بېلگىيە باش مىنىستىرى دې كىرو خىتاينى «ئىنتايىن دۈشمەن دۆلەت» دەپ ئاتىغان
2023.12.22
مەلۇم بولغىنىدەك، 15-دېكابىردىن بۇيان ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي جاسۇسى دانىيال ۋو بىلەن خىتايغا سېتىلغان بېلگىيەلىك سىياسەتچى فرانك كرېيېلمان توغرىسىدىكى خەۋەرلەر زور غۇلغۇلا قوزغاپ كەلدى. بۇ جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ تەركىبىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتقان دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈش ھەمدە بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارارى» نى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشتەك تېمىلارنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقانىدى.
21-دېكابىر بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، بۇ مەسىلىگە بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالىكساندىرې دې كىرو (Alexander De Croo)مۇ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ خۇسۇستا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينى «بەزىدە ئىنتايىن دۈشمەن دۆلەت» دەپ ئاتىغان.
خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلى، فىرانسىيەنىڭ «دۇنيا» گېزىتى ۋە ئەنگلىيەنىڭ «پۇل مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتى بىرلىكتە 15-دېكابىر خىتايغا سېتىلغان بېلگىيەنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى فرانك كرېيېلمان بىلەن خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ جاسۇسى دانىيال ۋونىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتقان بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالىكساندىرې دې كىرو بېلگىيە پارلامېنتىغا چېتىلىدىغان بۇ جاسۇسلۇق دېلوسىغا ئىپادە بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىدە قالغان.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى» نىڭ 21-دېكابىر ئېلان قىلغان «بېلگىيە باش مىنىستىرى: خىتاي بولسا بەزىدە ئىنتايىن دۈشمەن بىر دۆلەت» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالىكساندىرې دې كىرو 20-دېكابىر بېلگىيەنىڭ «كەچلىك گېزىت» ۋە «ئۆلچەملىك گېزىت» قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز چەتئەل كۈچلىرىنىڭ بىزنىڭ دېموكراتىيەمىز ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى نەقەدەر يامان كۆرىدىغانلىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىكىمىز لازىم. خىتاي گەرچە رۇسىيەگە ئوخشاش بىزنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا بەزى چاغلاردا بىزگە ئىنتايىن دۈشمەن بىر دۆلەت. خىتايغا ئەسلا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.
بېلگىيە باش مىنىستىرى دې كىرو يەنە شۇلارنى تىلغا ئالغان: «بېلگىيەنىڭ دېموكراتىيەسىگە خائىنلىق قىلىنماقتا. خىتايلار تەسىر كۈچلىرىنى سېتىۋېلىپ، بىزنىڭ دېموكراتىيەمىزنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاينىڭ ئىشىكى، مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاينىڭ مەنپەئەتى، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئېچىلماقتا».
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇرباننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقىنى يالغۇز غەربنىڭ دېموكراتىيەسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇرۇق-ئەۋلادىنىڭ روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنزگە مۇناسىۋەتلىك سەتچىلىكلەرنى قېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈش، بېلگىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلماقچى بولغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارارى» نى توسۇپ قېلىش قاتارلىق خىتاي تاپشۇرغان بىر يۈرۈش ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالغان فرانك كرېيېلمان، خىتايغا سېتىلغان گۇناھى تۈپەيلى ئالدىنقى كۈنلىرى ئۆزى تەۋە بولغان بېلگىيەنىڭ ئوڭچىل پارتىيەسى «ۋىلامس بېلاڭ» دىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇنىڭ بېلگىيە پارلامېنتىدىكى ئىنىسى سىتېۋېن كرېيېلمان بولسا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش ئالدىدا ئىكەن.
فرانك كرېيېلماننىڭ ئىنىسى سىتېۋېن كرېيېلمان نۆۋەتتە بېلگىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇ ئۇكرائىناغا قورال-ياراق ياردەم قىلىش ۋە ھەربىي زاكاز قوبۇل قىلىشتەك مەخپىيەتلىكى زور بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ كەلمەكتە ئىكەن. بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالىكساندىرې دې كىرو ئۇنىمۇ ھازىرقى پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولغان بۇ ۋەزىپىسىدىن بوشىتىش لازىملىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئېتىقادىم شۇكى، بىخەتەرلىك ھامان كېيىنكى پۇشايماندىن كۆپ ئەۋزەل. سىتېۋېن كرېيېلمان پارلامېنتنىڭ ئەڭ سەزگۈر بىر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. بۇ كومىتېت نۇرغۇنلىغان مەخپىي ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. مەسىلەن؛ ئۇكرائىنانى ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بىلەن تەمىنلەش ھەمدە بېلگىيەنىڭ ئەسكىرىي زاكازلىرىنى قوبۇل قىلىش دېگەندەك».
نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئەللىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ ياۋروپادىكى بۇ خىل جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا خېلى بۇرۇنلا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارغا ۋاقتىدا كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللانماي كەلمەكتە ئىكەن.
خىتايغا سېتىلغان بېلگىيەلىك سىياسەتچى فرانك كرېيېلماننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولغىنى شۇكى، بېلگىيە پارلامېنتى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارارى» نى ماقۇللاشتىن بىرقانچە يىل ئىلگىرىلا، بېلگىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى 300 دىن ئارتۇق خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەتراپىدىكى قەھۋەخانىلار ۋە رېستورانلاردا تىمىسقىلاپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنى پارا بېرىش ئارقىلىق ئۈندەككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا سېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ پارلامېنت ئەزالىرىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ جاسۇسى دانىيال ۋو شۇلاردىن بىرى بولۇپ چىققان.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، بېلگىيەلىك سىياسەتچى فرانك كرېيېلماننى سېتىۋالغان خىتاي جاسۇسى دانىيال ۋو بولسا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ مەخپىي ئاخبارات خادىمى ئىكەن. ئۇ 2015-يىلىدىن باشلاپ پولشا ۋە رومىنىيەدە ئېلىپ بارغان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك ياۋروپا خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ فرانك كرېيېلمان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبەت خاتىرىسى ۋە فرانك كرېيېلمانغا تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىراقلا قولغا چۈشكەن.