چەتئەللىك بەزى تور چولپانلىرى چوڭ سەھنىلەردىمۇ خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چېلىشقا باشلىغان
2024.10.28
خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى چەتئەللىك تور چولپانلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاخبارات تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي سۇپىلاردا «ھەقىقىي شىنجاڭ» تەشۋىقاتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش «تەشۋىقات ئۇرۇشى» سېپىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان «چۆپقەت» لىرىدىن بىرى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە قانىلى» (CGTN) نىڭ دائىملىق مۇخبىرى فېرناندو مۇنوز بېرنال (Fernando Munoz Bernal) بولۇپ، ئۇ 20-ئاۋغۇست كۈنى «خىتاي كۈندىلىك تورى» دا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ نويابىر ئېيىدا ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر خەلقئارالىق مۇنبەرگە قاتنىشىپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ مۇنبەرنىڭ «سوئال-جاۋاب» سۇپىسىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇنبەردە پىكىر بايان قىلىشى، نۆۋەتتە خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆزەتچى، ئانالىزچىلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ تور چولپانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىدە، يەنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆزلىرىگە غەربلىكلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق رەددىيە بېرىشتە باش رول ئوينىماقتا ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ رادىيومىزغا يوللىغان يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى ئىنكار قىلىپلا قالماستىن، بەلكى قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ قارىغان ھۆكۈمەتلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۆزلىرى ئۇچرىغان بېسىمنى غەربنىڭ سۇيىقەستى دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ‹جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش› تىن ئىبارەت يۇمشاق ۋە قاتتىق كۈچ تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى پىكىر ئېقىمىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقى ۋە ۋەھشىيلىكى توغرىسىدىكى خەلقئارا ئەيىبلەشلەرنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن كونترول قىلىشقا ئۇرۇندى. خىتاي ھازىر بىر قىسىم چەتئەللىك مۇخبىر-ئوبزورچىلار ۋە تور چولپانلىرىنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ نازارىتى ۋە كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز قارىشىنى تەشۋىق قىلدۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، بۇنى خىتاينىڭ داۋاملىق قوللىنىدىغان بىر تاكتىكىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسى دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، فېرناندو مۇنوز بېرنالدەك چەتئەللىك تور مۇخبىرلىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يەردىكى مەسىلىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇرنېل ئەپەندى غەرب دۆلىتىنىڭ ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ ئېغىر بولۇشى تۈپەيلىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ھەممىمىز بىلگىنىدەك، ئىسپانىيە ئەركىن جەمئىيەت. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۇ يەردە ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقى بار. بىراق يەنە بىر نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا، ماڭا نىسبەتەن بۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىمتىياز مەسىلىسىدۇر. گەرچە ئۇ بۇ سەھنىلەردە ئۆزىنىڭ ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› ھەققىدىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى تارقىتالايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلاردا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەركىنلىك يوق. ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلالمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىيەلمەيدۇ. ۋاھالەنكى، بېرنال ئەپەندى ئۆز كىملىكىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ۋە ئىسپانىيەدە ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. ئەمما بۇ ئىمتىياز ئۇيغۇرلاردا يوق».
«خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ دېپىنى چېلىۋاتقان فېرناندو مۇنوز بېرنال «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دا ئېلان قىلغان «يالغان-ساختا ئۇچۇرلارغا قارشى كۈرەش _ شىنجاڭدا مەسئۇلىيەتچان ساياھەتچىلىك بەرپا قىلىش» ناملىق ماقالىسىدە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە تارقىتىۋاتقان «يالغان-ساختا ئۇچۇر» لىرىغا قارشى تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ يېقىندا يېڭى تور بەت (-mediawithoutmeans.org) قۇرۇپ، بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇخبىرلار بىلەن «ئاڭلاپ باقمىغان ھېكايىلەر» ھەققىدە سۆھبەتتە بولغانلىقى، «كەلگۈسى شىنجاڭنى بارلىققا كەلتۈرۈش» ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان.
ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر خەلقئارالىق مۇنبەرگە قاتنىشىپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن. ئېنىقلاشلىرىمىز جەريانىدا بۇ مۇنبەرنىڭ قانداق مۇنبەر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات تېپىلمىدى.
ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىگە ئەركىن-ئازادە بېرىپ ساياھەت قىلىۋاتقان ۋە خىتاي تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتقان مۇخبىر فېرناندونىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەشۋىقات كانىيى» سۈپىتىدە «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەققىدە بۇ خەلقئارالىق مۇنبەردە نۇتۇق سۆزلەشكە قاتنىشىشىنىڭ تولىمۇ قىزىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«ئادەتتە خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. مەن بۇ مۇنبەر ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما، ئىشىنىمەنكى بۇ خىلدىكى مۇنبەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر بۇ مۇنبەرگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ مۇنبەر نېمىشقا ئۇنى تاللىدى؟ بۇ قىزىقارلىق بىر مەسىلە. بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەھۋالنى ئوبدان بىلىدىغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئۇلارنى تەكلىپ قىلمايدۇ؟ شۇڭا مېنىڭچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خادىملىرى بۇ جەھەتتە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى، ئاندىن بۇ ھەقتىكى دوكلاتلارنى بەزى تاراتقۇلاردا ئىنگلىزچە ئېلان قىلىپ ئاشكارىلىشى كېرەك.»
دەرۋەقە، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىلىرىغا ئايلانغان چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە تور چولپانلىرى خېلىلا كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ، بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى» نى تەشۋىق قىلىش بىلەن قالماي، بەلكى خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات تاكتىكىلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.