مۇتەخەسسىسلەر: «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى ئۆزئارا قوشۇۋېتىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى يوقىتىشنىڭ پىلانى بولۇش مۇمكىن»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.07.08
maxingrui-alyumin-1024 ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي تەڭرىتاغ ئاليۇمىنچىلىقى شىركىتىگە بارغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 2-ئىيۇل، شىخەنزە
ts.cn

ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي شىخەنزە شەھىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك (يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) نى ئۆزئارا قوشۇۋېتىش چاقىرىقىنى ماھىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاپتونومىيە سىستېمىسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئۇنى ئاخىرىقى ھېسابتا يوق قىلىشنىڭ ئالدىنقى پىلانى بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 3-ئىيۇل بەرگەن بۇ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ما شىڭرۇي شىخەنزىگە بېرىپ ئاۋىياتسىيە، توقۇمىچىلىق، ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك (يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) نى ئۆزئارا قوشۇۋېتىش، بىڭتۈەننىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىدە بىڭتۈەننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 «بىڭتۈەن گېزىتى» 2023-يىل 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىمۇ، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 8-نۆۋەتلىك 5-يىغىنىدا يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 6 نۇقتىلىق تەلەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە «بىڭتۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى شەھەرلىشىشىنى تېزلىتىش، شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىر شاھمات تاختىسىغا ئايلاندۇرۇش» قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئەپەندى، ما شىڭرۇي شىخەنزىگە بېرىپ ئاۋىياتسىيە، توقۇمىچىلىق، ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

 «شىنجاڭ ئىككى چوڭ مەسىلىگە دۇچ كەلدى. ئۇلارنىڭ بىرى ھازىر شىنجاڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغاچقا، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىسقا شىنجاڭمۇ دۇچ كەلمەكتە. شى جىنپىڭ ئېكسپورت قىلىش يولى بىلەن بۇ ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ سەۋەبى. شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ئىككىنچى كىرىزىس، يەنى ئىككىنچى مەسىلە شۇكى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ياكى قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. شۇڭا، ئۇلار بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆز بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشكە ۋە توسۇشقا باشلىدى. شۇڭا ئۇلار ھازىر شىنجاڭدا ھەل قىلالمايدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. شىنجاڭدا بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇشى ئاللىبۇرۇن بار ئىدى. ھازىر خىتاي ئەمەلدارلىرى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە قوشۇلۇشىنى، ئۇلارنى تېخىمۇ بىر گەۋدىلىشىشكە چاقىرىۋاتىدۇ» .

ما شىڭرۇي يەنە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق يولغا قۇيۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك پارتكوم رەھبەرلىكىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گىرەلەشمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، ما شىڭرۇي توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ياخشىلاش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ئۇ بۇنى «يېڭى بىر مودېل» دەپ تەرىپلىگەن.

ئامېرىكىدىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) ما شىڭرۇي ئوتتۇرىغا قويغان بۇ «يېڭى مودېل» ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

 «ما شىڭرۇي بۇ يېڭى مودېلنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇردى، دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يېڭى پىلانىدا ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما ئۇلار ئىقتىسادىي كاساتچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېكسپورتنى مەسىلىسىنى ئوڭشاش كېرەك. ئۇلار بۇ كەسىپلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەمگەك ۋە مەبلەغگە موھتاج. بىڭتۈەنگە ئوخشاش دۆلەت كارخانىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن مۇكەممەل بىر قۇرۇلۇش. بۇلار ئارقىلىق ئەمگەك ۋە مەبلەغ ئېھتىياجىنى ھەل قىلالايسىز. تەسەۋۋۇر قىلالايمىزكى، شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق سانائىتى بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ياردەم بېرەلەيدۇ» .

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۇي ئوتتۇرىغا قويغان بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك (يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) نى ئۆزئارا قوشۇۋېتىش چاقىرىقى، يەنى خىتاينىڭ بىڭتۈەن سىستېمىسىنى كۈچەيتىشى بولسا ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئەڭ نېگىزلىك ئارىلىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاسسىمىلياتسىيە تىزلىتىدىكەن. ئاخىرىقى ھېسابتا بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاپتونومىيەنى ئاجىزلىتىش ۋە يوق قىلىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتى بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

بىڭتۈەن قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىڭتۈەننى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش» نىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تايانچ كۈچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مابەينىدە بىڭتۈەن ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشىپ، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشقا قاتناشسا، بىر ياقتىن يۈز مىڭلىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، بىڭتۈەننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.