دوخا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق چوڭ يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىلىرى تونۇشتۇرۇلغان
2024.12.09
7-8-دېكابىر كۈنلىرى قاتار پايتەختى دوخادا يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان «دوخا مۇنبىرى» نىڭ 22-نۆۋەتلىك خەلقئارا يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، مەركىزى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ يىغىنغا دوخا مۇنبىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قاتناشقان روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىنغا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سەنئەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان.
بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ دوخا مۇنبىرىنىڭ مەقسىتى دېموكراتىيەنى، دىپلوماتىيەنى ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېمىسى يېڭىلىق يارىتىش ئىكەن. بىز بۇ قېتىمقى يىغىنغا مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندۇق. ئەمما يىغىن جەريانىدا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە شەرقىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئاقىللار گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋە ئاقساراينىڭ خادىملىرى بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولدى.»
روشەن ئابباس خانىم يىغىن جەريانىدا كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز كۆرۈشكەنلا كىشىلەرگە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى تونۇشتۇرۇپ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتۇق. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلىۋاتقانلار، دېيىلىۋاتقانلار راستمۇ؟ دەپ سورىغانلارمۇ بولدى. ئۇلار ھازىر خىتاي ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ؟ دەۋاتىدۇ، بۇ راستمۇ؟ دەپ سورىدى. بىز ئۇلارغا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ يالغان تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يېپىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنىلا بىر دەھشەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئاڭلاتقان بولدۇق.»
روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە دوخا مۇنبىرى يىغىنى جەريانىدا نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىش پىلانى مەسئۇللىرى، بولۇپمۇ ئەنگلىيەدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ 2025-يىلىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى دۇنياغا تونۇتۇش، شۇنداقلا ئۆز دۆلىتىدە كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. ئۇ، بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ يىغىن جەريانىدا كۆپ ساندىكى ئاقىللار گۇرۇپپىلىرىنى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇندىن كېيىن ھەمكارلىشىپ نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇچرىشىش جەريانىدا نۇقتىلىق ھالدا توختالغان تېمىلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇچرىشىشلىرىمدا ئەڭ كۆپ گەۋدىلەندۈرگەن نەرسە، شەھەرلەشتۈرۈش سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قانداق ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى دېگەن نۇقتا بولدى. مەسىلەن ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىشى، ھازىرقى ئېلېكتېرلىك ماشىنىلارنىڭ باتارېيەسىنى ياساشتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئېنىق مىساللار بىلەن شەرھلەپ بەردىم. بۇلاردىن سىرت قانداق قىلىپ مىللىي مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىمىزنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن؟ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسەتچىلەر نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ ئاممىۋى تەشكىلاتلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ شەخسلەر نېمە قىلىشى كېرەك؟ دېگەندەك مۇشۇنداق نازۇك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم.»
2023-يىلى چاقىرىلغان 21-نۆۋەتلىك دوخا مۇنبىرى يىغىنىغا 120 دۆلەتتىن 3 مىڭ 500 نەپەر مېھمان، 270 نەپەر سۆز قىلغۇچى قاتناشقانىكەن.