بىل كلارك بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم! » (1)
2024.05.22
غەرب ئىلىم ساھەسىنىڭ، جۈملىدىن ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە بولغان قىزىقىشى 19-ئەسىردىلا يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا ساھەلەرگە دائىر ئوخشىمىغان تېمىلار ئىزچىل ئۇلارنىڭ قىزىقىشى بولۇپ كەلگەن ئىدى. شۇ زاماننىڭ ئالىملىرى ئۆزىگە يارىشا دائىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتنى خەلقئارا سەۋىيەگە ئېلىپ چىقىشتا بايراقدارلىق رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزى ئەسىرلەر بويى بارغانسېرى زورىيىپ باردى. ئەنە شۇ يوسۇندا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەدرىجىي ھالدا بىر مۇھىم پەن تارمىقى بولۇپ بىلىنىشكە باشلىغاندىن بۇيان بۇ ساھەدە ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن كۆپلىگەن ئىجتىھاتلىق ئالىملار يېتىشىپ چىقتى. دوكتور بىل كلارك (William Clark) ئەنە شۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1985-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى باشلىغاندىن بۇيانقى يەتتە يىل مابەينىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن قويۇق دوستلۇق ئورناتقان. 1996-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بۇ جايدىكى 14 يىللىق ھاياتىدا داۋاملىق ئۇيغۇرلار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. ئۇ بۇ مەزگىللەردىكى ھېس-تۇيغۇلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا «مەن ئاللىقاچان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقاندەك بولۇپ كەتكەن» دەيدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىدا 2016-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان باستۇرۇش ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، دوكتور بىل كلارك بۇنى كەسكىن تەنقىدلەش مەزمۇنىدىكى ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيەتلىرى، تور مۇھاكىمىلىرى ۋە ئوبزور ماقالىلىرىنى تەييارلاپ، بۇ قاباھەتلەرنى ئامېرىكا خەلقىگە بىلدۈرۈشتە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك مۇشۇ خىلدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ كەلمەكتە. يېقىندا نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەزگىلىدە بىز دوكتور بىل كلارك بىلەن تېخىمۇ تەپسىلىي سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلىغايسىلەر.
مۇخبىر: سۆھبىتىمىزنى سىز ئېلان قىلغان «ئىبراھىم ھەققىدە ھېكايە» ناملىق ماقالىدىن باشلىساق. سىز قانداق بولۇپ بۇ تېمىغا ئىشلەپ قالدىڭىز؟ بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئاز-تولا سۆزلەپ باقسىڭىز.
بىل كلارك: بولىدۇ. 1994-يىلى مەن ئۈرۈمچىگە يەنە بىر قېتىم باردىم. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن ئايالىم جۇلى بىلەن غۇلجادا ئۈچ يىل، ئۈرۈمچىدە ئىككى يىل ياشىغان ئىدۇق. بۇ جەرياندا بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا دەرس ئۆتتۇق. كېيىن مەن ئىنسانشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنى باشلىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالەمنى يېزىش جەريانىدا ئىبراھىم (مۇتىئىي) نىڭ ئائىلىسى مەن بۇ جايدا تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ئائىلىسى بولۇپ قالدى. كېيىنچە بۇ مېنىڭ ئىككىنچى ئائىلەم بولۇپ قالدى. ئۇ كىشى داڭلىق تىلشۇناس ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ «ئەپەندىم» دەپ چاقىرغۇچىلىكى بار بىر ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭ سۈر-ھەيۋىتى، خاراكتېرى مەندە بەكمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. كېيىن ئويلىسام ئاشۇ قىسمەتلەر ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بەختىم بولغان ئىكەن. بىز ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇنداق بىر ئىشنى «سودىلاشقان» ئىدۇق: مەن دوكتورلۇق ماقالەمگە كېرەكلىك مەزمۇنلار ئۈچۈن ئۇنى زىيارەت قىلىدىغان، سۆھبىتىمىز تۈگىگىچە ئايالىم ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە ئىنگلىزچىدىن دەرس ئۆتۈپ بېرىدىغان بولدى. چۈنكى مېنىڭ تەتقىقات تېمام ئىنسانشۇناسلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، مېنىڭ ئۇنىڭدىن سورايدىغانلىرىم بەكمۇ كۆپ ئىدى. بولۇپمۇ ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ بالىلىق دەۋرى ئۆتكەن تۇرپانغا مەن بەك قىزىققان ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا بىر تۈركۈم تاتار زىيالىيلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۇرپاندا يېڭى مەكتەپلەرنى ئاچقان. بۇ مەكتەپلەر شۇ زاماندىكى مەدرىسەلەردىن زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردە بالىلار ماتېماتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنەتتىكەن. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇغان ئىكەن. كېيىن ئۇ ئەمدىلا يىگىتلىك قۇرامىغا يەتكەندە ياۋروپاغا بېرىپ بىرنەچچە يىلنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن. كېيىنچە ئۇ تاشكەنتكە بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرغان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان. شۇڭا ئۇنىڭ ھاياتى ماڭا بەكمۇ قىزىقارلىق بىلىنگەن ئىدى.
مۇخبىر: سىز ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىڭىزدا ئىبراھىم مۇتىئىي ۋە باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن، شۇنداقلا يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ئارىلاشقان ئىكەنسىز. شۇ ۋاقىتتا سىز ئۇچراشقان يەرلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدە يادىڭىزدا قالغان ئىشلار بارمۇ؟
بىل كلارك: نېمىسىنى دەيسىز. ئەسلىگۈدەك ئىشلار بەك كۆپ. ئىبراھىم مۇتىئىينىڭ ئوغلى ۋە كېلىنىنىڭ ئون يىللىق توي خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەرىكە دەل مۇشۇ خىلدىكى يادىمدىن چىقمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كەلگەندە، يەنى 1985-يىلى ئۇلار توي قىلغان ئىكەن. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ مەن دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالەمنى باشلىغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەرىكىگە مېنىمۇ تەكلىپ قىلدى. مەرىكە ئاجايىپ ناخشا-ئۇسسۇل، چاقچاق، ئوخشىغان تائاملار بىلەن بەكمۇ قىزىپ كەتتى. شۇ چاغدا ياشلاردىن بىرى يېنىمغا كېلىپ، «سىز چەت ئەللىك ئىكەنسىز. بۇ يەردە نېمە قىلىسىز؟» دەپ قىزىقسىنىپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ، «مەن بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىمەن. بولۇپمۇ 1949-يىلىدىن بۇيانقى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمەن» دېدىم. ئۇ ماڭا تىكىلىپ بىر قارىۋېتىپ «توختاڭ، توختاڭ! بىز ئۆزگىرىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار. مېنىڭچە سىز قەشقەرگە بېرىشىڭىز كېرەك! » دېدى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ، «مېنىڭمۇ قەشقەرگە بارغۇم بار» دېدىم. ئەمما ئايالىم ئۈرۈمچىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. چۈنكى بۇ بىر تېز ئۆزگىرىۋاتقان بىر شەھەر ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار راۋرۇس دەرىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ھاياتى يەنىلا زور دەرىجىدە ئەركىن ئىدى. ھازىرقىغا قەتئىي ئوخشىمايتتى. گەرچە ئۇلار 100 پىرسەنت ساپ ئۇيغۇر بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى «بىز ئۆزگىرىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار» دېگەن قاراشتا ئىدى. شۇ چاغدا مېنىڭ ئۈچ بالام بولغاچقا، مۇشۇ خىلدىكى بالىلىق ئائىلىلەر بىلەن دوست بولۇشنى ياخشى كۆرەتتۇق.
مۇخبىر:ئەينى ۋاقىتتا غەرب دۇنياسىدىكى سىزگە ئوخشاش كۆپلىگەن ياش ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان ھەمدە بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن دوست بولۇشقان ئىدى. ئەمما 2017-يىلىدىن كېيىن قارايدىغان بولساق، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاشۇ ياش ئالىملاردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغانلىرى كۆپ ئەمەس. بۇنىڭغا قاراپ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارنى يۈزسىزلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنىمۇ ئاڭلايمىز. سىز قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىماستىن سۆز قىلىشنى تاللىۋالدىڭىز؟ ئەسلىدە سىزمۇ خاتىرجەم ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز بولاتتىغۇ؟
بىل كلارك: شۇنداق. سىز ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن سۆز قىلىشنى دەۋاتىسىز. بۇ تەرىقىدە سۆز قىلىش بولسا مېنىڭ چوڭ نىشانلىرىمدىن بىرى، دېسەممۇ بولىدۇ. بىز بۇ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە مۇھاكىمە يىغىنىدا يەھۇدىيلارنىڭ قانداق قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلار ئۆيلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغاندا، غەربىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغان ياكى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۇلارغا ياردەم قىلغان. بۇ تارىخ ماڭا بەك چوڭ تەسىر قىلغان. مەن دائىم ئۆزۈمدىن «ئەگەر بۇ ئىشلارنى مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ؟ » دېگەن سوئالنى قايتا-قايتا سورايمەن. ئۇيغۇرلار ھازىر دەل مۇشۇ خىل ياردەمگە موھتاج. چۈنكى ئۇيغۇرلار ھازىر ئەڭ زور مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان بىر شارائىتتا مەن، يەنە كېلىپ 1985-يىلى نەۋقىران ياش يىگىت سۈپىتىدە ئاشۇ رايونغا بېرىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئىچ قويۇن-تاش قويۇن بولغان بىر ئادەم ۋۇجۇدۇمغا قېرىلىق يېتىپ، يېشىم 68 گە بارغاندا قانداقمۇ جىم ئولتۇرالايمەن؟ ئۇيغۇرلار شۇ قەدەر ئېسىل بىر خەلق. ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان ئېسىل كىشىلەر مەن بىلەن دوست بولغان. ھازىر بولسا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى لاگېرلاردا قاماقلىق. مەن سىزگە بىر مىسال ئېلىپ بېرەي: شۇ ۋاقىتتا مەن ھەر كۈنى ئۇزۇنغا يۈگۈرەيتتىم. شۇنداق بولغاچقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان دىلمۇرات بىلەن يېقىن دوست ئىدىم. ئۇ بەك داڭلىق تەنتەربىيەچى ۋە ياخشى مەشقاۋۇل ئىدى. 2017-يىلى ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. يېقىندا ئاڭلىسام ئۇ تۈرمىدە ئېغىر قىينىلىپ نەچچە كۈنلۈكى قالغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئائىلىسىگە داۋالاشقا چىقىرىلىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئايالى بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ھالىدىن جىق خەۋەر ئالغان. شۇنداق بولغانىكەن، دىلمۇرات ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۈچۈن سۆز قىلىش ماڭا نىسبەتەن بىر تۈرلۈك مەجبۇرىيەت بولۇشى كېرەك. يەنە ئالسام، شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئابباس بۇرھان ئائىلىسىگە كۆپ باراتتىم. ئۇلار مېنىڭ دوكتورلۇق ماقالەمگە كۆپ ياردەم بەرگەن. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئاش-تۇزىنى كۆپ يېگەنمەن. شۇ چاغلاردا رىشات ئابباس ۋە روشەن ئابباس بىلەن تونۇشقان ئىدىم. ھازىر بولسا شۇلارنىڭ بىرى بولغان گۈلشەنگە 2018-يىلى ئېغىر قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمىز. شۇنداق تۇرۇپ مەن قانداقمۇ جىم ئولتۇرالايمەن؟