قازاق لاگېر شاھىتى : بىزنى كىم قوغدايدۇ؟ كىم ئىگە چىقىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2023.08.16
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق پائالىيەتچىلىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق نەتىجىلىرىنى كۈتمەكتە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا قازاقىستاندىن لوندونغا بېرىپ گۇۋاھلىقتىن ئوتكەن قازاق گۇۋاھچىلار (سولدىن ئوڭغا) باقىتالى نۇر، ئورىنبېك كۆكسىبېك ۋە ئېرباقىت ئوتارباي. 2021-يىلى 12-سېنتەبىر، لوندون.
Photo: RFA

 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قۇرغان لاگېرلارنى، ئۇ جايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئىسپاتلىق ئاڭلاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىكى بىلەن لاگېرلار ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان پىداكار ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نۆۋەتتە دېموكراتىك ئەركىن دۆلەتلەردە پاناھلىق تىلىگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم خىتاينىڭ بېقىنىدا، يەنى خەتەرگە تېخىمۇ يېقىن تۇرۇۋاتقانلىرىمۇ بار.

2021-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپاتلىق ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇ جايدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈستىدىن ئىسپاتلىق بەرگەن ئاچقۇچلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن بەختئەلى نۇر ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن ھېلىھەم قازاقىستاندا تۇرماقتا.

گەرچە ئۇ قازاقىستان گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، خىتاي ۋە قازاق دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان بەختئەلىنىڭ ئەھۋالىنى بىخەتەر دېگىلى بولمايدۇ.

 14-ئاۋغۇست بەختئەلىدىن مۇنداق بىر ۋىدىيولۇق ئىنكاس تاپشۇرۇۋالدۇق.

قازاق لاگېر شاھىتى بۇ ۋىدىيوسىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلاتقاندىن بۇيان ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە قازاقىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن ئۈزلۈكسىز تەھدىت كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ «بىزنى كىم قوغدايدۇ؟ يا قازاقىستان قوغدىيالمىسا، كىم قوغدايدۇ؟ بىزگە كىم ئىگە چىقىدۇ؟ بىز لاگېر شاھىتلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى دۇنيا بىلىشى كېرەك» دەيدۇ.

بەختئەلى بۇ گۇۋاھلىقىدا يەنە «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى توختىمىدى. خىتاينىڭ قازاقىستاندىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىن بېرىپ كېلىۋاتىدۇ دېگەنلىرى يالغان، بارغىلى بولسا بىز بارساق بولمامدۇ؟ بىزنىڭمۇ ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىزنى كۆرگۈمىز بار. ئۇلار كۆرسەتمەيدۇ . قازاقىستان پىرېزىدېنتى-5 ئايدا خىتايغا بارغاندا، خىتايغا قارشى گەپ قىلغانلارنى قازاقىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇپ ھەققىدە پۈتۈشكەنلىكىنى ئاڭلاۋاتىمىز. لاگېرلارنى دۇنياغا ئاڭلاتقان بىزگە ئوخشاش گۇۋاھچىلار تەھدىت ئاستىدا قالدۇق، قانچە قېتىم سوراق قىلىندۇق، قانچە قېتىملاپ تاياق يېدۇق . بۇنى دۇنيا بىلسىكەن دەيمەن» .

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەختئەلى ئۆزىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە تېلېفون ئارقىلىق توختىماي ساقچىخانىغا چاقىرتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق تەھدىتلەر ئۇنىڭ لوندون سوتىغا بېرىپ كېلىشىدىن كېيىن كۈچەيگەن.

2022-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەچ سائەت 8-9 لار ئەتراپىدا ئۇ ئىشتىن يېنىپ، ئالمۇتا شەھىرىدىكى ساياھەت كوچىسىدا ئۆيىگە پىيادە كېتىۋاتقىنىدا، تۇيۇقسىز ئارقىسىدىن كەلگەن يۈزلىرى نىقابلىق 3 كىشى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ۋە ھوشىدىن كەتكەن. بەختئەلى بۇ قەستتە خىتاينىڭ قولى بار دەپ قارايدىكەن.

بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق گۇمان قىلغىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «ئۇلار مېنى ئۇرۇپ ھوشۇمدىن كەتكەندە، يېنىمدا پۇل ۋە يانفونلىرىم بار ئىدى، ئەگەر بۇلاڭچى ياكى باشقىسى بولسا ئىدى، يېنىمدىكى نەرسىلىرىمنى ئېلىۋالغان بولاتتى. لېكىن ئۇلار ھېچنېمەمنى ئالماپتۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مېنى قورقۇتۇش، بۇنىڭدا چوقۇم خىتاينىڭ قولى بار» دەيدۇ.

بەختئەلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا، يەنى 2021-يىلى 9-ئايدا لوندوندىكى ئۇيغۇر سوتىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇنىڭغا نامەلۇم كىشىلەر تېلېفون قىلىپ ئۇنى لوندونغا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىتايغا قارشى گەپ قىلىشنى توختاتمىساڭ سېنى خىتايغا قايتۇرىمىز» دەپ تەھدىت سېلىشقا باشلىغان.

بەختئەلى بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، لوندوندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن. ئەمما ئۇ لوندونغا كەلگەن ۋاقىتتا، قازاق ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىغا تەھدىت سالغان. ئۇنىڭ ئايالى گۈلنار خانىم، بەختئەلى كەلگۈچە بالىلىرىنى ئېلىپ سەھرادىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولغانىكەن.

گۈلنار خانىم ئۇ كۈنى بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «2021-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 لار ئىدى، ئىككى قىزىم مەكتەپكە كەتكەن. مەن كىچىك ئوغلۇم بىلەن ئۆيدە، ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقانىدىم. تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقىمۇ چالماي ئۆيگە بىرلىرى باستۇرۇپلا كىردى. ئالمۇتا ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى ‹بەختئەلى قېنى؟ › دەپ سورىدى. مەن ‹بىلمەيمەن› دېدىم. ئۇلار ‹نەدىن بولسا چاقىرتىپ كېلىشىڭ كېرەك. بىزنىڭ قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلاردىن شۇنداق بۇيرۇق كەلدى. خىتاي بەختئەلىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىپتۇ، ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سالىدىغان ھەرىكەتلىرىنى توختاتسۇن. دەرھال قايتىپ كېلىپ بىر كۈن ئىچىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلسۇن. بولمىسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ› دەپ تەھدىت ئىشلىتىپ، قورقۇتۇپ كېتىشتى» .

 بەختئەلى ۋە ئايالى ئۆزلىرى ئۇچرىغان بۇ تەھدىتنى 2021-يىلى 30-دېكابىر ئازادلىق رادىيوسىغىمۇ ئاڭلاتقانىكەن.

بەختئەلى نۇر 2019-يىلى 12-ئايدا تۇنجى قېتىم رادىيومىزدا گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتى چاپچالدىن، قازاقىستانغا كۆچمەن بولۇپ بارغاندىن كېيىن، 2015-يىلىدىن باشلاپ چېگرا سودىسى قىلىپ ئائىلىسىنى قامداپ كەلگەنلىكىنى، ھالبۇكى 2017-يىلى، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قازاقىستاندىن قورغاس چېگراسى ئارقىلىق يۇرتىغا قايتقىنىدا بولسا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى،  ئاخىرى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن يېرىم جان ھالدا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغانىدى.

بەختئەلىنىڭ قازاقىستاندىكى بالىلىرى ۋە ئايالىنىڭ قازاقىستان دائىرىلىرىگە توختىماي ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە، خىتاي 2019-يىلى، 8-ئايدا بەختئەلىنىڭ قازاقىستانغا چىقىشىغا يول قويغان. بەختئەلى نۇر لاگېردا ياتقان جەريانىدا جىگەر ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ھەمدە بۆرەك ۋە باشقا ئىچكى ئەزالىرىدىن جەمئىي 9 خىل ئوخشىمىغان كېسەللىك پەيدا بولغانىكەن. ئۇ قازاقىستاندا ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، رادىيومىزغا ۋە باشقا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاڭلىتىشقا باشلىغانىدى.

 چاپچالدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن قازاق لاگېر شاھىتى بەختئەلى، كىچىكىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ھەتتا لاگېردىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى، ئۇ يەنە چاپچالدىكى ئاساسلىق لاگېرلارنىڭ ئورۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر پۇلدار بايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن بۇ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى . شۇنداقلا ئۇ يەنە چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىلا ئىككى يىل جەريانىدا جەمئىي 5 لاگېر قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ لاگېرلارغا جەمئىي 30 مىڭچە ئادەم قامالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدەك مۇھىم ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەنىدى.

بەختئەلى نۇر شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خىتاي ۋە قازاق دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى توختاتمىدى. بىز ئۇنىڭدىن بىخەتەرلىكى تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقىنىغا قارىماي يەنە گۇۋاھلىق بېرىشىگە نېمە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېخى توختىغىنى يوق، مېنىڭ بېشىمغا نېمە كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر مەن گۇۋاھلىق بېرىشنى توختاتمايمەن، چۈنكى مېنىڭ دەۋاتقانلىرىم ھەقىقەت. مەن بەدەل تۆلەشتىن قورقمايمەن، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلەم، بالىلىرىممۇ بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. ئەڭ يامىنى يېڭى تۇغۇلغان نەۋرەممۇ تىرىك يېتىم بولۇپ قالدى. ئاشۇ نەۋرەم ئۈچۈن بولسىمۇ بۇنى ئاڭلاتمىسام بولمايدۇ. بىز ئائىلە بويىچە تەھدىتكە ئۇچراۋاتىمىز» دېدى.

بەختئەلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ۋە قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ توختىماي پاراكەندىچىلىك قىلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكى بۇزۇلۇپلا قالماي، كۈيئوغلى ۋە قۇدىلىرىمۇ تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن. مۇشۇ سەۋەبلىك چوڭ قىزى ئاجرىشىشقا مەجبۇر بولغان. 9 ئايلىق نەۋرىسىنى ھازىر بەختئەلى ۋە ئايالى بېقىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى «قازاقىستان بىزنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتەرمۇ؟ بۇ نارەسىدە نەۋرەمگە بىرەر خەتەر يېتەرمۇ؟ » دېگەن ئەندىشە ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.