گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە تېمىسى بولدى
2024.12.18

د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ۋەكىللەر 17-دېكابىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا كېلىپ، گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى» ناملىق يىغىنغا قاتناشقان. مەزكۇر يىغىنغا گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، خوڭكوڭ، تەيۋەن، ۋېيتناملىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندىكى كىشىلەر قاتناشقان.
يىغىندا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، 8-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن د ئۇ ق نىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ھەمدە خىتاينىڭ د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى بۇزۇش ئۈچۈن قوللانغان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن.
بېرلىندىن بۇ خۇسۇستا بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۇقتىلىق تېمىلاردىن بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى بېرلىن زىيارىتى گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت كىرىزىسقا پېتىپ تارقىتىۋېتىلگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا بەلگىلىك سەلبىي تەسىرلەر كۆرسىتىدىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالدىمىزدىكى ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا قانداقلا بىر ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىغا چىقمىسۇن، گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىكەن.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن زۇنۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىن ئەسناسىدا خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى 5 دانە مەخپىي ساقچى پونكىتىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگۈچىلەر ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس بىر تېلېفون لىنىيەسى بەرپا قىلغانلىقى مەلۇم بولغان.
د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار بۈگۈن 18-دېكابىر كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا بەزى ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئىچكى ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن.