-فېۋرال، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
RFA/Ekrem

«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئاتا تىل سۆيگۈسىنى ئۇرغۇتۇش ۋە ئانا تىلنى پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشنىڭ ئەھمىيەتلىرىنى تىلغا ئالدى.

«لۇدۋىگ ماخسىمىلىئانس ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، ميۇنخېن، گېرمانىيە.
«لۇدۋىگ ماخسىمىلىئانس ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

25-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «لۇدۋىگ ماخسىمىلىئانس ئۇنىۋېرسىتېتى» دىمۇ خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتكە مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىكلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

«لۇدۋىگ ماخسىمىلىئانس ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، ميۇنخېن، گېرمانىيە.
«لۇدۋىگ ماخسىمىلىئانس ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-فېۋرال، ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

«گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پەرىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم «لۇدۋىگ ماخسىمىلىئانس ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىشى بولۇپ، بۇ، پەخىرلىنىشكە ئەرزىگۈدەك ئىش ئىكەن. پەرىدە خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلار ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.