خىتاي دائىرىلىرى تۇتقۇن بەختىيار سادىر ھەققىدە ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇر بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2025.01.23
Bextiyar-Sadir.jpg بەختىيار سادىرنىڭ «ئەلكۈيى تورى» دىكى شەخسىي قانىلىغا چىقىرىلغان تونۇشتۇرۇش رەسىمى، ۋاقتى مەلۇم ئەمەس.
alkuyi.com

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر سەيدىن سادىر، ئىككى يىلدىن بۇيان غايىب ئاكىسى بەختىيار سادىر ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلدە توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ب د ت نىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى سۈرۈشتە قىلىش ئىشخانىسىدىن ئاكىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، سەيدىن سادىرنىڭ تېلېفون ۋە مەكتۇپ ئارقىلىق يوللىغان سوئاللىرىغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن خىتاي دائىرىلىرى، ئاخىرى ب د ت نىڭ مەزكۇر ئورگىنىغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئاز بولسىمۇ ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان سەيدىن سادىر، ئۆزىنىڭ بۇ يولدىكى تەجرىبە ۋە تەسىراتلىرىنى رادىيومىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سەيدىن سادىر ۋە ھەدىسى مىنەۋەر سادىر ئۈرۈمچىدىكى قېرىندىشى بەختىيار سادىر ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ساقچىخانا ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان مەكتۇپلىرىمۇ جاۋابسىز قالدۇرۇلغان. ئۇلار قېرىندىشى بەختىيار سادىرنىڭ مېيىپلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭ دېلوسىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئەھۋالنى ئاخباراتقىمۇ ئاشكارىلىمىغان. پەقەت بەختىيار سادىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى رادىيومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە نامايىش قىلىش يولى بەختىيار سادىرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان.

سەيدىن سادىر ئەھۋالنى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن شىۋېتسىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇلاردىن ئاكىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەلچىخانا بىر قاتار تىرىشچانلىقتىن كېيىن، خىتاي تەرەپنىڭ جاۋاب بەرمەي تۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەيدىن ئاكىسى غايىب بولغان 2022‏-يىلى 10‏-ئايدىن تا ھازىرغىچە، ب د ت نىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى سۈرۈشتە قىلىش ئىشخانىسى بىلەنمۇ ئىزچىل ئالاقىلىشىپ كەلگەن. ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر ئىشخانا، خىتاي تەرەپتىن ئاكىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مەكتۇپ يوللىغان.

رادىيومىز ھازىرغا قەدەر ساغلاملىق يېتەكچىسى بەختىيار سادىر ھەققىدە 4 قېتىم ئاڭلىتىش بەرگەن. بۇ ئاڭلىتىشلاردا دەسلەپتە ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئارقىدىن قاماقخانىدا سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىققانلىقى ھەققىدە، ئاخىرىدا سوتلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن، ئەمما ئۇنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى يەنىلا مەلۇم ئەمەس ئىدى. ب د ت نىڭ مەزكۇر ئورگىنى خىتاي تەرەپتىن ئالغان جاۋابىغا ئاساسەن سەيدىن سادىرغا ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا، بەختىيار سادىرنىڭ «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە 13 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

سەيدىن سادىر ئاكىسىنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىك خەۋىرىدىن ئازابلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ ئاخىرى جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن، يەنى ئەمگىكىنىڭ ئاز بولسىمۇ نەتىجە بەرگەنلىكىدىن سۆيۈنگەن. بۇ نەتىجە سەۋەبلىك رادىيومىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغىمۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن سەيدىن سادىر، غايىب ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشتا ئىزچىللىقنىڭ، بوشاشماسلىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئۆز تەجرىبىسى سۈپىتىدە ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ب د ت ئورگىنىنىڭ مەزكۇر مەكتۇپىدا دېيىلىشىچە، بەختىيار سادىر «تېررورلۇق» ۋە «تېررورلۇققا يېتەكچىلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ ئەيىبلىمىنى كەسكىن ھالدا رەت قىلغان سەيدىن سادىر، ئاكىسىنىڭ لاياقەتلىك بىر تىجارەتچى، ئۈلگىلىك بىر ئاتا ۋە پەخىرلىك بىر ئاكا ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئۇيغۇر كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىكلا ناھەق جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

يۇقىرىدا شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق سەيدىن سادىرنىڭ 2 يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن، خىتاي تەرەپنى ئاكىسى ھەققىدە ب د ت غا مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.