ئارفىيە ئېلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەكىتلىدى
2024.10.29
27-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پارلامېنتى ئەزالىقىغا قايتا سايلانغان ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئېلى (Arfiya Eri) شۇ كۈنى «بۈگۈنكى ھىندىستان» تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ دەسلەپتە، ياپونىيە پارلامېنتىغا كىرىش سەۋەبلىرى ۋە سىياسىي غايىلىرى ئۈستىدە توختالغان. ئاندىن كېيىنكى سۆزلىرىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن خەلقئارا بېسىمنى كۈچەيتىش، ياپونىيە تەرەپتىنمۇ خىتايغا بېسىم قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاينىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ھەم جىددىي قارىمىسا بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2023-يىل 4-ئايدا ياپونىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ئارفىيە خەلقئارا سەھنىلەردە ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرى، ياپونىيە پارلامېنتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى بىلەن تونۇلغان ياش سىياسەتچى بولۇپ، بۇنىڭدىن نەق بىر يىل بۇرۇن، يەنى 2023-يىل 29-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئالاھىدە ھەسسە قوشقان ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا كۈچلۈك ئىلھام بەرگەنىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 28-ئۆكتەبىر كۈنى X ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئارفىيە ئېلىنىڭ قايتىدىن ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلھام مەھمۇد ئەپەندى ئارفىيەنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدا داۋاملىق خىزمەت قىلىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيەدە داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئارفىيە ئېلى ھىندىستان تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن زىيارىتىدە، ئۆزىنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق باياناتىنىڭ چەت ئەل تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانلىقىنى، بۇ باياناتنىڭ پەقەت خىتايغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا قارىتىلغانلىقىنى، چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەردە پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا نىزام-تەرتىپكە ئۇيغۇن سىياسىي مۇھىتنىڭ كىچىكلەۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ۋەزىيەتتە ياپونىيەدەك تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە تېگىشلىك رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
«ياپونىيە ۋەتەننى قوغداش پارتىيەسى» نىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان گۈلىستان ئەزىز ياپونىيە پارلامېنتىغا قايتا ئەزا بولۇپ سايلانغان ئارفىيە ئېلىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى ياپونىيە دۆلىتى، ياپونىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئارفىيە يەنە ھىندىستان تېلېۋىزىيەسىدە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ تولىمۇ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىز 2016-يىلىلا ئۇيغۇر رايونىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ باشلانغانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى كۆردۇق. ئەلۋەتتە بۇ رايوندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ھالبۇكى، 2016-يىلدىن كېيىن بۇ دەپسەندىچىلىك بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان كۆلەمدە كېڭىيىپ كەتتى. مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ دەپسەندىچىلىك ئۇيغۇرلارنى كۆپ ساندا تۇتقۇن قىلىش، پۈتۈن خەلقنى تەقىپ-نازارەت قىلىش، ئاتا-ئانىلىرىنى لاگېرغا سولاپ، بالىلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئىسپاتلارنى كۆردۇق، ئادۋوكاتلار، دوختۇرلار، پىروفېسسورلار رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەككە ماڭدۇرۇلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ سان تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلىۋاتىمىز. ئاياللارنى تۇغماس قىلىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش قاتارلىقلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ، ھالبۇكى بۇ قىلمىشلار ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ باشقا ھەر قانداق يېرىدە يۈز بەرگەن بولسا، ب د ت نىڭ ئۇنىڭغا كۈچلۈك بايانات بەرگەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى، ئۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلارنى تەكشۈرۈشكە مۇستەقىل ئۆمەك ئەۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتۇق. ھالبۇكى، ب د ت ئەمەلدارى ئۇ رايوننى بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ قويۇپلا، دوكلاتتىن بىرنى ئېلان قىلىپ، «ئۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن› دەپلا ئىشنى تۈگەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى كۆرمىدۇق.
مەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان چارىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغىمۇ قوللىنىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئارفىيە يەنە ھىندىستان مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، خىتاينىڭ ھازىر ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتنى تەشۋىق قىلىپ دۇنيانى قايمۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ رايوندىكى تەرەققىياتنىڭ شۇ زېمىندىكى ھەددى-ھېسابسىز بايلىقلار ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر رايونى ئۆتكەن 60 يىلدىن بېرى تەرەققىي قىلدى، بۇ راست. ئەمما سىز ئۇنىڭ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە كىمنىڭ بۇ تەرەققىياتتىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلسىڭىز، سانلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرىسىزكى، بۇ رايوندىكى خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كىشىلەرگە بېرىلگەن ئەركىنلىك جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك سۆز ئەركىنلىكى، پائالىيەت ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار؟ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇ رايونغا كىرىپ، توغرا ئۇچۇر ئېلىش يولى ئاساسەن ئېتىلگەن، شۇڭا ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە لىللا باھا بېرەلمەيۋاتىدۇ، ھالبۇكى ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىنتايىن ئېغىر».
ئارفىيە بۇ سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە، ھەر قانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ بۇنداق زور كۆلەمدىكى تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى جازاسىز قالماسلىقى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن توختاپ قالماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بار. مۇھىم بولغىنى، بىز بۇ مەسىلىسىنى چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۆز خىزمىتىنى ئادا قىلىشقا، ئۇ رايوندا ئادىل، ئىشەنچلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىشىمىز كېرەك. ب د ت نىڭ سابىق ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەنكى، بىز دۇنيانى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمىز، ئۇنى مۇزاكىرە قىلىپ تۇرىمىز، ئەمما ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا ياكى قانۇنسىز قىلمىشلىرى تېخى زورىيىپ كەتمىگەن ۋاقتىدىلا ئۇنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلمايمىز. مەن ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەر دائىم تەكىتلەپ تۇرۇشقا چاقىرىمەن».
ئىلھام مەھمۇد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە پارلامېنتىغا 2-قېتىم سايلانغان ئارفىيە بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ مۇستەھكەم سىياسىي ئاساسقا ۋە تەجرىبىگە ئىگە، ئەمما ياپونىيە پارلامېنتتىكى خىتايپەرەس پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنىڭغا يەنىلا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداقتىمۇ ئارفىيە ئۆزىنىڭ سىياسىي تالانتى بىلەن بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالايدىكەن.