ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فېستىۋالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.09.17
antalya-festiwal-05

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-01

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، ئۇيغۇر سۇنايلىرى. 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-02

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-03

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-04

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-06

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-08

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-09

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» دا ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ ئىچىنىڭ كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-10

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-11

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر. 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

antalya-festiwal-07

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» نىڭ كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 15-سېنتەبىر، ئانتاليا RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خەلقئارا ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى يۆرۈك-تۈركمەن فېستىۋالى» دا ئۇيغۇر فولكلورى ۋە سەنئىتىدىن نەمۇنىلەر كۆرسىتىلىپ، زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەت 13-سېنتەبىردىن 15‏-سېنتەبىر كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەخسۇس 3 چېدىر ئېچىپ ئۇيغۇر قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە سەنئىتىنى كۆرگەزمە قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، 15-سېنتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمەكلىرى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىلىرىدىن نەمۇنىلەر كۆرسەتكەن. بۇ فېستىۋالدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن 59 جەمئىيەت ۋە ۋەخپىلەردىن باشقا، 19 دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلەر ئۆز سەنئەتكارلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىلەن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن سەنئەتچىلەر بۇ فېستىۋالدا ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرىنى نامايەندە قىلغان.

ئانتاليا جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەھەر باشلىقى مۇھىتتىن بۆجەك، پارلامېنت ئەزاسى جاۋىت ئارى ۋە ئايقۇت قارا قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان. ئېچىلىش مۇراسىمىدا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر راۋاب، سۇناي ۋە باشقا چالغۇلارنى چېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى نامايان قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر خەلق جەمئىيىتى بىلەن ئانتاليا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بىلەن ئەرلەرنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ پاراتتىن ئۆتكەن ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ رەڭدار جۇلاسىنى نامايان قىلغان.

ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە يېزىلىشىچە، بۇ فېستىۋال تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان. بۇ فېستىۋالدا سىمۋوللۇق ھالدا تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۈگۈنكى تۈركىيە زېمىنىغا كۆچۈپ كېلىش تارىخىمۇ جانلىق شەكىلدە كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا تارىخىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تونۇتۇش ۋە تارىخىي مىراسلارغا ئىگە چىقىش مەقسەت قىلىنغان.

بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتنى ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بۇ يىلدىكىسى ئۈچىنچى قېتىملىقى ئىكەن. بىز بۇ پائالىيەتنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق. ئانتاليادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق جەمئىيىتى بىلەن ئانتاليا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. فېستىۋالدا بۇ ئىككى تەشكىلات ئىككى چوڭ چېدىر قۇرۇپ كۆرگەزمە قىلدى.»

ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققەت تارتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا يىغىلىپ سىمۋوللۇق ھالدا تۈركمەنلەرنىڭ ئاناتولىيەگە كۆچۈشىنى نامايان قىلىدىغان پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتى بولدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈرك، تاتار، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن ۋە گاگاۋۇز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى نامايەندە قىلىپ پاراتتىن ئۆتتى. ئارقىدىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ زالىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئانتاليانىڭ ئەڭ چوڭ سەيلىگاھ ماكانى بولغان قارامان سەيلىگاھ رايونىدا چوڭ چېدىرلارنى قۇرۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ سەنئىتىنى ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.»

بىز بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلغان ئانتالىيەدىكى ئۇيغۇر خەلق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەدىيە ئەخمەتوۋا خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە بىز ئانتاليادىكى ئۇيغۇر خەلق جەمئىيىتى قاتناشتۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش نىيىتىدە جەمئىيىتىمىز قازاقىستان، قىرغىزىستاندىن ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچىلار، سۇنايچى ۋە ناغرىچىلارنى تەكلىپ قىلدى. جۈملىدىن قازاقىستاندا داڭقى چىققان دولان مىللىي ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بەختىيار ئەپەندى، قۇربانجان سەلىموف باشچىلىقىدىكى كاناي-سۇناي ۋە ناغرىچىلار ئۆمىكى، بىشكەكتىكى ناخشىچىلاردىن روشەنگۈل مۆمىنوۋا، ئالىمجان روزىيېف ۋە ئابدۇغوپۇر جۇرايېف رەھبەرلىكىدىكى تۇران سۇناي ئۆمىكى بۇ فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلدى. مەيلى پاراتتىن ئۆتۈش جەريانىدا بولسۇن ياكى ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۈچ كۈنلۈك فېستىۋال جەريانىدا بولسۇن، گۈلدۈرلىگەن ئالقىشلارغا سازاۋەر بولدى. ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى چالغان ھامان بارلىق فېستىۋال ئەھلى ئۇسسۇلغا چۈشۈپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى.»

ھەدىيە ئەخمەتوۋا خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىن چېۋەر قوللار توپى كېلىپ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر نېنىنىڭ تۈرلىرىنى پىشۇرۇپ، دەستە-دەستە ساڭزىلارنى ۋە لەزىز تاماقلارنى تەييارلاپ، مېھمانلارنى ھەيران قالدۇردى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تەشكىلاتىمىز زور كۈچ بىلەن پۇختا تەييارلىق قىلغاچقا، ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى ۋە تۈرك خەلقنىڭمۇ ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولدى.»

خەۋەرلەردە ئېيتىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە ھەر يىلى 10 مىليون ئەتراپىدا ساياھەتچى كېلىدىكەن. ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ فېستىۋال جەريانىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاڭلىتىلغان دوكلات بىلەن ۋاراقچىلارنىڭمۇ تارقىتىلغانلىقىنى، يەنى يەرلىك تۈركلەرگىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللىكلەرگىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئانتاليا ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بانۇ چېلىك خانىم، تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «مەن ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن ‹تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركمەن-يۆرۈك› فېستىۋالىدا ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ۋە ھەر خىل يېمەك-ئىچمەكلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ كۈلتۈرنى قوغداپ قېلىش، ھەتتا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.»

ئانتاليا تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خەلقئارالىق ساياھەت شەھىرى بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇر بۇ شەھەردە ياشىماقتا. بۇ ئۇيغۇرلار 2023-يىلى ئۇيغۇر خەلق جەمئىيىتى ناملىق بىر تەشكىلات بىلەن ئانتاليا ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامىدا يەنە تەشكىلاتنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.