بېيجىڭدىكى «مۇھاجىرلار يىغىنى» غا تۈركىيەدىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى
2023.09.11
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 31-ئاۋغۇستتىن 3-سېنتەبىرگىچە خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا «11-نۆۋەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار يىغىنى» ئاچقان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ۋە خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. مەزكۇر يىغىنغا 100 ئەتراپىدا دۆلەتتىن كەلگەن 600 ئەتراپىدا مۇھاجىر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، تۈركىيەدىن ئۆزىنى «ئۇيغۇر كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى دەپ ئاتىۋالغان سابىر بوغدا، «ئانتاليا خىتاي مۇھاجىرلار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى دەپ ئاتىۋالغان ماھىنۇر ئابدۇللاھ ۋە ئىزمىردىكى خىتاي مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ شىنخۇا قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان.
بۇلارنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشى يىللاردىن بۇيان ئۆز يۇرتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئۈزۈلگەن، بېرىپ كېلىشلىرى توختىغان، ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرمىلەرگە ۋە لاگېرلارغا تاشلانغان تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئىگىلىشىمىزچە مەزكۇر ئىككى كىشى «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار» سالاھىيىتىدە «11-نۆۋەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار» يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان.
خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان بىرقانچە مىليون كىشىنى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاپ، ئۇيغۇر تىلى، مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى، شۇنىڭدەك دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىشى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىشى، شۇنداقلا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىشى قاتارلىق قىلمىشلىرىنى غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان «11-نۆۋەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار يىغىنى» غا شى جىنپىڭنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى، شۇ قاتاردا تۈركىيەدىن ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى تەكلىپ قىلىشىدىكى مەقسەت نېمە؟
دەرۋەقە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدا ھايات-ماماتلىق گىردابىدا جان تالىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم «مۇھاجىر ئۇيغۇرلار» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى چاقىرغان بۇنداق يىغىنغا قاتناشقانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. «بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرگە قانداق قارايسىز؟ » دېگەن سوئالغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى، ئۆزىنى «ئانتاليا خىتاي مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى دەپ ئاتىۋالغان ماھىنۇر ئابدۇللاھقا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ بىزنىڭ «سىز خىتايدا چاقىرىلغان يىغىنغا باردىڭىزمۇ؟ » دېگەن سوئالىمىزغا قارىتا «سىز مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇمنى كىمدىن ئالدىڭىز؟ شۇنداق، مەن ئۇ يىغىنغا قاتناشتىم. ئەمدى قايتىپ كەلگەن ئىدىم. ھازىر مېھمانلىرىم بار، كېيىنچە سۆزلەشسەك بولامدۇ؟ » دەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى. ئۇ بىزگە تېلېفون قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ بولسىمۇ تېلېفون قىلمىدى. ئۇچۇرىمىزغىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى.
ئىستانبۇلدىكى «ئائىلەم نەدە؟ » ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، ئادۋوكات جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى مۇھاجىرلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىشىنى «بىر خىل سىياسىي تاكتىكا» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ نورمال بىر تەكلىپ ئەمەس بولۇپ، ئەكسىچە بۇ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا چاقىرىلغان مۇھاجىرلار يىغىنىغا تۈركىيەدىن ماھىنۇر ئابدۇللاھ بىلەن سابىر بوغدا قاتنىشىپتۇ. مەن بۇ خەۋەرنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئوقۇدۇم. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن ۋاقتىمىزدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلانغان، دۇنيانىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلىرىنى قوزغاۋاتقان ۋە يېقىندىن بۇيان چەت ئەللەردە ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئايرودۇرۇمدىن تۇتقۇن قىلىپ سولاۋاتقان بىر پەيتتە بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تەكلىپ بويىچە بېيجىڭغا بېرىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشى خىتاينىڭ تەشۋىقات سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمەن. خىتاي بۇ ئارقىلىق چەت ئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار پاش قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تەڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭمۇ خىتاي مۇھاجىرلاردەك بىمالال خىتايغا كېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت يالغان ئۇچۇرنى دۇنياغا يوللىماقچى دەپ ئويلايمەن.»
ئالتە يىلدىن بۇيان سىڭلىسى مەۋلۇدە ھىلال ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتقان، ھەتتا ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمايۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇشنىڭ ئورنىغا خىتايغا بېرىپ، خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتىغا ۋاسىتە بولغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۈركىيەدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن ئۆمەكلەرنى تەشكىللەپ كۆپ قېتىم بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان ھەمدە كۆپ قېتىملاپ مۇھاجىرلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى مۇھاجىرلار يىغىنى 2017-يىلىدىن كېيىن چاقىرىلغان تۇنجى يىغىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن تەشكىل تاپقان 18 كىشىلىك بىر ئۆمەكنى بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغاندىن كېيىن، بۇ پائالىيەتمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى يوشۇرۇش مەقسىتىدىكى بۇ خىل ئويۇنلىرى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ «ئويۇن» لاردا ئاكتىپلىق بىلەن رول ئېلىشى داۋاملىق ھالدا تەنقىدكە ۋە لەنەتلەشلەرگە دۇچ كەلمەكتە.