ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالېنا دوخان ئۇيغۇر ئېلى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا زادى نېمىلەرنى دېگەن؟
2024.09.25
مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پارا ئالغان» دەپ ئەيىبلەنگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتچىسى ئالېنا دوخان 57-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 10-يىغىنىدا «بىر تەرەپلىمىلىك جازا تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان پاسسىپ تەسىرى» ناملىق دوكلاتىنى تونۇشتۇرۇپ سۆز قىلغان ئىدى.
ئالېنا دوخان ئۆزىنىڭ «بىر تەرەپلىمىلىك جازا تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان پاسسىپ تەسىرى» ناملىق دوكلاتىنى بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا قىلغان زىيارىتى ئاساسىدا تەييارلاپ چىققان. بۇ دوكلات 57-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى باشلىنىش ئالدىدا كېڭەشنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلغان. ئۇنداقتا، ئالېنا دوخاننىڭ قاتتىق تالاش-تارتىش قوزغىغان بۇ دوكلاتىدا زادى نېمىلەر يېزىلغان؟ ئۇ ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قويغان جازا تەدبىرلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەن؟
ئالېنا دوخاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يوللىغان دوكلاتى 112 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ بۇ دوكلاتىدا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە خىتاينىڭ مۇئەسسەسەلىرى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قويغان جازا تەدبىرلىرىنى تەنقىدلىگەن. ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان سودا چەكلىمىلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى، يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جازا تەدبىرلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۇ، دوكلاتىنىڭ 22-ماددىسىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ چەكلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ھەددىدىن زىيادە ئىجرا قىلىنىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن شىركەتلەردە خىتاي مۇئەسسەسەلىرى ۋە كارخانىلىرى بىلەن سودا قىلىشتىن قورقىدىغان، مۈجمەللىكتىن ئۆزىنى تارتىدىغان بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىشى كېلىپ چىققان. بۇ، مەلۇم ساھە ۋە كەسىپلەرنى رادىكال ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىغان، نەتىجىدە خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تۇرمۇشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن».
دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «ئالاھىدە دوكلاتچى زىيارىتى داۋامىدا كارخانا رەھبەرلىرى بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆھبەتلەشتى. ئۇ بۇ كارخانىلارنىڭ جازا تەدبىرلىرى ۋە چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن تىجارەتلىرىدىن قۇرۇق قالغانلىقىنى ئىگىلىدى. بۇ كارخانىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ چەت ئەللىك شېرىكلىرىمۇ جازالىنىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئۇلار بىلەن تىجارىتىنى بىكار قىلغان. بۇ كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ چەت ئەل بازارلىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە كانادادىكى بازارلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلىقىنى، ياۋروپادىكى سودا شېرىكلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.»
ئالېنا دوخان بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ساھە ۋە كەسىپلەر ۋەكىللىرى، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئىلمىي خادىملار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى» بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دوكلاتىدا يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن:
«ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› قاتارلىق كۆپ خىل بىر تەرەپلىمە جازا تەدبىرلىرى ۋە ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تۈزۈملىرى قوللىنىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرىغان ساھەلەر توقۇمىچىلىق سانائىتى، پاختا، پەمىدۇر ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، شۇنداقلا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ۋە فوتوۋولت سانائىتى ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار قاتارلىق يېڭى تېخنىكا ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭنىڭ بۇ ئەھۋالىدا، شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان ياكى بار دەپ قارالغان شىركەتلەرنىڭ جازاغا تارتىلىش ۋە ماللىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىش خەۋپى سەۋەبىدىن، پەقەت چەت ئەل كارخانىلىرىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خىتاي كارخانىلىرىمۇ شىنجاڭدىكى كارخانىلارغا چېتىشلىق بولغان تەمىنلەش زەنجىرىگە قاتنىشىشتىن ئۆزىنى تارتىدىغان بولۇپ قالغان.»
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئالېنا دوخان زىيارىتى مەزگىلىدە، «خىتايدا مىڭلىغان كىشىنى ئىشلىتىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشچى كۈچىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، بەزى ئەھۋاللاردا 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئىشچىنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار دۇنيا بازىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن ۋەيران بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان».
ئۇنىڭدا يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «ئىگىلىنىشىچە، 2022-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك جازا نەتىجىسىدە قىممىتى 2 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان 6000 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى تەكشۈرگەن. بۇندىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭدىن ئارتۇق يوللانمىسى مۇسادىرە قىلىنغان. ئالاھىدە دوكلاتچى رايوندىكى (شىنجاڭدىكى) بىر قاتار كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىلغار تېخنىكا ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى شىركەتلەرنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن پولى كىرىستال كىرېمنىي ۋە يورۇقلۇق ۋولت سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئوخشىمىغان ساھەلەردە مىڭلىغان كارخانىلارنى باشقۇرۇۋاتقان بىڭتۈەننى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى پۈتكۈل رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن».
دوكلاتتا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «چوڭ تىپتىكى سودا گۇرۇھلىرى تارماق شىركەتلىرىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى بۇ گۇرۇھلارنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق سودا تورىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، بىر چوڭ توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى پۈتكۈل گۇرۇھنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەن. بۇ ئۇلارغا ئىقتىسادىي تەسىر پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قانچە دۆلەتكە جايلاشقان كارخانا ۋە زاۋۇتلار تاقىلىپ قېلىشىغا ۋە كىشىلەرنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان.»
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدە كۆپلەپ مەۋجۇتلۇقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئامېرىكانىڭ بۇنداق كارخانىلارنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئامېرىكا شىنجاڭدىكى مۇئەسسەسەلەر بىلەن بولغان ھەر قانداق مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈش ۋە بايقاشقا، شۇنداقلا بۇنداق مۇناسىۋەتكە ئىگە بارلىق چەت ئەللىك ياكى خىتايلاردىن بولغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا جازا قوللىنىش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە تېخىمۇ شۇنداق.»
ئالېنا دوخان دوكلاتى داۋامىدا، ئامېرىكانىڭ بۇ قانۇنلىرىنى بىكار قىلمايۋاتقانلىقى، شىركەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاقلاپ سۇنغان ئىسپاتلىرىنى «دەلىل يېتەرسىز» دەپ قاراپ، جازالىرىنى بىكار قىلمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، ئالېنا دوخاننىڭ دوكلاتى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالېنا دوخاننىڭ بۇ دوكلاتى كىشىنى غەزەپلەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە قويغان جازالىرىنىڭ ئىشقا ياراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئالېنا دوخان دوكلاتىدا، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئامېرىكانىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى» نى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ خىتاي شىركەتلىرىگە، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىغا قويغان تېخنىكا چەكلىمىسى، ۋىزا چەكلىمىسى قاتارلىق تەدبىرلىرىنىمۇ تەنقىدلىگەن. ئۇ «جازا تېخنىكا چەكلىمىلىرىنى يولغا قويۇش قارارى پەقەت تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىگىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرگە ئېغىر قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.» دېگەن.
قىسقىسى، ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قويغان جازالىرىنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ، دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خەلقئارالىق مۇستەقىل تەشكىلات بولغان «ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى لۇئىس پېلائېز (Luis Fernando Cohn Pelaez) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئالېنا دوخاننىڭ دوكلاتى ئومۇمەن ئېيتقاندا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى:
«ئۇ بۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي جەھەتتىكى دەپسەندىچىلىكىنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ دوكلاتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمدى بۇنىڭ تېگىدىكى سەۋەب نېمە دېسىڭىز، ئالېنا دوخاننىڭ ئىشخانىسى ئۇ خىزمەت باشلىغان 2020-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يىلىغا 200 مىڭ دوللار پۇل ئالغان بولۇپ، بۇ پۇل ھازىرغىچە مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ھالدا ب د ت دوكلاتچىسىنىڭ ب د ت نامى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشى ئۈچۈن پۇل بېرىۋاتىدۇ. ئالېنا دوخان ب د ت نامىنى قوللىنىپ، خىتايغا بارغان، يەنى خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ ۋە ئۇنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىپ، ھەقىقىي زۇلۇم كۆرگۈچىلەرنىڭ، ھەقىقىي شاھىتلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بۇ كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ بەك ئويغا سالىدۇ.»
ھالبۇكى، ئالېنا دوخان ئۆزىنىڭ خىتايدىن پۇل ئالغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتايدىن ئالدى دەپ قارالغان پۇلنىڭ سوۋغات ئەمەسلىكىنى، بۇ پۇلنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن تولۇق كونترول قىلىنىپ ئىشلىتىلىدىغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلىغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالېنا دوخان ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ جازالىرىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بېلورۇسىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى بولغان ئالېنا دۇخان 2020-يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە دوكلاتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ ب د ت نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقات يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىملاپ قاتناشقانلىقى، ھەتتا 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ جازالىرىغا قارشى تۇرايلى» تېمىسىدىكى يىغىندا نۇقتىلىق سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى دىققەت قوزغىغانىدى.
***********