بېلگىيە ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021-10-14
Share

13-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيە ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر پائالىيەتكە بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشتا باشلامچىلىق رول ئوينىغان ۋە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، فېدېراتسىيە ۋەكىلى سامۇئىل گوگۇلاتى ئەپەندى، بېلگىيە ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، شەرقشۇناس ۋانىسا خانىم ۋە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم قاتارلىق كىشىلەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

مەزكۇر لېكسىيە بېرىش پائالىيىتى بېلگىيە ۋاقتى كەچ سائەت 6 دە باشلىنىپ 8 گىچە داۋاملاشقان، لېكسىيە جەريانىدا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بېلگىيە ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇمۇتەللىپ ئىمىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق لېكسىيە پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بېلگىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە قاتنىشىپ، بېلگىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى

بۇ قېتىملىق لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ ئىنىستىگرام ھېسابىغا يوللىغان مەزكۇر لېكسىيە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار زور دىققەت قوزغىغان.

بېلگىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنى جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلەر ياۋروپادىكى ھەر قايسىي دۆلەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇ يىل 8-ئىيۇن كۈنى بېلگىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە رەسمىي قارار ئېلان قىلغان ئىدى.

مەلۇمكى، بېلگىيە پارلامېنتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، لىتۋا پارلامېنتلىرىدىن كىيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان 6-دۆلەت ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت