دولقۇن ئەيسا بىلەن رىزۋانئاي خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلىغان ماقالىغا قارشى رەددىيە ئوبزورى ئېلان قىلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2023.09.18
tutqun-balilar-saqchi-hojjetliri «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇن بالىلار
Yettesu

«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى سىياسىي تەقىبلىرىنىڭ مەقسىتى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىشتۇر! »

مانا بۇ شىۋېتسارىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «يېڭى زۈرىخلىقلار گېزىتى» دە 15-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بىر چوڭ ئوبزورنىڭ ماۋزۇسىدۇر.

بۇ ئوبزور، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىمنىڭ ھەمكارلىقىدا يېزىلغان. بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن، يەنى 11-سېنتەبىر توماس خېبىر بىلەن ھېلۋېگ شىمىت دېگەن ئىككى ئاپتورنىڭ ئىمزاسىدا «يېڭى زۈرىخلىقلەر گېزىتى» دە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى «غەلىبىلىك بىر ئۆزگەرتىش سىياسىتى» دەپ ماختىغان. دولقۇن ئەيسا بىلەن رىزۋانئاي خانىمنىڭ بۇ ئوبزورى دەل يۇقىرىقى ئاپتورلارنىڭ ماقالىسىدىكى بىمەنە سەپسەتەلەرگە رەددىيە قايتۇرۇش يۈزىسىدىن يېزىلغان.

توماس خېبىر ۋە ھېلۋېگ شىمىت ئىككىيلەن ئېلان قىلغان بۇ ماقالىدا «قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان تەربىيەلەش لاگېرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى توغرىسىدىكى سەزگۈر دوكلاتلار، بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ دۇنيادىكى ناچار ئوبرازىنى شەكىللەندۈردى. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، بۇ رايوننىڭ 2010-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كەڭ كۆلەملىك ‹ئىسلامىي تېررورلۇق› نىڭ زەربىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئېنىق. ئەگەر بۇ خىل ئەسەبىيلىك دۆلەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنمىسا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى باشقۇرۇشىنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىدىغانلىقىنى ھېچكىم مۇلاھىزە قىلىپ باقمىدى» دەپ يېزىلغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلىغان.

دولقۇن ئەيسا بىلەن رىزۋانئاي خانىمنىڭ ئوبزورىدا يۇقىرىقى ئاپتورلارنىڭ قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھازىر يەتتە يىلدىن ئاشتى. بىز قانچىلىك كىشىنىڭ جازا لاگېرىدا رەھىمسىزلەرچە ‹قايتا تەربىيەلەنگەن› لىكىنى بىلمەيمىز. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۆلچىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سان بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. نۇرغۇنلىغان زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، مەسىلەن دوكتور خالمۇرات غوپۇر، سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى دوكتور گۈلشەن ئابباسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى قاتلام زىيالىيلار بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ‹ساخاروف مۇكاپاتى› نىڭ ساھىبى ئىلھام توختى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ قاتارلىقلارمۇ بار» .

مەزكۇر رەددىيە ئوبزورىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە باشقا رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ 7 يىلدىن بېرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 50 پىرسەنتكە يېقىن ئازلاپ كەتكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېڭە يۇيۇش ۋە قىيىن-قىستاق ئارقىلىق كىشىلەرنى جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق بېسىملارغا دۇچار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغان رىزۋانئاي خانىم مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ماقالىنى كۆرگەندە ھەيران قالدىم ۋە دەررۇ ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ قارىدىم. شۇ سەۋەبتىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، شۇ گېزىتنىڭ ئۆزىدە رەددىيە قايتۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ قارار قىلدۇق. چۈنكى بۇ گېزىت شىۋېتسارىيەدىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپادا ۋە گېرمان تىللىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرىدۇر. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقىنى ئوپئوچۇق قىرغىنچىلىق تۇرسا، ئۇنى ئاقلىماقچى بولغانلار، ئېنىقكى خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى سېتىۋالغان ئادەملىرى، دېمەكتىن باشقا يەنە نېمە دېيىشىمىز مۇمكىن؟ »

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قۇرۇلتاي باياناتچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنى خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن يولغا قۇيۇۋاتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسى دەپ كۆرسەتتى:

« ‹يېڭى زۈرىخلىقلار گېزىتى› دە ئېلان قىلىنغان ئىككى ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوققا چىقىرىدىغان ماقالىسىدىن كېيىن كېلىپ چىققان بۇ چوڭ غۇلغۇلا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاش، ئۇنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە يوققا چىقىرىش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىستېمىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەشۋىقاتى ھەمدە تاشقى مۇناسىۋەتلەردىكى ھىيلە-نەيرەڭلىرىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ‹يېڭى زۈرىخلىقلار گېزىتى› گە ئوخشاش شىۋېتسارىيەدىلا ئەمەس، بەلكى گېرمان تىلى دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە تەسىر كۈچى يۇقىرى مەتبۇئاتتا چەت ئەللىك ئاپتورلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق بۇنداق تەشۋىقات ئويۇنىنى ئېلىپ بېرىش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا قاراتقان تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىدە بۇرۇلۇشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرى ۋە مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى پەردازلاش ئۈچۈن نۇرغۇن چارىلەرنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادا جىق ئۇتۇق قازىنالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان، خىتايدا ياشايدىغان، خىتايغا مايىل كىشىلەرنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان بولسا؛ چەتئەللەردە مانا مۇشۇنداق خىتاي ھاكىمىيىتىنى ياقىلايدىغان خىتايشۇناسلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، دولقۇن ئەيسا بىلەن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىم بۇنىڭغا دەل ۋاقتىدا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رەددىيە قايتۇردى. بۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ»

توماس خېبىر ۋە ھېلۋېگ شىمىت نامىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بېيجىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ھازىر نورماللىققا قايتىشنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرى بار. ئىگىلىنىشىچە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە پەيدا بولغان ھەر خىل لاگېرلار ھازىر ئاساسەن چېقىۋېتىلگەن» . دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇلارنىڭ بۇ بايانلىرىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، كۆپلىگەن دەلىل-پاكىتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى ئەپەندىممۇ بۇ ماقالىگە قارىتا رەددىيە قايتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ:

« ‹يېڭى زۈرىخلىقلار گېزىتى› دە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى پەردازلايدىغان ۋە نىقابلايدىغان بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە پۈتۈنلەي خىتاينىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ يېزىلغان. ئۇنىڭدا خىتاي خۇددى شەرقىي تۈركىستاندا بىر ئاشقۇنلۇققا ياكى رادىكالىزمغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك، خۇددى ھەممە يەر گۈل-گۈلىستانلىققا ئايلانغاندەك يېزىلغان. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىزنى ناھايىتى غەزەپلەندۈردى، بەزەن يەرلىك شىۋېتسارىيەلىكلەرمۇ بۇنىڭغا قارىتا قارشى ئىنكاس بىلدۈردى. بىز شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈشىمىز كېرەك، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ يالغان ئۇچۇرلىرىغا قارشى دەرھال رەددىيە بەردۇق. شىۋېتسارىيە خىتاي بىلەن چوڭ تىجارىي مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر دۆلەت. بۇ يەردە خىتاي شىركەتلىرىنىڭمۇ تەسىرى ناھايىتى چوڭ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، يەرلىكلەرنى ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن خەۋەرلەندۈرۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. بۇنداق بىر ئەھۋالدا دەرھال رەددىيە قايتۇرۇشىمىز كېرەك.»

توماس خېبىر ۋە ھېلۋېگنىڭ ماقالىسىگە قايتۇرۇلغان رەددىيە ئوبزورىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى جامائىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىدى، تېلېفون لىنىيەسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى سىگنال سۈكۈتتە! شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانىمىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىزنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيمىز، ئۈمىدسىزلىك ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دائىملىق ھەمراھىمىزغا ئايلاندى. بەزىدە بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىمىزغا بېسىم ۋە تەھدىت قىلىپ، بىزنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان تەھدىت تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز. ھەتتا چەت ئەللەردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا قولى توختاپ قالغىنى يوق! »

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىغان. خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سېلىنا موررېل خانىم رادىيومىزنىڭ سوئاللىرىغا يازما جاۋاب قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىغان يۇقىرىقى ماقالىگە قارشى ئۆزلىرىنىڭ پات يېقىندا رەددىيە باياناتى ئېلان قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.