چەت ئەللەردە ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر رېستورانلىرى كىمنى راھەتسىز قىلماقتا؟
2023.06.07
ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن چەت ئەللەردە ئېچىلغان چوڭ-كىچىك ئۇيغۇر ئاشخانىلار ۋە رېستورانلار، شۇ دۆلەت ياكى شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يىغىلىش ئورنى ھەم ئىجتىمائىي قورغىنى بولۇپ كەلدى. بۇ رېستورانلار يەنە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ۋە رېتسېپلىرىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ساقلاپ قېلىش، داۋاملاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنى دۇنياغا تونۇتۇشتەك بەلگىلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئېلىپ بارماقتا.
ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ۋە رېستورانلىرى يارىتىۋاتقان ئۈنۈم ۋە تەسىر بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇلار يەنە ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارغا ھەمدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قىزىقتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەر رېستوران تىجارىتىگە قەدەم قويغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىق سالاھىيىتى بىلەن رېستورانلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغان مۇنبەرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىملىكىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىگە ئايلاندۇرماقتا.
2015-يىلى گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھەر مەركىزىدە ئېچىلغان «ئۈرۈمچى» رېستورانى كېيىنكى يىللارغا كەلگەندە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گوللاندىيەگە تونۇشتۇرۇش سورۇنى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سورۇنغا ئايلانغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە «ئۈرۈمچى» رېستورانى گوللاندىيە ۋە باشقا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، گوللاندىيەدىكى «ئۈرۈمچى» رېستورانىنىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن كەسپىي بىر ئاشپەز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە چەت ئەلدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زەينىدىن ئەپەندى، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ بارغانچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، خېرىدارلارنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «ئۈرۈمچى» رېستورانىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان يېمەك-ئىچمەك سورۇنىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان جانلىق بىر مۇزېيىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى خېرىدارلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتەك بىر مۇھىم ۋەزىپىنىمۇ ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھالبۇكى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر رېستورانلىرىغا ئوخشاشلا گوللاندىيەدىكى «ئۈرۈمچى» رېستورانىمۇ ئاشپەز، خام ئەشيا، بازار ۋە باشقا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن سىرت يەنە نامەلۇم قارا قوللارنىڭ ھۇجۇمى ھەم پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراشتەك ئەھۋاللارغىمۇ دۇچ كەلگەن. زەينىدىن ئەپەندى ۋە باشقا رېستوران ئىگىلىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، بۇ سىرلىق ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا قولى بارلىقىدىن گۇمان قىلسىمۇ، ئەمما بۇ قارا قوللارنىڭ ھەقىقىي كىملىكى ھازىرغىچە سۇ يۈزىگە چىقمىغان ئىكەن.
زەينىدىن ئەپەندى يېقىندا «ئۈرۈمچى» رېستورانى جايلاشقان كوچىنىڭ دەل ئۇدۇلىغا، يەنى ئارىلىقى 150 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان بىر ئورۇننى مەلۇم بىر خىتاي جەمئىيىتى ئىجارىگە ئېلىپ، لوزۇنكا ئېسىۋالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتە بۇ جايغا ئاندا-مۇندا خىتايلار كىرىپ چىقىپ تۇرىدىكەن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بوش تۇرىدىكەن. ھالبۇكى «ئۈرۈمچى» رېستورانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ياكى گوللاندىيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ مۇھىم پائالىيىتى بولىدىغان كۈنلىرىدە بۇ ئورۇندىكى خىتايلارنىڭ ھەرىكىتى تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ، ئەتراپنى كۆزىتىدىغان كۆزلەرمۇ كۆپىيىپ كېتىدىكەن.
ياپونىيەدە «روزى كاۋاپخانىسى» نامىدا ئىككى جايدا ئۇيغۇر رېستورانى ئاچقان رېستوران خوجايىنى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى خەلمەت روزى ئەپەندى، ھەر ئىككى رېستورانىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئاسقان ئىكەن. مەزكۇر رېستوراننىڭ تاماق تىزىملىك دەپتىرىنىڭ بىرىنچى بېتىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن. تاماق تىزىملىكىدە بۇ رېستوراندىكى تائاملارنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا خاس تائاملىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، «ئۇيغۇر لەغمىنى» ، «ئۇيغۇر كاۋىپى» ، «ئۇيغۇر پولۇسى» دېگەندەك «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئاتالغان تائاملار ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىكەن.
خالمەت ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ رېستورانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئاسقانلىقى سەۋەبىدىن بىر خىتاي خېرىدار ئۇنىڭ رېستورانىدا جىدەل چىقارغان ئىكەن.
خەلمەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئارزۇلىرىنى رېستوراننىڭ تاماق رىسالىسى ۋە ۋىۋىسكىسىدا گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن سەزگۈر بولغان ياپونىيەدە بەزى كۈتۈلمىگەن پاراكەندىچىلىكلەرگە سەۋەب بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ئىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ھازىر ياپونىيەلىك خېرىدارلارنىڭ ئۇيغۇر تاماقخانىلىرىغا بولغان قىزىقىشى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولماقتا ئىكەن.
زەينىدىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رېستورانلار ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان بىر يۇمشاق ۋاسىتە بولالايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرى خالاپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ دەۋايىمىزنى ئاڭلايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە بارماي تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نۇرغۇن سوئاللىرىغا رېستورانلىرىمىزدىن جاۋاب تاپالايدۇ. چۈنكى بىز ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا خاس تائام بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇلارنى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى گەۋدىلەنگەن، خۇددى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت مۇزېيىغا ئوخشايدىغان مۇھىت بىلەن تەمىنلەيمىز.»
ئاكتىپ پائالىيەتچى ۋە رېستوران غوجايىنلىرىدىن بولغان زەينىدىن ئەپەندى بىلەن خەلمەت ئەپەندىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، چەت ئەللەردە ئۇيغۇر رېستورانىنى يۈرۈشتۈرمەك ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ۋە رىقابەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتىكى بىر يۇمشاق ئەندىزە بولالايدىكەن. ئۇلار دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر رېستورانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شۇنداقلا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىش ئېھتىمالى زور، دەپ قارايدىكەن.
زەينىدىن ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى راھەتسىز قىلىۋاتقىنى، ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ چەت ئەللەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقى ياكى ساقلاپ قېلىۋاتقانلىقىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى چەت ئەللەردىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشكە ئىنتىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشقا باشلىغانلىقىدۇر.»