ھۆججەتلىك فىلىم «بۇزۇلغان ۋەدە» ئامېرىكا ئاممىۋى تېلېۋىزىيەلىرىدە كۆرسىتىلىش ئالدىدا
2023.10.11

ئامېرىكادا ئىشلىنىپ، بۇلتۇر يورۇق كۆرگەن ھۆججەتلىك فىلىم «بۇزۇلغان ۋەدە» ، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن ئەھدىنىڭ بۇزۇلغانلىقى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار ئارقىلىق يورۇتۇلغان فىلىم.
مەزكۇر بىر سائەتلىك فىلىمدا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئوخشىمىغان ۋاقىتتا يۈز بېرىپ كەلگەن ئىرقى قىرغىنچىلىققا دائىر پاكىت ۋە دوكلاتلار، ئۇنى سادىر قىلىۋاتقان كۈچلەر ۋە سىياسەتلەر تەھلىل قىلىنىپ، شۇ قىرغىنچىلىقلاردىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ چىن ۋە تەۋرەنمەس ھېكايىلىرى شۇنداقلا، قىرغىنچىلىقنى توختىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان سىياسىيون ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى زىيارەت قىلىنغان.
مەزكۇر فىلىم، 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، مەزكۇر فىلىم ئوخشىمىغان جايلاردا كۆرسىتىلگەن ۋە فىلىم فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ياخشى ئىنكاس ۋە باھالارغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.
«بۇزۇلغان ۋەدە» دە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى نۇقتىلىق يورۇتۇلغان بولۇپ، قىلىمنىڭ مەخسۇس تور بېتى ۋە ئۇنىڭ تاراتقۇلاردىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىمۇ ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ سۈرىتى ئىشلىتىلگەن.
لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن، يېقىنقى كۈنلەردە رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ «بۇزۇلغان ۋەدە» فىلىم گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئامېرىكا ئاممىۋى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرسىتىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ خەۋەرنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ: «مېنىڭ ئۈمىدىم، بۇ فىلىمنى يالغۇز ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ كەڭرى تارقىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنىڭ ھازىرمۇ توختىماي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ جىق كىشىلەرنىڭ بىلىشى ۋە بۇنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشىدۇر» دېدى.
مېھرىگۈل تۇرسۇن رادىيومىزغا تەمىنلىگەن فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن ئېلخېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز سىزگە ‹بۇزۇلغان ۋەدە› فىلىمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى باھالىق پىروگرامما تۈزۈشنىڭ باشلامچىسى بولغان ئامېرىكا ئاممىۋى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن كېلىشىم ئارقىلىق ئاممىۋى تېلېۋىزىيەدە كۆرسىتىدىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن بىلدۈرمەكچىمىز، سان فىرانسىسكودىكى ئەڭ ئالقىشقا ئىگە KQED نىڭ يەنى، ئامېرىكا قولتۇق رايونى بازىرىدىكى PST دە تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، ‹بۇزۇلغان ۋەدە› ئامېرىكادىكى ئاممىۋى تېلېۋىزىيە قانىلى (PBS) بازىرى قارمىقىدىكى بارلىق بېكەتلەردە ئۈچ يىل تارقىتىلىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە بۇ فىلىمنى 2023-يىلى 8-دېكابىر جۈمە كۈنى كەچ سائەت 8 دە كۆرسىتىشنى باشلايدۇ» دېيىلگەن.
شۇنداقلا خەتتە يەنە «بىز بۇ فىلىمنى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئېيىغا ماس ھالدا ئاممىۋى تېلېۋىزىيە قانىلى (PBS) قارمىقىدىكى سىستېما بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن تەشۋىق قىلىشنى باشلايمىز» دەپ ئەسكەرتىلگەن. ئېلخەتتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇ فىلىم يەنە PBS. org دېتالى ئارقىلىق ئاشكارا تارقىتىلغاندىن باشقا ئامازوندىكى PBS Prime Video ئارقىلىق تارقىتىلىدىكەن.
KQED بولسا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو (NPR) ، ئاممىۋى تېلېۋىزىيە قانىلى (PBS) قاتارلىق ئامېرىكادىكى تېلېۋىزىيە، رادىيو، رەقەملىك تاراتقۇ ۋە مائارىپ مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ خىل تاراتقۇلار بىلەن ئورتاقلاشقان ۋە ھەمكارلاشقان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاممىۋى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
«بۇزۇلغان ۋەدە» ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ ئاممىغا ئوچۇق تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭدا چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىنمۇ دۇنيادا يەنە، كامبودژادىن رىۋانداغىچە بوسنىيەدىن دارفورغىچە بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دۆلەت تېررورلۇقلىرى يۈز بەرگەنلىكى ھەمدە، ھازىرقى 21-ئەسىرنىڭ ئۆزىدىمۇ خىتايدا ئۇيغۇرلار، بىرمىدا روھىنگالارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى، ئىراندىكى يەزىدىلەر، ئۇكرائىنالىقلار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئازابلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارغا ئايرىم-ئايرىم ئورۇن بېرىلگەن.
ئىرقى قىرغىنچىلىقلاردىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ فىلىم گەرچە ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق داۋام قىلسىمۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئۈمىدلىك ھېكايىلەر تاللانغانىكەن.
مەزكۇر فىلىمغا مۇستەقىل ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش شىركىتى (Gravitas Docufilms) نىڭ رېژىسسورى كۇرد نورتون (Kurt Norton) رېژىسسورلۇق قىلغان، فىلىم دىرېكتورى گايلې دونسكي (Gayle Donsky) بولۇپ، سېنارىيەسىنى ئالېكىس كاللېروس (Alex Calleros) ، گايلې دونسكى ۋە كۇرد نورتونلار (Kurt Norton) بىرلىشىپ يازغان.
ھۆججەتلىك فىلىم «بۇزۇلغان ۋەدە» نىڭ تەشۋىقات فىلىمىغا قارىغاندا، فىلىمنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر بۆلىكىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا يەنە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قۇللۇق ئەمگىكى لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە دۇنيادا نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ بۇ قۇللۇق ئەمگىكى ئىشلىتىلگەن مەھسۇلاتلارغا باغلانغانلىقى پاكىتلىق كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئۆلۈم لاگېرىدىن ئامان قالغۇچى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە زور تەسىر قوزغىغان لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ھەمدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جىم مەكگاۋرېن (Jim McGovern) ئامېرىكا ئامېرىكا چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيى سىمون سكجود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نائومى كىكولېر (Naomi Kikoler) قاتارلىقلار زىيارەت قىلىنىپ يورۇتۇلغان.
فىلىم دىرېكتورى گايلى دونسكي تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ فىلىم يورۇق كىرگەندىن بۇيانقى تەرەققىياتلارنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ھۆججەتلىك تېخى فىلىم كەڭ دائىرىدە كۆرسىتىلمىگەنىدى. پەقەت ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى، سان-فىرانسېسكو دائىرىسى ھەمدە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بىر قىسىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقاتى ھەم مائارىپى ساھەسىدە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، بۇنىڭ تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىغانلىقى قارشى ئېلىنماقتا. فىلىم يەنە كالىفورنىيە شتاتى مائارىپ تارماقلىرى تەرىپىدىن، چوڭ قىرغىنچىلىق ھەمدە باشقا ئىرقى قىرغىنچىلىقلار توغرۇلۇق تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاممىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك مۇھىم ماتېرىيال قىلىش تەشەببۇس قىلىندى. بۇ فىلىم، دۇنيادا ئەسىرلەردىن بۇيان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ توختىماي يۈز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئاچىدۇ» .
گايلى دونسكي خانىم فىلىمدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى نۇقتىلىق يورۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقى يورۇتۇلدى، بۇنى يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتايدا ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتۇر. بىز فىلىمدا مېھرىگۈل ۋە نۇرى تۈركەلنىڭ ھېكايىسى ھەمدە بىر نەپەر دۆلەت مەجلىس ئەزاسىنىڭ ئېيتقانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنتايىن ئوبيېكتىپ ۋە چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەندىمىز دەپ قارايمەن. بۇ جەرياندا بىزمۇ ئىنتايىن كۈپ نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. پەقەت قۇربىمىزنىڭ يەتكىنىنى قىلدۇق دەپ ئويلايمەن»
«بۇزۇلغان ۋەدە» تەشۋىقات تور بېتىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر فىلىم ھازىرغىچە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە ھەمدە ياۋروپادا جەمئىي 10 دىن ئارتۇق فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقان.
مەزكۇر تور بەتتىن يەنە «بۇزۇلغان ۋەدە» نىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنو فېستىۋاللىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقى مەلۇم. فىلىم رېژىسسورى كۇرد نورتون 2023-يىلىدا مەزكۇر فىلىم سەۋەبلىك IMPACT DOCS مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئالدىنقى ھەپتە تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئىقتىدارلىق ھۆججەتلىك فىلىم- «پەرقلەندۈرۈش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. مەزكۇر فىلىم يەنە بۇ يىل بوستون مۇستەقىل كىنو مۇكاپاتى، چىكاگو ئىندى كىنو مۇكاپاتى ۋە LA قۇياش كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىكەن.
«بۇزۇلغان ۋەدە» فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق كىشى، داڭلىق ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى كۇرد نورتون (Kurt Norton) مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«بۇ فىلىمنى كۆرۈش ئوڭاي ئەمەس، چۈنكى بىز ئۇنىڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر داۋامىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئېغىر پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىلەرنى كۆرگۈچىلەرگە سۇندۇق. لېكىن فىلىم ھازىرغىچە نۇرغۇن فېستىۋاللار تەرىپىدىن تاللاندى ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، بىز ئۇنىڭ ئاممىۋى تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن. بۇنىڭ بىلەن بۇ ھېكايىلەردىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر خەۋەردار بولىدۇ. بىز بۇنىڭ بىلەن، بۇ ھېكايىلەر، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مەزكۇر ھېكايىلەرنىڭ ئامېرىكا يەرلىك ئاممىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ئىنكاسىنى قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» .
كۇرد نورتون يەنە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى فىلىمدا نۇقتىلىق يورۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىمدا، ئىرقى قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت چوڭقۇر تېمىنى يورۇتۇش ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار يۈز بەرگەن ۋە بىز بۇنىڭ ھېچ بىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنى خالىمىدۇق. شۇڭا بىزنىڭ بۇ فىلىمدا ھېكايىلەرنى تاللاپ ئاڭلىتىشىمىزغا توغرا كەلدى. بۇ پاجىئەلەرنى سۆزلەشنى خالايدىغانلار ئاز بولغاچقا مۇۋاپىق ئىنسانلارنى ۋە ھېكايىلەرنى تېپىشمۇ ئىنتايىن رىقابەتلىك بولدى. بۇنداق ئېغىر پاجىئەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قىسمەتلىرىنى سۆزلەشنى خالايدىغانلارمۇ ئاز بولغاچقا، ئۇلارنى تاپالىغانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى تەلەيلىك ھېسابلايمىز. مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە نۇرى تۈركەلدەك كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرى تولىمۇ مۇھىم. ئۇلار ھېكايىلىرىمىزنىڭ ئەڭ مەركىزى نۇقتىسىدا تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىنمۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ يەكۈنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا يېتەرلىك ئاڭلىتىلمىدى. شۇڭا بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر فىلىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نۇقتىلىق يورۇتۇشقا مەركەزلەشتى. بۇ ھېكايىنى شەرەپ بىلەن يېقىشلىق قىلىپ تەقدىم ئېتەلىگەنلىكىمىزدىن خوشالمىز» .
بىز رېژىسسور كۇرد نورتون ئەپەندىنىڭ مەزكۇر فىلىم تېلېۋىزىيەدە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تاماشىبىنلاردىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ ئالدى بىلەن كۈتىدىغىنىم ئەلۋەتتە بۇنى كۆرگەندىن كېيىن تاماشىبىنلارنىڭ ئالدى بىلەن بۇ ئادالەتسىزلىكلەردىن ئويغىنىشى، بۇ ئەڭ مۇھىم نۇقتا. ئىككىنچىدىن بولسا، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەكىللىرىگە خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش. پۈتۈن ئامېرىكا جامائىتىنىڭ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش چاقىرىقىمىزغا ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» .
ئۆ ياش ئەۋلادلاردىن يەنە نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى مۇنداق داۋام قىلدى:
«شۇنداقلا مەن يەنە ئىستۇدېنتلار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ بۇ فىلىمنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، بۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى بىلىمىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ياش ئەۋلادلارنىڭ قانداق يەر شارى پۇقراسى بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. يەر شارى پۇقراسى بولماق، زور بىر مەجبۇرىيەت. بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلماق دېمەكتۇر. ئىنسانلار دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسا ئۇنىڭ بىزگىمۇ تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلار ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىككە قارشى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ قانداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى راستچىللىق بىلەن ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بارلىقىنى ھېچقاچان ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم» .
«بۇزۇلغان ۋەدە» فىلىمى تەشۋىقاتلىرىدا ئىپادىلىنىشىچە، «بۇزۇلغان ۋەدە» فىلىمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاكىتلىرى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن مۇھىم بىر فىلىمدۇر.