د ئۇ ق ھەيئىتى چېخىيەنىڭ ياۋروپاغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ب د ت دا كۆتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.09.09
د ئۇ ق ھەيئىتى چېخىيەنىڭ ياۋروپاغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ب د ت دا كۆتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا چېخىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جان لىپاۋسكي(Jan Lipavský) بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 8-سېنتەبىر، چېخ.
RFA/Ekrem

چېخىيە 2021-يىلى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى دەسلەپتە ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا چېخىيە پارلامېنتىدا بۇنىڭ ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان جان لىپاۋسكي ئەپەندى ھازىر چېخىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. ئۇ 8-سىنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ توسقۇنلىقىغا قارىماي، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا بىر سائەتكە يېقىن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، چېخىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى جان لىپاۋسكي ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن بۇ يىل 7-ئايدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى ۋە بۇنىڭدىكى مەقسەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چېخىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى جان لىپاۋسكي ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى سۆزلىشىش بىلەن بىرگە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە چاقىرىلماقچى بولىۋاتقان ب د ت نىڭ 51-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا چېخىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتكە ۋەكالىتەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

سۆھبەتتە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملۇق كىسەلدىن مۇداپىيەلىنىش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشىگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ خاتىمىسىدە قىلغان سۆزىدە، ب د ت نىڭ ھازىرغا قەدەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئومۇمىي بىر يىغىن چاقىرمىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق قارار قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، جان لىپاۋسكي ئەپەندىدىن چېخىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.