ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: مەسىلىلەر ۋە چارىلەر
2024.09.30
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 2022-يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تېزدىن قارشى چىقىپ، «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھەقلەر ئەڭ ياخشى قوغدىلىۋاتىدۇ. بۇ دوكلات پۈتۈنلەي ئاساسسىز بايانلاردىن تۈزۈلگەن» دېگەن. ئەنە شۇ ئىشلارنىڭ بولغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئوخشىمىغان ئۇچۇر يوللىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە. مۇشۇ خىل رېئاللىقنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە ئاتلانتىك كېڭىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «قىرغىنچىلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا 30-سېنتەبىر كۈنى جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 57-نۆۋەتلىك مەجلىسىنىڭ يانداش پائالىيەتلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى مەركەز قىلغان بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئىزچىل «ساقچى دۆلىتى» نىڭ پۈتكۈل خاراكتېرىنى ئاشكارا نامايان قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ لاگېردىن يادلاش شەكلىدە ئېلىپ چىقىلغان، دەپ قارىلىۋاتقان «يانارىم يوق» ماۋزۇلۇق شېئىرىدىكى رېئاللىقتەك لاگېرغا مەھكۇم بولۇشتىن ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى تەشۋىقاتتا ئىزچىل خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل زىيارەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ ئالدىن تەييارلانغان «ئىناق جەمئىيەت» مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدۇرۇشى، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «شادىمانلىق ئىچىدە ناخشا ئېيتىپ، شوخ ئۇسسۇلغا تەڭكەش قىلىشى» دەماللىققا بىر قىسىم جامائەتنى گاڭگىرىتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بايانلارغا گۇمانىي قاراشتا بولۇشقا يېتەكلەۋاتقاندا، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھېلىھەم روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقنىڭ دەردىدە پۇچىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ خىل ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىككى يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ب د ت غا ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ئەزالىق مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ھەل قىلىش چارىسى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت مۇشۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ، «ب د ت ئەزالىرىنىڭ ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇملارغا قۇربان بولۇۋاتقانلارنى كۆرمەسكە سېلىشى كىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دېدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلار «قىرغىنچىلىق ئاياغلاشتى» دەپ قارىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ھېلىھەم بۇنىڭدىن يەتتە-سەككىز يىل ئاۋۋالقى تۇتقۇنلۇقتىن خالاس بولغىنى يوق. تېخىمۇ مۇھىمى ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندە ب د ت قارمىقىدىكى «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتقۇننىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى قانۇن نۇقتىسىدىن تەپتىش قىلىپ چىققان. بولۇپمۇ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر قانۇن نۇقتىسىدىن بىر ئىنساننى قولغا ئېلىشقا قىلچىلىكمۇ ئاساس بولالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، «سەۋەب» دەپ كۆرسىتىلگەنلەر بىردەك ئىنسانلارغا خاس بولغان ئەقەللىي ھەقلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، مۇشۇ خىل «سەۋەب» لەر «جىنايەت» كە ئايلىنىپ قالغاندا بۇنى سوتلاشتا ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپلەر ئورۇنلانمىغان؛ تۆتىنچىدىن، بۇ تۇتقۇندا نىشانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئاساسىي ئېقىم بولغان ھەمدە بۇنىڭدىكى بەكمۇ ئاشكارا بولغان كەمسىتىش مەزمۇنلىرى، جۈملىدىن «ئۇيغۇر بولۇش، مۇسۇلمان بولۇش، دىندار بولۇش» دېگەنلەر ئۇلارغا «تامغا» بولۇپ بېسىلغان. ب د ت قارمىقىدىكى «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى پرىيا گوپالان (Priya Gopalan) مۇشۇ ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغاندا، «ھازىر ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئەھۋال شۇكى، شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلسەكمۇ، ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە بىلمەيمىز. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك تاشقى دۇنيا بىلەن ھېچقانداق ئالاقە يولى بولمىغان لاگېرلارغا مەھكۇم قىلىۋېتىلگەن، دەپ قارالماقتا» دېدى.
بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلار ئادۋوكات رەيھان ئەسئەتنىڭ بايانلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتتا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ھۆكۈم قىلىنغان قاماق ھېسابىنى جەملىگەندە تەخمىنەن 4.4 مىليون يىلدىن ئاشىدىغانلىقى ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن سىستېمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قارىغاندا 47 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكى ھەققىدە سۆز بولغاندا، بۇنىڭ يالغۇز قاماققا ئېلىنىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىمۇ يىغىندا ئالاھىدە تەكىتلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئومۇمىي دولقۇن قوزغاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى خىتايچىلاشتۇرغان، ئۇلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنىمۇ «خىتايچىلىشىش» قا مەجبۇرلىغان. ھەتتا ئاشكارا ھالدا ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كالامى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى «زەھەرلىك» دەپ جاكارلىغان. بۇ خىلدىكى كىملىك ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى بولسا يېزا-قىشلاق ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدە ئەكس ئەتكەن. مۇشۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي بايان قىلغانلاردىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جون فىشېر (John Fisher)، «مەن تىلغا ئالغان مۇشۇ رېئاللىق بىردەك ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئورۇن ئالغان. ئەمدى بۇنىڭغا ئىككى يىل بولغاندىمۇ يەنە نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا قارىتا بىرەر كۈچلۈك تەدبىر ئېلىنمايدۇ؟» دېدى.
ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باش ئەلچىسى ئېلانور ساندېرس (Eleanor Sanders) ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارغا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 57-نۆۋەتلىك مەجلىسىگە يوللانغان سىگنال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «شۈبھە ھاجەتسىزكى، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىجرا قىلىش زۆرۈر» دېدى.