دۇنيا بانكاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلغان شىركەتلەرگە قەرز پۇل بېرىش بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.02.16
دۇنيا بانكاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلغان شىركەتلەرگە قەرز پۇل بېرىش بىلەن ئەيىبلەندى شېفېلت خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ھېلېنا كېنىدىي خەلقئارا ئادالەت مەركىزىنىڭ دىرېكتورى لاۋرا مۇرفېي خانىم.
Social Media

16-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى نۇپۇزلىق ئەقىل مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «ئاتلانتىك كېڭىشى» دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيا بانكاسىنىڭ بىر تارماق شىركىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلغان تۆت خىتاي شىركىتىنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ئ‍ۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئ‍ۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ دۇنيا بانكاسىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پروگراممىلىرىغا قەرز بېرىپ، رايوندىكى باستۇرۇشلارنى كۆزدە تۇتماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىشى ئەمەس.

دۇنيا بانكاسى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆت كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە 50 مىليون دوللار قەرز پۇل بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2019-يىلى بۇ پروگراممىنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دوكلاتتا كورسىتىشىچە، دۇنيا بانكاسىنىڭ قارمىقىدىكى «خەلقئارا مالىيە شىركىتى» 2019-يىلى خىتاينىڭ «چېنگۇاڭ» بىئو-تېخنولوگىيە گۇرۇھى، «لوتو» گۇرۇھى، «ئەسىر» قۇياش نۇرى گۇرۇھى ۋە «جيۇجوۋتوڭ» دورىگەرلىك گۇرۇھى قاتارلىق 4 شىركىتىگە 486 مىليون دوللار قەرز بەرگەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىغا «ئاكتىپ قاتناشقان» ئىكەن.

دوكلاتتا ئۇلار ئېرىشكەن دەلىللەر بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، دۆلەت ھامىلىقىدىكى مەجبۇرىي يەر تارتىۋېلىش ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلانغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كومپارتىيەگە قەسەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە مىڭە يۇيۇش پروگاممىلىرىغا بىۋاستە قاتناشقانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا دوكلاتتا يەنە ئىشقا قوبۇل قىلىشتا ئاشكارا ئىرقچىلىق ۋە كەمسىتىش ئېلىپ بارغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خەتەرلىك ئىشلارغا سالغانلىقى، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يەرلىك مىللەتلەرگە تەسىر قىلغانلىقى، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ۋە خەلقئارا مالىيە شىركىتىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئىجرا قىلمىغانلقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگىلىيەدىكى شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ھېلېنا كېنىدىي خەلقئارا ئادالەت مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان 3 كىشىلىك تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لاۋرا مۇرفىينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۆت شىركەتنىڭ ھەرىكىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى بىلەن چەكلەنمەيدىكەن.

پروفېسسور لاۋرا مۇرفېي 16-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «بۇ تۆت شىركەتنىڭ ھەممىسى ئىشلەمچىلەرنى يۆتكەش پروگرامممىسىدىن پايدىلانغان. مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇ پروگراممىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى ‹ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى› دەپ بېكىتىلگەن. بۇ شىركەتلەردىن چېنگۇاڭ بىئو-تېخنىلوگىيە گۇرۇھى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشپ، خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنى يەر زېمىنلىرىدىن يۆتكىگەن. ئەسىر قۇياش نۇرى گۇرۇھى ۋە لوتو گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا شىركەتلەر ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغۇنۇشقا ۋە مۇھىت زىيانكەشلىكىگە جاۋابكار.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەتلەر ياراتقان ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغۇنۇش ۋە مۇھىت زىيانكەشلىكى ئىشچىلارغىمۇ جىددىي خەۋپ پەيدا قىلغان ئىكەن. لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەتلەرنىڭ تاراتقۇلارغا تەمىنلىگەن ھۆججەتلەردىن كۆرۈپ يەتكىنىمىزدەك، ئۇلار ئىشچىلارغىمۇ جىددىي خەۋپ پەيدا قىلغان. شۇڭا بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭدىمۇ ھالقىغان مەسىلە. بۇ مەدەنىيەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە يەر-زېمىن ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق مۇھىتىنىمۇ ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

بىز 16-فېۋرال دۇنيا بانكاسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر دوكلاتقا قارىتا قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ» دەپ بېكىتكەن ئۇيغۇر ئېلىدەك بىر رايونغا قەرز بېرىشتىكى ئ‍ۆلچەملىرىنى سورىدۇق. دۇنيا بانكاسىنىڭ باياناتچىسى دەيۋىد دەئىس، سۇئاللىرىمىزغا ئ‍ۆزىنىڭ جاۋاب بەرمەيدىغانلىقى، بىراق سۇئالىمىزنى ئەۋەتسەك ئۇنى خەلقئارا مالىيە شىركىتىگە يوللاپ، ئۇلارنىڭ جاۋاب بېرىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا مالىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسى پىئېرې مەجلاك شۇ كۈنى مۇخبىرىمىزغا يوللىغان يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئاجىز توپلۇقلارغا قارىلتىلغان ناچار مۇئامىلىگە دائىر بايانلارغا ناھايىتى جىددىي قارايدىغانلىقى، ھەر قانداق ئەھۋالدا كەمسىتىشكە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «بۇنداق ئەيىبلەشلەر قاچان ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھامان بۇنى دەلىللەپ، خېرىدارلار بىلەن جىددىي ھەل قىلىدىكەن.»

باياناتتا يەنە «كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ساياھەت چەكلىمىسى تۈپەيلى يېقىنقى ئىككى يىلدا بارلىق تەرەپلەرگە قارىتا پروگرامما تۈرلىرىنى نەق مەيداندا باھالاش تېخىمۇ قىيىنلاشقان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا مالىيە شىركىتى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجىرىتىپ، بىز ھەمكارلىشىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ مۇھىت، جەمئىيەت ۋە باشقۇرۇش ئ‍ۆلچەملىرىمىزگە ئەمەل قىلىشىنى نازارەت قىلىشتا قەئىي چىڭ تۇرىدۇ،» دېيىلگەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۆلچەم قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، «ئىشچىلار، مەھەللە ۋە مۇھىتنى قوغداشنى، بولۇپمۇ كەمسىتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.»

پروفېسسور لاۋرا مۇرفېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار «مەبلەغ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق: تەرەققىيات مالىيەسى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى كرىزىس» ناملىق 69 بەتلىك دوكلاتنى تەييارلاشتا ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن پايدىلانغان. لاۋرا مۇرفېي دوكلاتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز دوكلاتىمىزنى تەييارلاشتا ئىشلەتكەن بارلىق ئۇچۇرلار ئاممىغا ئوچۇق-ئاشكارا مەنبەلەردىن ئېلىندى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى توردىن تاپقىلى بولىدىغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، بەزىلىرى شىركەتلەرنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدۇر. شۇنداقلا بىز يەنە يەرلىك ساقچىلار، يەرلىك ئەمگەك ئىدارىلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ ئ‍ۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرىدىكى ئەمگەك پروگراممىسىغا مەجبۇرىي قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى تەبرىكلەشكە دائىر ئۇچۇرلارنى ئىشلەتتۇق.»

لاۋرا مۇرفېي يەنە دوكلاتتا دۇنيا بانكاسىغا بەزى تەكلىپلارنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز خەلقئارا مالىيە شىركىتىگە رايوندىكى بۇ شىركەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەۋسىيە قىلدۇق. شۇنداقلا باشقا بارلىق مەبلەغلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن قانداق ئالاقىسى بارلىقى، ھەرقانداق بىر تارماق ھۆددىگەر شىركەتنىڭ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر شىركەتنىڭ ئۇلار تەمىنلىگەن مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان-ئالمايۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدۇق،» دىدى. ئۇ يەنە دوكلاتتا خەلقئارا مالىيە شىركىتىنىڭ قائ‍ىدە-پرىنسىپلىرىنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، كەلگۈسىدە يۇقىرىقىدەك كرىزىسلەرگە دۇچ كەلسە، توغرا بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن يېڭى قائىدە-تۈزۈم بېكىتىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خەلقئارا مالىيە تەرەققىيات شىركىتى 2019-يىلى چېنگۇاڭ بىئو-تېىىلوگىيە شىركىتىگە 40 مىليون دوللار قەرز بەرگەن بولۇپ، تەتقىقاتلارچىلار چېنگۇاڭ گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ چېنشى قەغەزچىلىك سانائىتى شىركىتى» مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىشتا «خىتايلارنىلا ئالىمىز» دەپ ئېلان چىقارغانلىقىنى بايقىغان. دوكلاتتا بۇ شىركەتنىڭ يەركەن ناھىيەسىدىكى زاۋۇتى دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش نامىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئالدى بىلەن ئاتالمىش «نامرات ئەمگەكچىلەر» نى قوبۇل قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە خەلقئارا مالىيە شىركىتىنىڭ 2019-يىلى ۋولكىسۋاگېن، فورت، ئاۋدى، ھەممەباپ ئېلىكتېر قاتارلىق شىركەتلەرنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باتارىيە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى — لوتو گۇرۇھىغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا زاۋۇت قۇرۇشى، مەۋجۇت زاۋۇتىنى يېڭىلىشى ئۈچۈن 81 مىليون دوللار بەرگەنلىكى، بىراق خەلقئارا مالىيە شىركىتىنىڭ مۇھىت ئ‍ۆلچىمى بىلەن بۇ زاۋۇتلار ئارىسىدا «زور بوشلۇق» بارلىقى، لوتو گۇرۇھىنىڭ رايوندىكى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.