ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2025.02.13
ana-til-soygusi-1 ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار قىممەتلىك لېكسىيەلىرى، مول مەزمۇنلۇق سەن´ئەت نومۇرلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەن. 2025-يىلى 12-فېۋرال، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

12-فېۋرال كۈنى ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن «گاستايىك ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتىگە ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ھەمدە مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتنىشىپ، قىممەتلىك لېكسىيەلەر، مول مەزمۇنلۇق سەن´ئەت نومۇرلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەن.

پائالىيەت مۇقەددىمىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يوقىلىشقا يۈز تۇتۇۋاتقان ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى بايان قىلىنغان.

ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار قىممەتلىك لېكسىيەلىرى، مول مەزمۇنلۇق سەن´ئەت نومۇرلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەن. 2025-يىلى 12-فېۋرال، گېرمانىيە.

تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىن كەلگەن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى ئالدى بىلەن پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ 1759-يىلىدىن بۇيانقى تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تارىخى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىلەر بېرىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ لېكسىيەسى كىشىلەردە زور قىزىقىش پەيدا قىلغان ۋە تۈرلۈك سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولغان.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن گېرمان پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئالاھىدە قىزىقىشلىرىدىن كۆپ تەسىرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ سورۇندا ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق نامايان قىلىنىپ، ناھايىتى ياخشى تەسىر ياراتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى مەڭگۈ قوغداپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىرىنى تەكىتلىدى.

ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار قىممەتلىك لېكسىيەلىرى، مول مەزمۇنلۇق سەن´ئەت نومۇرلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەن. 2025-يىلى 12-فېۋرال، گېرمانىيە.

پائالىيەت جەريانىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئېيتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. پائالىيەتتە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە باش كىيىملىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.

«ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پەرىدە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى گېرمانلار ھەم بۇ يەردە ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرگە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇتۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە بەزى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ھازىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىشىغا قارىتا چەكلىمە بار-يوقلۇقى ھەققىدە تۈرلۈك سوئاللارنى سوراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار ئىستىگەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار قىممەتلىك لېكسىيەلىرى، مول مەزمۇنلۇق سەن´ئەت نومۇرلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەن. 2025-يىلى 12-فېۋرال، گېرمانىيە.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ ئۆز لېكسىيەسىدە، گېرمانىيە سەيياھلىرىنىڭ 19-ئەسىرلەردە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ھەم مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرى، شۇنداقلا قەدىمى ئۇيغۇر تىلى بىلەن گېرمان تىلىنىڭ بەزى باغلىنىشلىرى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى گېرمان پۇقرالىرىدا تېخىمۇ زور قىزىقىش پەيدا قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.