ئۆمەر قانات: «خىتاينى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ئۈستىدىن سوتلاشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇق»
2024.11.16
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، -2024يىلى-12نويابىر، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار ئالىي سوت مەھكىمىسى (The Argentinian Federal Court of Criminal) گە سۇنغان، خىتاينىڭ ئىنسانىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن سوت ئېچىش توغرۇلۇق ئەرزىنىڭ قوبۇل بولغانلىقى توغرۇلۇق مەخسۇس ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلدى.
باياناتتا چۈشەندۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC)، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى بىلەن، 6-نويابىر ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈستىدىن بىۋاسىتە سوت ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەرز بۇئېنۇس-ئايرېس ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئۇچراش مەسىلىسى بويىچە داۋا ئېچىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغاندىن كېيىن، قايتا ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن سۇنۇلغانىكەن.
باياناتتا دېيىلىشىچە، ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئاستىدىكى سوتلارغا يوليورۇق بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، دېلونى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئىكەن.
بۇ نارازىلىق ئەرزى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكېل پولاك تەرىپىدىن سۇنۇلغان. باياناتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى: «بىز خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا بىر قەدەم يېقىنلاشتۇق، سوتنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن بىۋاسىتە ئىسپات ئاڭلىشى ناھايىتى مۇھىم» دەپ بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئۈستەل ئۈستىدە
باياناتتا چۈشەندۈرۈلۈشىچە، 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنگلىيە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكېل پولاك قاتارلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. ھالبۇكى، بۇئېنۇس-ئايرېس ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى 2023-يىلى 12-ئايدا تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بۇ دېلو ئۈستىدىن سوت ئاچماسلىق، ئەرزنى ئارخىپتا ساقلاش پىكرىنى ئورۇنلۇق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى سوتنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوتىغا قايتا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. نەتىجىدە، ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوتى 2024-يىلى 11-ئىيۇل كۈنى قارار چىقىرىپ، بۇئېنۇس-ئايرېس ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دېلوسى ئۈستىدىن سوت ئاچماسلىق قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، شۇنداقلا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ دەرھال تەكشۈرۈش باشلىشىنى بۇيرۇغانىدى.
مەزكۇر جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى دەۋاگەر دولقۇن ئەيسا نويابىرنىڭ بېشىدا، ئۆمەر قانات ۋە ئادۋوكات مايكېل پولاك (Michael Polak) بىلەن بۇئېنۇس-ئايرېسقا بېرىپ، بۇ دېلونى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەرىكەت قىلغان. ئۇلار سوتقا سۇنۇلغان ئەرزنامىدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن ئىبارەت خەلقئارالىق جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ سوتقا تارتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دەۋاگەر-د ئۇ ق سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا
دەۋاگەر سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىم، قايتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىسپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنىمۇ كۈچلۈك قوشۇمچە ماتېرىياللار جۇغلانغان نارازىلىق ئەرزىنى قايتا ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار ئالىي سوتىغا سۇنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دەۋانىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشىدىكى توسۇقنىڭ ئېلىپ تاشلىنىپ، ئەرزنىڭ قايتا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان بىر ئائىلە ئەزاسى سۈپىتىدىكى ئەرزدار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوتىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇنداق بىر دەۋاغا سوت ئېچىلىشنىڭ، خىتايغا شۇنداقلا خىتايغا ئوخشاش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان ھاكىمىيەتلەرگە دۇنيادا ئادالەت بارلىقىنى، جىنايەتلىرىنىڭ ھامان جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىدىن كۈچلۈك بىر سىگنال بېرىدىغانلىقى تەكىتلىدى.
بۇ، دۇنيا ئادالىتى ۋە ئارگېنتىنا قانۇن سىستېمىسى ئۈچۈنمۇ بىر سىناق
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەرزنىڭ قوبۇل بولماسلىقى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى ئارگېنتىنادا سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان توسقۇنلۇقلارنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ دېلونىڭ قايتا ئېچىلىشى ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇ، ئارگېنتىنادىكى بۇ خەلقئارالىق سوتتا، خىتاينى ئۇنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈستىدىن سوتلاشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقتىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئۆمەر ئەپەندى يەنە: «مۇبادا ئارگېنتىنادا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەرزى بىلەن، باش جىنايەتچى-خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىلسا، گەرچە بۇ جىنايەتكارلارنى ئارگېنتىناغا ئېلىپ كېلىپ سوتلاش ياكى جازالاش مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ناھايىتى زور، ھەتتا بۇ سوت ھۆكۈمى بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ جىنايەتكارلارنى ئۆز دۆلىتىگە كىرگۈزمەسلىكىدەك قارارلارنى ئېلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ئارگېنتىنا ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوت مەھكىمىسى دۇنيانىڭ قەيىرىدە سادىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقئارا جىنايى ئىشلار توغرىسىدىكى ئەرزلەرنى ئارگېنتىنانىڭ ھەر قانداق سوت مەھكىمىسىدە ئاڭلاشقا يول قويىدۇ. ئارگېنتىنا ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار دېلولارنى قاراپ چىقماقتا ئىكەن. باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوتىنىڭ قارارى بىلەن سوتچى دەۋانى قايتا ئېچىش ۋە تەكشۈرۈشكە باشلاش مەجبۇرىيىتىدە قالىدىكەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادۋوكات مايكېل پولاك (Michael Polak): «بۇ دېلو ئارگېنتىنا قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئوبيېكتىپلىقى ۋە ئۇنىڭ ئارگېنتىنا ئاساسىي قانۇنىنى قوللىنىشتىكى تەرەپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قېتىملىق سىناق» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە «سوتنىڭ ئادىل قارار چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، بۇ دېلو ئارقىلىق زور ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قورقۇتۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئادۋوكات مايكېل پولاك (Michael Polak) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم سوتتا ئەرزگە قاراپ چىقىلىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار ئالىي سوت مەھكىمىسى (The Argentina Court of Cassation) نىڭ ئۆز ئالدىغا بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش ھوقۇقى بار. ئۇلاردىن بۇ قېتىم، ئەگەر ئۇلارنىڭ تۆۋىنىدىكى سوتلار، بۇ دەۋانى ئېچىش توغرۇلۇق بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغان تەقدىردە، ئۆز ئالدىغا ئېچىشىنى مۇراجىئەت قىلدۇق. ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار ئالىي سوتىنىڭ بۇ دەۋانى ئېچىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يەنە بىز، ئارگېنتىنانىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ سوت ئېچىلىشىنى ئۇلارنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلدۇق. نۆۋەتتە سوتنىڭ دەۋا ئېچىش ھەققىدىكى قارارىنى ساقلاۋاتىمىز. مەن ئىنتايىن ئۈمىدۋار، بىز ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن.»
ئۇيغۇر دەۋاسىنى لاتىن ئامېرىكاسىدا ئاڭلىتىشتىكى بىر ئىلگىرىلەش
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، بۇ قېتىم ئۆزلىرىنىڭ نويابىرنىڭ بېشىدا ئارگېنتىنادا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇنداق يەكۈنلىدى.
بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ قايتا سۇنغان ئەرزى قوبۇل بولغان، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتى ۋە فېدېراتسىيە سوتىدىكى مۇناسىۋەتلىك سوتچىلار ۋە ئارگېنتىنا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىدىكى ئادۋوكاتلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ جىنايى پاكىتلىرى توغرۇلۇق يەنىمۇ تولۇق مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئىككىنچىدىن، ئارگېنتىنا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار ۋە نۇرغۇن، پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.
ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە بۇ پۇرسەتتە لاتىن ئامېرىكاسىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشتا يەنە بىر بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.