ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا «پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2025.02.12
Australia-dowtluq-guruppisi-1920 ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا «پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى
Photo: RFA

11-فېۋرال كۈنى، كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن، پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى (AAPPGU) نىڭ رەسمىي قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت پائالىيىتىگە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ رەئىسلىرىدىن پارلامېنت ئەزاسى تونىي زاپپىيا (Tony Zappia) ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئاندرېۋ ۋاللىس (AndrewWallace) «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» بىلەن ھەمكارلىقتا ساھىبخانىلىق قىلغان.

كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى (AAPPGU) نىڭ  قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 11-فېۋرال، كانبېررا، ئاۋسترالىيە

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىن مەزكۇر گۇرۇپپىغا ئەزا بولغان ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولۇپ كۈپ ساندا كىشى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان.

مۇراسىمدا «ئاۋسترالىيە پارلامېنتى پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسلىرىدىن پارلامېنت ئەزاسى تونىي زاپپىيا ئەپەندى رادىيومىزغا مۇنداق دېدى: «پارلامېنتتىكى بۇ ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى، بۈگۈن كانبېررادا پارلامېنتىمىزدا رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى يالغۇز ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر زور قەدەم. چۈنكى بۇ گۇرۇپپىمىز ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشىغا مەيدان ھازىرلاشنى شۇ ئارقىلىق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى (AAPPGU) نىڭ  قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 11-فېۋرال، كانبېررا، ئاۋسترالىيە
كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى (AAPPGU) نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 11-فېۋرال، كانبېررا، ئاۋسترالىيە

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ۋە پائالىيەت زالىنى جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر خانىم قىزلارنىڭ چېۋەرلىك بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت پۇرىقىغا باي قىلىپ راسلىغان زال ئۇيغۇرلارنىڭ خاسلىق، مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى، سەنئىتىنى نامايەندە قىلىدىغان دوپپىلار، ئەتلەس گۈللۈك بۇيۇملار، ئۇيغۇر سازلىرى، ئۆي سەرەمجانلىرى بىلەن بېزەلگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر تاتلىق تۈرمە ۋە مەززىلىك چايلىرى بىلەن ئىنتايىن دوستانە ۋە ئازادە كەيپىيات يارىتىلغان. دوستلۇق كەيپىياتى ئىچىدە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر كىملىكى تونۇشتۇرۇلغان.

كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى (AAPPGU) نىڭ  قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا زالغا تىزىلغان ئۇيغۇر دوپپىسى. 2025-يىلى 11-فېۋرال، كانبېررا، ئاۋسترالىيە

«ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى»  نىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېۋ خانىم، يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىدە سۆز قىلىپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىگەن، ھەمدە ئۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىدا كۈچ چىقارغان پارلامېنت ئەزالىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ھېلىھەم ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان، كىملىك، مەدەنىيەت، تىل ۋە ھەر جەھەتتىن يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان 3 ئاچقۇچلۇق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلار:

1-ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقتا بىۋاسىتە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى، ماگنىتىسكى قانۇنى بويىچە جازالاش.

2-ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن خىتاي ماللىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، كۈچلۈك قانۇن بەلگىلەش.

3-باش پاناھسىز قالغان تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش.

 ئۇ يەنە، بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر تەلەپلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوبۇل قىلىشى  ۋە تەدبىر ئېلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى ئاۋسترالىيەگە قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئايرىم توختالغان رامىلە خانىم، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ دۆلەتسىز، پاش پاناھسىز مۇساپىرلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ تايلاندتا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ماراكەشتە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «يېقىندا كانادا ھۆكۈمىتى 10 مىڭ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى جاكارلىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن.

«ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېۋ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مۇقىم گۇرۇپپا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى (AAPPGU) نىڭ  قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 11-فېۋرال، كانبېررا، ئاۋسترالىيە
كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى (AAPPGU) نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 11-فېۋرال، كانبېررا، ئاۋسترالىيە

ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغۇچى پارلامېنت ئەزالىرىدىن فاتىمە پايمان (Fatima Payman) خانىم، مۇراسىمدىن كېيىن رادىيومىزغا مۇنداق دېدى:

«بۇ ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ، مەن ۋە باشقا ھەمكارلىقتىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدە داۋاملاشتۇرىدىغان بىر دىيالوگى بولۇپ قالىدۇ. دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى قاتارلىق خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە بىز، دوستلۇق گۇرۇپپىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 3 تەلەپنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ھەمدە تولۇق ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز. بىز بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن ئازابلىرىنى تونۇشىمىز  كېرەك. بىز پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈز بېرىۋاتقان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىك ۋە مالىمانچىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.»

كانبېررادىكى پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، ئاۋسترالىيەدىكى تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن، ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم ئوسمان ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پارلامېنتتا بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىدا «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەزالىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان زور كۈچ چىقارغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇنداقلا بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى ۋە خىتايغا قارشى تاشقى سىياسەت بەلگىلەشتە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى (AAPPGU) نىڭ  قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 11-فېۋرال، كانبېررا، ئاۋسترالىيە
كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى (AAPPGU) نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 11-فېۋرال، كانبېررا، ئاۋسترالىيە

ئىگىلىشىمىزچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان بۇ «پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى»، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي مەمۇرلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش، ئاۋسترالىيە-خىتاي سودا كېلىشىملىرى ۋە بۇ كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى، مەمۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغانلىرىنى جازالاش قارارلىرىنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوينىغا ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىش، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەلەپلىرىگە، ئىجابىي تەدبىرلەر ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا بۇ «پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە ۋە ياپونىيە، تەيۋەن ۋە گېرمانىيە پارلامېنتلىرىدا ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىمۇ ئوخشاش مەقسەتتە، ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.