رىشات ئابباس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە خاتىرىسىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد ئاجرىتىشقا چاقىردى
2024.12.06
خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر يازما خاتىرىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا جىددىي خىرىس پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي تەۋەلىكىدىكى مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يازما خاتىرىسى، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قانداق قوغداپ قېلىشنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ھەم پائالىيەتچىلەر گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ يىغىندا، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ رەئىسى، دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى، دوكتور رىشات ئابباس گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ مىسلىسىز يوقىتىشىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر يازما خاتىرىسىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشى ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
6-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «خاتىرىنى ساقلاپ قېلىش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخنى بۇرمىلىشى ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىشى» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراتقان مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە خاتىرىسىنى قوغدىشىغا قانداق ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىدۇر.
دوكتور رىشات ئابباس يىغىندا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىمىز دەپ سورىسىڭىز، بۇنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق جاۋابى، مۇھاجىرەتتىكى چەتتە قالغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزىمىزگە تارتىدىغان پىروگراممىلارنى قوللاش، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرىشتۇر. بۇ خىل ياردەملەر ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. بۇ بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزدە ئاز ئۇچرايدىغان ئىنتايىن ھالقىلىق مەسىلە» . رىشات ئابباسنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداپ قېلىشقا ياردەم بېرىش ئۇيغۇرلارغا نوقۇل ئادالەت تەلەپ قىلىش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى بۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ قىممەت قارىشىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىگە يول قويۇش قويماسلىق مەسىلىسى ئىكەن. رىشات ئابباس: «بۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن نوقۇل ئادالەت مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى بۇ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا بىز ئارزۇ قىلغان بىر دۇنيانى قالدۇرۇپ كېتىش كەتمەسلىك، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قەبىھلىكى ۋە دۇنيانىڭ قىممەت قارىشىغا تەھدىت سېلىشىغا يول قويۇش قويماسلىق، ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچىيىپ، ئەركىن دۇنيانىڭ ئاساسىنى ئاجىزلىتىشىغا يول قويۇش قويماسلىق مەسىلىسىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.
بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ يازما خاتىرىسىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، چۈنكى ھەربىر شەخسنىڭ يازما خاتىرىسى ئارقىسىدا ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنىڭ ساقلانغانلىقىنى بىلدۈردى. كىرىستوفېر سىمىت مۇنداق دەيدۇ: «ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، بۇ خىتاي خەلقىنىڭ خاتىرىسىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇرمىلىشىدىن قوغداش، شۇنىڭدەك يېتۈك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي كىملىكى يوقىتىلىش خەۋپىدىكى ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ خاتىرىسىنى، بولۇپمۇ ھەممىدىن مۇھىمى خىتاي كومپارتىيەسى يوقاتماقچى بولۇۋاتقان شەخسىي خاتىرىلەرنى قوغداش زۆرۈرىيىتى پەيدا قىلماقتا.»
بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى گەۋدىسى» بەرپا قىلىش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلىرىغا، تارىخىي بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، قەبرىستانلىق، مەھەللە مەدەنىيىتى، تىلى قاتارلىق، ئۇلارنى خىتايدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە چاقىرىلدى.
كىرىستوفېر سىمىت گۇۋاھلىق يىغىنىدىن كېيىن مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى خىتاينىڭ مال ئېكسپورتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىرىستوفېر سىمىت مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىقتىسادى جازادا تېخىمۇ كەسكىن بولۇشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، بىز مەيلى خوڭكوڭ مەسىلىسىدە بولسۇن ياكى شىنجاڭ مەسىلىسىدە بولسۇن، بەزى كىشىلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزدۇق. بۇ ئېمبارگو مەيلى ‹ماگنىتىسكى قانۇنى› بويىچە بولغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىز سودا بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قايتا بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ناھايىتى كەسكىن رەۋىشتە ‹ئەگەر سەن بۇنى قىلمىساڭ، مەھسۇلاتىڭنى (ئامېرىكاغا) يوللىيالمايسەن› دېيىشىمىز كېرەك.»
كىرىستوفېر سمىتىتنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ 1990-يىللاردا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سودا بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى بىرلەشتۈرۈشكە خاتىمە بېرىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىقتىسادىي، گېئو-سىياسىي ۋە ھەربىي تەھدىتكە ئايلىنىشىنىڭ يولىنى ئاچقان.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى «تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جېيمىس مەكگوۋېرىننىڭ يىغىندا قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ خەن مەدەنىيىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان «خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» دە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. جېيمىس مەكگوۋېرىن مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ‹خىتايلاشتۇرۇش› ھەرىكىتى بىر قانچە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تارىخى ۋە كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى، خەن مەدەنىيىتى ۋە ‹سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى› نى چىقىش نۇقتىسى قىلماقتا… خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويۇۋاتقان ‹ۋەتەنپەۋەرلىك تەربىيەسى› بارلىق ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ‹ئۇلۇغ ئانا ۋەتىنى› نى، خىتاي مىللىتى، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كومپارتىيەنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى چىقىش قىلماقتا».
جېيمىس مەكگوۋېرىن بېيجىڭنىڭ خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق، نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە رىم ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. جېيمىس مەكگوۋېرىن مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت ياكى دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى ياكى ئۇلارنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك يەرلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلىشى، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشتۇر» . جېيمىس مەكگوۋېرىننىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئېتنىك مىللەتلەر تارىخىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدا چىڭ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەن.
بۇ قېتىملىق يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى ئۇزرا زىيا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىنى ئاقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قەتئىي ۋە ئىزچىل كۈنتەرتىپكە قويۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن ئەتىگەن بىز بۇ يەردە يىغىلىپ ئولتۇرغان پەيتتە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ خوڭكوڭدا تۈپ ئەركىنلىكنى يوقىتىپ، تىبەتلەرنىڭ يېتۈك مەدەنىيىتى، دىنى ۋە تىل كىملىكىنى باستۇرماقتا. شۇنىڭدەك پۈتۈن دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماقتا… كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بۇ ئەھۋالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدىغا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قەتئىي ۋە ئىزچىل قويۇپ كەلدى» .
رىشات ئابباس 6-دېكابىر بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، ئۇلار كېلەر يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. رىشات ئابباس يەنە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى، ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىشكە قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ «خاتىرىنى ساقلاش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخنى بۇرمىلىشى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشى» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا خوڭكوڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلەر دوتسېنتى روۋېنا خې، خوفىسترا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلەر پىروفېسسورى جۇلىيان كۇ، مونلام تىبەت ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، راھىب لوبساڭ مونلام، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىك ياش پائالىيەتچى تېمۇلۇن توگوچوگ قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بېرىپ، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ ئانا تىلى ھەم مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي تارىخىغا ئائىت پەرقلىق قاراشلارنى قانداق يوقىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.