ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سى ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغان
2024.09.05
يېقىنقى يىللاردا چەت ئەل شىركەتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەر ئۈستىدىن كىلىنىكىلىق سىناق، توقۇلما ھۈجەيرىسى ۋە DNA تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشى بۇ خىل ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىلمىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتمەكتە. يېقىندا ئامېرىكانىڭ بىر قانچە پالاتا ئەزاسى بەزى ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان كىلىنىكىلىق سىناقلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىسى ۋە DNA سى ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى، 10 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشقانلىقى مەلۇم بولغان.
«سىدنېي ئەتىگەنلىك ئاۋانگارتى» گېزىتىنىڭ 2-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرلىرىدە خىتاي تەمىنلىگەن DNA ئەۋرىشكىسى ۋە قان ئۈلگىلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ رازىلىقى بىلەن ئېلىنغانلىقى سوئال پەيدا قىلماقتىكەن.
ئامېرىكادىكى ماسساچۇسېتتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى غول ھۈجەيرە تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا، خىتاي زور ھەجىملىك DNA سانلىق ئامبىرى قۇرۇپ چىققان ئۇيغۇر ئېلىدە، ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى ياكى قان ئۈلگىسى بېرىشنى رەت قىلىش ئەركىنلىكى يوقلۇقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرقانداق رازىلىق مەجبۇرىي بولۇپ، «ئىجازەت جەدۋىلى، دېگەننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» ئىكەن. مايسەم مۇتەللىپوۋا 3-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە نۆۋەتتىكى سىياسىي مۇھىتتا ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بىلەن چەت ئەلنىڭ كىلىنىكىلىق سىناق، توقۇلما ھۈجەيرىسى DNA تەتقىقات ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ تەييار سىناق بازىسى بولۇپ قالماقتىكەن. ھالبۇكى، خەلقئارا گېن تەتقىقات ساھەسىدىكى داڭلىق «ئىلمىي خاتىرە» ژۇرنىلى خىتاي ۋە ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 2018-يىلى بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ DNA ئەدلىيە سانلىق ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تەتقىقات دوكلاتىنى، بۇ يىل 7-ئايدا DNA ئەۋرىشكىسى يىغىشقا ساقچى ئارىلاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكى سەۋەبلىك ئېلىپ تاشلانغان. بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، ئەمما بۇ تۈردە خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 1842 نەپەر يەرلىك مىللەت كىشىلىرىنىڭ قان ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىقى، جىنايەت مەيدانىدىكى DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ كىملىكىنى تېپىش ئەدلىيە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ تەتقىقات تۈرىنى، خىتاي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقلىغانلىقى ۋە پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭدىكى تۆت ئاھالىلەر توپىنىڭ 15 خىل autosomal STR ئالاھىدىلىكى ۋە قوشنا توپلار بىلەن بولغان گېنېتىكىلىق مۇناسىۋىتى» ناملىق بۇ تەتقىقات تۈرىنى، شېنياڭدىكى خىتاي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدلىيە گېنېتىكا پەنلىرى فاكۇلتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئاۋسترالىيەدىكى كانبېررا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى ھەمكارلىشىپ يۈرگۈزگەن. ھالبۇكى، بۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان كانبېررا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داڭلىق ئەدلىيە گېنېتىكىسى ئىلمىي پىروفېسسورى دېنىس مىكنېۋىن(Dennis McNevin) 3-سېنتەبىر مۇخبىرىمىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى تەتقىقات تۈرىگە پەقەت بىر قېتىملا قاتناشقانلىقى، لېكىن تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دېنىس مىكنېۋىن، ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدا DNA كىملىكىنى ئېنىقلاش سانلىق ئامبىرى قۇرمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تەتقىقات تۈرى گېنېتىكىلىق خاس ئالاھىدىلىكلەرنى قانۇنى دەلىل ئورنىدا ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پىروفېسسور دېنىس مىكنېۋىن مۇنداق دېگەن: «بۇ تەتقىقات تۈرى (كىملىكى ئېنىقسىز گېن سانلىق مەلۇماتىدىن) خۇلاسە ئىستاتىستىكىسى تەمىنلەش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ شىنجاڭدا خاس گېن ئالاھىدىلىكلىرىنى قانۇنى دەلىل قىلىپ ئىشلىتىشنى ئىشەنچلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. بىز DNA كىملىكىنى ئېنىقلاش سانلىق ئامبىرى قۇرمىدۇق. كىملىكى ئېنىقسىز گېن سانلىق مەلۇماتىنى كونكرېت DNA كىملىكىنى ئېنىقلاشتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.»
پىروفېسسور دېنىس مىكنېۋىننىڭ ئېيتىشىچە، قان ئەۋرىشكىلىرىنى شېنياڭ شەھىرىدىكى خىتاي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى يىغقان ئىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ قان ئەۋرىشكىسى يىغىشقا قاتناشمىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزىگە قان ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ئەركىن ئىجازەت بىلەن ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدە گېن سانلىق مەلۇماتىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى كېيىنرەك بىلگەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. دېنىس مىكنېۋىن مۇنداق دەيدۇ: «مەن شىنجاڭدا گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ خاتا ئىشلىتىلىدىغانلىقىدا دائىر خەۋەرلەرنى تەتقىقات تۈرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىلدىم، ئەمما مەندە بۇنىڭ تەتقىقات تۈرىمىزدە بولغانلىقىغا ئائىت دەلىل يوق. شۇنداقلا مەندە ئىجازەتنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بېرىلمىگەنلىكىگە ئائىت دەلىلمۇ يوق.»
ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى، دوكتور ھېنرى شېجەۋىسكى(Henryk Szadziewski) ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجازىتى ئېلىنغانلىقىنى دەلىللەش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى تەكىتلەيدۇ.
ھېنرى شېجېۋىسكى 3-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنىڭ مەجبۇرىي ياكى غەيرىي رەسمىي رەۋىشتە توپلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئالغانىدۇق. يەنە بىر جەھەتتىن سىلەرنىڭ رادىيومۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە چاقىرتىلىپ، DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ئىجازەتسىز مەجبۇرىي ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدىڭلار. مېنىڭچە، مانا بۇ مەسىلىنىڭ چىقىش نۇقتىسى، بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغاندا، بۇنىڭ ئەكسى ئىسپاتلانمىغۇچە ‹ئىجازەت ئېلىندى›دېگەن گەپلەر پەقەتلا ئىشەنچلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹ئىجازەت› نىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى باھالاپ چىقىشتا بىز زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارغىمۇ ئىگە ئەمەسمىز.»
ھېنرى شېجېۋىسكىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھەرقانداق بىر تەتقىقاتچى، ئۇيغۇر ئېلىدەك ب د ت چېغىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن بىر رايوندا، ‹DNA تەتقىقاتى ئېلىپ بارامدىم› دېگەن سوئالنى سورىشى كېرەك ئىكەن.
ھېنرىي شجېۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز بىر ئالىم، تەتقىقاتچى بولسىڭىز ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى، بولۇپمۇ مېدىتسىنا ۋە DNA ساھەسىدە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزدىن شۇ جىددىي سوئالنى سوراپ بېقىشىڭىز كېرەك. سىز تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولغان بۇ رايوننىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى چىقىش قىلغاندا، DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ئىجازىتى ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقى سىز سورايدىغان سوئال ئەمەس، بەلكى سىز سورايدىغان سوئال، بۇ رايوندىكى خەلق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، مەن DNA تەتقىقاتى ئېلىپ بارامدىم، دېگەن سوئالدۇر. مەن تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن بۇ سوئالنى سوراش بەك مۈشكۈل، دەپ قارىمايمەن.»
بىز 3-سېنتەبىر ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي بىلەن DNA ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتىغا خەت يېزىپ، ئۇلار بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلەرگە بولغان ئىنكاسىنى سورىغانىدۇق. ھالبۇكى، ئاۋسترالىيەنىڭ Sunshine Coast ئۇنىۋېرسىتېتى قىسقا يازما ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىسى بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ ئىلمىي دوكلاتىغا پەقەتلا تەھرىرلىك قىلغانلىقى، بۇ تۈرنى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ۋە سوئالىمىز بولسا شۇلارغا سورىشىمىزنى ئۆتۈنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەتقىقات تۈرى ئۇيغۇرلاردىكى ئىنسان پاپىلوما ۋىرۇسىنى (HPV) تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ دىيابېت كېسىلى بىلەن بولغان گېنېتىكىلىق ئالاقىسىنى تەتقىق قىلغان.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ بۇ ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان ئاۋسترالىيە ئېدىت كوۋان ئۇنىۋېرسىتېتى(Edith Cowan university) بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ ئىلمىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باياناتچىسى لىسا برادلېي(Lisa Bradley) 3-سېنتەبىر مۇخبىرىمىزغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر، سىز ئېيتقان بۇ تەتقىقات تۈرىنى تەستىقلاشتىكى ئىلمىي ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ تەپسىلىي دېتاللارنى تەكشۈرۈۋاتىمىز. بۇنىڭغا قاتناشقان تەتقىقاتچى ھازىر چەت ئەلدە، بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىز داۋام قىلماقتا. بىز بىز سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشىلەرنى ئەتراپلىق ھەل قىلىمىز ھەم تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا ئىنكاسىمىزنى بىلدۈرىمىز.»
ماسساچۇسېتتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارالىق داڭلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ DNA تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك 90 ئىلمىي ماقالە ئىلمىي ئەخلاققا ئەمەل قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى دەلىللەشكە ئېھتىياجلىق ئىكەن. ھالبۇكى، ئاۋسترالىيە «سىدنېي ئەتىگەنلىك ئاۋانگارتى» گېزىتى، ئاۋسترالىيە مېلبورن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسىنىڭ 2014-يىلى ۋە 2016-يىلى ئارىلىقىدا، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ب د ت نىڭ «مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە پىروگراممىسى» دەپ قەيت قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يەنە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» تەمىنلىگەن پۇل بىلەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش، ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا تەتقىقات تۈرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يېرىم قوراللىق تەشكىلاتى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنىدى.