د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياۋروپادىكى تۈرك ئاخبارات ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.06.14
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياۋروپادىكى تۈرك ئاخبارات ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2-نۆۋەتلىك «ياۋروپا تۈرك مېدىياسى ئالىي يىغىنى» دا سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 12-ئىيۇن، گېرمانىيە.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك «ياۋروپا تۈرك مېدىياسى ئالىي يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تۈرك مېدىيا، يەنى ئاخبارات ئورگانلىرى، سەنئەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلارنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە 5 مىليون ئەتراپىدا تۈرك ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ياۋروپادا زور ئاخبارات كۈچىگە ئىگە ئىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ژۇرنالىستلار بىلەن. 2022-يىلى 12-ئىيۇن، گېرمانىيە.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ژۇرنالىستلار بىلەن. 2022-يىلى 12-ئىيۇن، گېرمانىيە.
RFA/Erkin Tarim

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ياۋروپا تۈرك ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى بىرلىكى رەئىسى ئالىي پاشا ئاقۋاش ئەپەندى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، مەزكۇر يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : «ھۆرمەتلىك باش دىپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاخبارات خادىملىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە قىممەتلىك ژۇرنالىستلار بۇ يىغىنىمىزغا ئىشتىراك قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەردۇر. ياۋروپادىكى تۈركلەر ئاخبارات خىزمەتلىرىدە بۇرۇن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۈچلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئىگە بولدۇق. بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، مەسىلىلىرىمىزنى قانداق ئاڭلىتىمىز؟ خەلقىمىزگە قانداق پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايمىز؟ نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر نېمە؟ مانا بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىردۇق. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن».

2-نۆۋەتلىك «ياۋروپا تۈرك مېدىياسى ئالىي يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 12-ئىيۇن، گېرمانىيە.
2-نۆۋەتلىك «ياۋروپا تۈرك مېدىياسى ئالىي يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 12-ئىيۇن، گېرمانىيە.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا تۈرك مېدىياسى ئالىي يىغىنى» غا تۈركىيە ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ژۇرنالىستلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇن بېرىلمىگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتقىدا ئاخباراتنىڭ تەسىر كۈچى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ياۋروپادىكى تۈرك مېدىياسىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق نىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تۈركلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ 5 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ تۈرك تىلى ۋە باشقا تىللاردا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بارلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا سىياسىتىگە، شۇنداقلا تۈركىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇلارغا چاقىرىق قىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

12-ئىيۇن كۈنى «يىغىن» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆپ ساندا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەزى خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

بۇ يىغىننىڭ 1-نۆۋەتلىكىمۇ 2019-يىلى گېرمانىيەدە چاقىرىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.