جوۋ بايدېننىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى سۆزى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.22
جوۋ بايدېننىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى سۆزى غۇلغۇلا قوزغىدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2022-يىللىق قۇرۇلتىيىنىڭ 77-يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 21-سېنتەبىر، نيۇ يورك.
AP

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ نيو-يورك شەھرىدىكى باش شىتابىدا چاقىرىلغان 2022-يىللىق ئومۇمىي كېڭىشىگە 150 كە يېقىن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، تاجىسىمان ۋىرۇسى يامرىغاندىن بۇيان ب د ت چاقىرغان ئەڭ چوڭ يىغىن بولۇپ قالدى. يىغىن مەزگىلىدە پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ۋاكالىتەن مەخسۇس سۆز قىلدى. ئۇنىڭ 21-سېنتەبىردىكى يېرىم سائەتلىك نۇتۇقى دۇنيادىكى بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى. چۈنكى پرېزىدېنت جوۋ بايدېن رۇسىيەنى «نومۇسسىزلارچە ب د ت ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كەسكىن تەنقىدلىگەن ئىدى.

بۇ يىللىق ئومۇمىي كېڭەشنىڭ باش تېمىلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يادرو قوراللىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بولۇپ، پرېزىدېنت بايدىن روسىيەنى تەنقىدلەشتە «نومۇسسىزلىق»، «ۋەھشىيلىك» قاتارلىق ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى. شۇ قاتاردا جوۋ بايدېن خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ساھەدىكى كېڭەيمىچىلىك ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىنىمۇ ئەيىبلىدى. ئەمما بۇنىڭدا ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «توقۇنۇش پەيدا قىلىش كويىدا ئەمەسلىكى»، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنى پەيدا قىلىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقى» نى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ نۇتۇقىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بىر تېما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھەرقاچان كىشىلىك ھوقۇقنى ھېمايە قىلىدۇ ۋە ئالغا سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا ۋە دۇنيا مىقياسىدا داۋام قىلىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ» دېدى. ئۇ نۇتۇقىدا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ، «ھازىر، 2022-يىلىدا، تۈپلۈك ھەقلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتتا تەپسىلىي بايان قىلىندى» دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت بايدېننىڭ نۇتۇقىدا «دەپسەندىچىلىك» ۋە «شىنجاڭ» ئاتالغۇلىرى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى ھەققىدە كەسكىن ئىبارىلەرنىڭ قوللىنىلماسلىقى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئامېرىكا سىياسيونلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ماقۇللىنىشىغا يېقىندىن كۈچ چىقىرىپ كەلگەن شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان كرىستوفېر سىمىس ئەپەندى 21-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا مەخسۇس بۇ ھەقتە توختالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«بىز زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە قىيناق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمىز. ئۇ (جوۋ بايدېن) خىتايلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى لازىم ئىدى. ھۆكۈمنامە قەيەردە؟ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ كاللىسىدا. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ۋە باشقا مېخانىزىملار قەيەرگە كەتتى؟ بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىز قەيەردە؟ ئۇ (جوۋ بايدېن) بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە بۇ ھەقتە جەمئى 12 دانە سۆز ئىشلەتتى. ئۇ پەقەت مۇشۇ سۆزلەرنىلا قىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قېتىملىق پۇرسەت ئىدى. بۇنىڭدا بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىز بولغان جوۋ بايدېن بەكمۇ بىخۇتلۇق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پرېزىدېنت بايدېننى ئەسلىدىكى مەۋقەسىنى تېپىۋېلىشقا ۋە زۇلۇمدىن ئازاپ چېكىۋاتقان كىشىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىشقا چاقىرىمىز. خۇددى سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بولغاندەك، مەن شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان گۇلاگ ئۇسلۇبىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇلارنىڭ ساپلىقى ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا تۇپرىقىغا كىرگۈزمەسلىك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلغان قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا مەن پرېزىدېنتىمىزغا مەن ئاڭلىغان بۇ سۆزلەرنى قىلىپ قويۇش بىلەن توختاپ قالماستىن بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈكرەك ئىشلارنى قىلىش تەكلىۋىنى سۇنىمەن.»

بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇنىڭدىكى ئەپسۇسلۇق نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ مۇشۇنداق بىر زور دۇنياۋى سورۇندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشىنىڭ ئۆزى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم قەدەم ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى كۆپلىگەن رەھبەرلەرگە ئۈلگە بولىدىغان ھەركەت ئىكەن. ئەمما دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئالغان بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىنىڭ ئەمدى كېلىپ مۇشۇنداق بىر ئاشكارا سورۇندا بۇ قارارنى تەكىتلىمەسلىكى ھەرساھە كىشىلىرىنى بەكلا ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن.

نۆۋەتتە غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئارىلىقىدىكى سۈركىلىش بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا شەكىللىنىۋاتقان بۇ ھەقتىكى ھەمكارلىقمۇ تېگىشلىك رەۋىشتە يۈكسىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.