غەيۇر قۇربان ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى
2024.11.28
28-ۋە 29-نويابىر كۈنلىرى، شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىلىرى مۇنبىرى» نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇنبەرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندىنىڭ رەئىسى، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسى دىرېكتورى غەيۇر قۇربانمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان.
بۇ يىغىندا غەيۇر قۇربان سۆز قىلىشنىڭ ئالدىدا، سۆزلەش نۆۋىتى خىتاي ۋەكىلىگە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز-ئۆزىگە خوجا ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە، تىنچ بىللە ياشاش ۋە ئورتاق تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولۇشنى قوللايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز-ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن.
ئارقىدىنلا، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ «نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۆز قىلىدۇ»، دېگەن ئېلانىدىن كېيىن سۆزگە چىققان غەيۇر قۇربان سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس! ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق، رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈلۈپ قويۇلۇۋاتىدۇ!» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان.
غەيۇر قۇرباننىڭ سۆزى ئاياغلاشمايلا، خىتاي ۋەكىللىرى ئالدىدىكى ماتېرىياللارنى تاراقلىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ غەيۇر قۇرباننىڭ ئاۋازىنى كېسىشكە ئۇرۇنغان.
خىتاي ۋەكىلى يەنە، غەيۇر قۇرباننىڭ سۆزىنى كېسىپلا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۆلگۈنچى تەشكىلات، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە سۆز قىلىش ھوقۇقى يوق» دېگەن.
ئەمما يىغىن باشقۇرغۇچى ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ، غەيۇر قۇربانغا تەكرار ۋاقىت بېرىشى بىلەن ئۇ سۆزىنى داۋام قىلغان.
غەيۇر قۇربان سۆزىدە: «ئۇيغۇر خەلقى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىي كىملىكىنى يوق قىلماقچى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە ئۇچرىدى. ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا سولاندى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاندى، بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئەھۋال» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان.
غەيۇر قۇربان يىغىندا قىلغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ب د ت ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىق قىلىپ يەنە مۇنداق دېگەن:
«شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە باشقا نۇرغۇن ئورگانلارنىڭ دوكلاتىدا خاتىرىلەنگەن. ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەك ئوبيېكتى بولۇپ خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەلمەكتە. ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە! بىز دۇنيا جامائىتىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمىز»!
غەيۇر قۇربان يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىملىق يىغىن ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قىلمىشنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ قىرغىنچىلىقنى توسۇشقا چاقىرغانلىقى ۋە يىغىننىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا يەنە 27-25-نويابىر كۈنلىرى «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نامىدا يىغىنلار چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە زۇلۇم سىياسىتىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ۋە كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ، شىركەتلەرنى سودا مەنپەئەتلىرىنى دەپ خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولماسلىققا چاقىرغانىدى.