خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىلنۇر رەيھان ئۈستىدىن سوتقا قىلغان ئەرزى بىكار قىلىنغان
2023.09.18
فىرانسىيەدە ھەر يىلى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى» بۇ يىل 15-سېنتەبىردىن 17-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر بايرام ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، يەنى 13-سېنتەبىر كۈنى پارىژ تەپتىش مەھكىمىسى، خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دىلنۇر رەيھان ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ئەلچىخانىسى دىلنۇر رەيھاننى ئۆتكەن يىلى فىرانسىيەنىڭ برىتىگني (Brétigny) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى» دا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ چېدىرىغا كېلىپ پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئەلچىخانا خادىملىرىغا ۋە ئەلچىخانىنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىغا بوياق چېچىش بىلەن ئەيىبلەپ، سوتقا ئەرز قىلغانىدى.
ئەينى ۋاقىتتا دىلنۇر خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەھۋالدىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى مەلۇماتلاردا «ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى» ئۆتكۈزۈلگەن رايوننىڭ ساقچىسى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى دىلنۇر خانىم بىلەن ئالاقىلەشكەن ۋە ساقچىخانىغا كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى دىلنۇر خانىم ئۆزى بىلەن ئالاقىلەشكەن ساقچىخانىغا بېرىپ ساقچىلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ساقچىلار دىلنۇر خانىمنىڭ ئىپادىسىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن فىرانسىيە تەپتىش تارماقلىرىنىڭ بۇ ۋەقە ئۈستىدىن رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇشى ياكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىشى ئېنىق بولماي كەلگەنىدى.
پارىژ تەپتىش مەھكىمىسى 13-سېنتەبىر كۈنى دىلنۇر رەيھاننىڭ ئادۋوكاتىغا رەسمىي ھۆججەت ئەۋەتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىلنۇر رەيھان ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىلنۇر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ دېلونىڭ باش-ئاخىرى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە بىزگە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.
بىز بۇ دېلو ھەققىدە فرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار تېلېفونىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.
دىلنۇر خانىمنىڭ ئادۋوكاتى ۋىلىيام بوردون (William Bourdon) ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەرزىنى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان ئىسپاتلىرىنى كۆرگىنىمىزدە، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ دىلنۇرنى قورقۇتۇش ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى قورال قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، شۇنداقلا دىلنۇرنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىشكە تىرىشىلغانلىقى ئايان بولدى. بۇ ۋەقەدە دىلنۇر پەقەت ئۆزىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزدى. شۇڭا 5-ئايدا تەپتىش مەھكىمىسىگە بۇ ئىشنىڭ بىمەنىلىكىنى، خىتاينىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە پىكرىمىزنى سۇندۇق. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىلنۇر ئۈستىدىن فىرانسىيە سوتىغا ئەرز قىلالىشىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئەرزىنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ بىمەنە ۋە ئورۇنسىز بىر ئەرز ئىكەنلىكىنى، ھەتتا فىرانسىيە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇشۇنداق رەزىل كۈچكە يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»
دىلنۇر ئادۋوكاتى ئېيتقان بۇ سۆزلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن قىلغان بۇ ئەرزىنىڭ ئاددىيلا بىر «ئەرز» مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ئادۋوكات ۋىلىيام ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار (خىتاي) غەربنىڭ قانۇن سىستېمىسىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ، دىلنۇرغا ئوخشاش جاسارەت بىلەن ھەرىكەت قىلغانلارغا قارشى تۇرىدۇ، ئۇلار ھەتتا قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ فىرانسىيەدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپادا دىققەت تارتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بارلىق ئاماللارنى، بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، دىلنۇرغا ئوخشاش سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرى ئەلۋەتتە بىرىنچى قېتىم بولغان ئەمەس، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىملىقىمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە.»
دىلنۇر خانىم ئاخىرىدا، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان «قارا قولى» ھەققىدە سۆز قىلغاندا، غەرب ئەدلىيە سىستېمىسىدىكىلەرنى خىتاينىڭ «قولچومىقى» بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.