جوۋ بايدىن-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا، جوۋ بايدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان
2023.11.17

كالىفورنىيەدە ئېچىلغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت بايدىننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەردە چوڭ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن ئامېرىكا ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، بايدىن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغاندەك چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاقساراي تورى» دا دېيىلىشىچە، پىرېزىدېنت جوۋ بايدىن 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى كالىفورنىيەنىڭ ۋۇدسايد شەھىرىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، مۇھىم مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى دېيىلگەن. بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە مەخسۇس باياننامە (Readout) ئېلان قىلغان.
بايدىن ۋە شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى دەپ كۆرسىتىلگەن بۇ باياننامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككى رەھبەر فەنتانىلغا ئوخشاش بىرىكمە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە داۋاملىق ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئىككى رەھبەر ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان ساھەلەر بويىچە ئىككى تەرەپلىك ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە سەمىمىي ۋە ئىجابىي مۇزاكىرە ئېلىپ باردى» .
ھالبۇكى، ئامېرىكىلىق سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ئۇچرىشىشتا بايدىن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغاندەك ئىككى تەرەپلىك ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە بۇ بىر ئىلگىرىلەش ئەمەس. ئەمما خىتاي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىدا تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى. ئەمەلىيەتتە، خىتاي نۇقتىلىق مەسىلىلەردىن بىر بولغان فەنتالىن مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قوشۇلدى دېيىلىۋاتىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسا قانچىلىك دەرىجىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى دەلىللىيەلمەيمىز. خىتاي سۆزىدە تۇرامدۇ، بۇ ئايرىم مەسىلە. بىز يەنە بۇ مۇھىم ھەمكارلىقنىڭ نېمە بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز. شۇڭا ئۇ ماڭا ئىلگىرىلەش باردەك تۇيۇلمىدى. ئۇلار ئىككى نۇقتىدا ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پىرېزىدېنت، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مەنسەپداشلىرى (تەڭ ھوقۇقلۇق خىتاي كاتتىباشلىرى) ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق، ھەممىسى قۇرۇق گەپتىنلا ئىبارەت. خىتاي فىلىپپىن ياكى تەيۋەنگە ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا تەھدىت سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ تېررىتورىيە، كۈچ ۋە تەسىرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىز بەك ئاز نەرسىگە ئېرىشتۇق. شۇڭا مېنىڭچە بۇ ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە ئۇچرىشىش ئەمەس» .
ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايدىن گەرچە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، «ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ۋە فەنتانىل قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن ۋەدىسىگە ئىشەنگىلى بولمايدىكەن.
مەزكۇر باياننامىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «پىرېزىدېنت بايدىن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭ كوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. »
دوكتور ئاندېرس كور پىرېزىدېنت بايدىننى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر رايونىنى ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغان ئالغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلغان بىرەر كېلىشىم يوقلۇقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچرىشىشنى بىر چوڭ غەلىبە دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ، خوڭ كوڭ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. فالۇنگۇڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپمۇ قويمىدى؛ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلدى. بۇ يەردە پەقەت فەنتالىن مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولدى. بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، خوڭ كوڭ ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما بۇ توغرىلىق ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى. شۇڭا مېنىڭچە بۇ مەسىلىلەردە بىر ئىلگىرىلەش بولمىدى. بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما نېمە مەزمۇندا سۆزلىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. شۇڭا سىز ئۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ پەرەز قىلالايسىز. شۇنداقلا ھېچبىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغىنى يوق» .
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پىرېزىدېنت بايدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە بولغان مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئاخىردا دوكتور ئاندېرس كور مۇنداق دېدى: «بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ يىغىننىڭ گەرچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا بۇ ئۇچرىشىشتىن تۈزۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، يەنە كېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ھەر قانداق ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ياكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.