ب د ت دا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىك قىلىش ھەق-ھوقۇقلىرى مۇھاكىمە قىلىندى
2024.12.02
![bdt-milletler-hoquqi-yighini-04 bdt-milletler-hoquqi-yighini-04](https://uygdev.rfaweb.org/uyghur/xewerler/bdt-milletler-wekillik-hoquqi-11292024153202.html/bdt-milletler-hoquqi-yighini-04.jpg/@@images/061ea1ae-1fa4-47d6-94a6-d23c1172a4aa.jpeg)
29-نويابىر، ب د ت دا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئاز سانلىقلار مەسىلىلىرى مۇنبىرى مەزگىلىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، سىپرۇس ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىران غەربىي بالۇچىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، «ۋەكىللىك قىلىش ھەققىدە قايتا ئويلىنىش-كۈنسېرى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا سىياسىتىدە ئاز سانلىقلارنىڭ دىپلوماتىيە ھوقۇقى» دېگەن تېمىدا يانداش يىغىن چاقىرغان.
بۇ يىغىندا دىپلوماتىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتنى مەركەز قىلغانلىقى، ب د ت قۇرۇلغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپى، ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا سەھنىسىدىكى مۇھىم تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى رەئىسى، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسى دىرېكتورى غەيۇر قۇربان قاتناشقان.
بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غەيۇر قۇربان بۇ يىغىن ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ يىغىندا سىپرۇس ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى كوستاس م. كونستانتىنو «دىپلوماتىيەگە ئېرىشىش ھوقۇقى» ئۇقۇمى ھەققىدە، ب د ت ئەينى ۋاقىتتا قۇرۇلغاندا دۆلەتلەرنىڭلا ۋەكىللىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ب د ت دا ۋەكىللىك قىلىش پەقەت دۆلەتلەرگە بېرىلگەن بىر ئىمتىياز ۋە ھوقۇققا ئايلىنىپ قېلىپ، يەرلىك خەلقلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىن ئاخىرىدا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىگە جاۋاب بەرگەن پىروفېسسور كوستاس م. كونستاتىنو بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى؛ «ھازىرقى جەنۋە مودېلى 1923-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ مودېل ئاينى ۋاقىتتا زاماننىڭ ئېھتىياجى ئىدى، ئەمما ھازىر كۈنسېرى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلىشالمىدى. بىز بۇ سەۋەبتىن پىروفېسسور فىئونا مىككونەل بىلەن ب د ت دا چوقۇم مىللەتلەر ۋە ئىشغال ئاستىدىكى رايونلارنىڭمۇ ۋەكىلى بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە يۈز يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىزدىنىشنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز».
يىغىندا سۆز قىلغان «ئۆز-ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن غەيۇر قۇربان: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەقەت دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى، ئۇ مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتى ئەمەس! دۆلەتلەر مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقنىڭ ۋەكىلى بولالمايدۇ!» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ يانداش يىغىنغا ب د ت دىكى لىيۇكسېمبۇرگ ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى» گە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.