دۇنيا بانكىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ جازا تىزىملىكىدىكى 5 شىركەتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى نارازىلىق قوزغىدى
2023.05.18
ئامېرىكادا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتىن دۇنيا بانكىسىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىق دەپ جازا تەدبىرى قويۇلغان خىتاي شىركەتلىرىگە 25 مىليون دوللار مەبلەغ بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
بۇ دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت ئورگىنى بولغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەسئۇلىيەت كۆزىتىش ئىدارىسى (U. S. Government Accountability Office) نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىكەن. ئۇنىڭدىن قارىغاندا ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى مۈلۈك ۋە كونترول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ جازا تىزىملىكىدە يەر ئالغان كەم دېگەندە بەش خىتاي شىركىتى 2020-2021 يىللىرى ئارىسىدا دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەن. بۇلارنىڭ بىرى، دەل خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى «بىڭتۇەن» بولۇپ، ئۇنىڭ 2021-يىلى دۇنيا بانكىسىدىن ئالغان قەرزى 7 مىليون 100 مىڭ دوللار ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى، پارتىيە سېكرېتارى سۇن جىنلوڭ، «بىڭتۇەن» نىڭ باش قوماندانى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى پېڭ جيارۇي قاتارلىق ئىككى نەپەر ئەمەلدارىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قانۇنسىز زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باشقا جىسمانىي قىيناقلارغا بىۋاسىتە چېتىشلىق، دېگەن ئەيىب بىلەن خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈپ جازالىغان.
بىز دۇنيا بانكىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان شىركەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى داۋام قىلغانلىقىنى سورىدۇق. دۇنيا بانكىسىنىڭ باياناتچىسى داۋىد تېيس بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا «دۇنيا بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە شىركەتلەرگە ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەرگە قەرز بېرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. ئۇ يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «دۇنيا بانكىسى بىۋاسىتە بۇ قەرزنى دۆلەتلەرگە بېرىدۇ، قەرز ئالغۇچى دۆلەت بۇ پۇلنى خالىغان مۇئەسسەسەلەرگە تارقىتىدۇ».
داۋىد تېيس يەنە مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكا 1944-يىلى دۇنيا بانكىسىنى قۇرۇشتىكى باشلامچى كۈچ بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسسىدارى بولۇپ قالدى. بىراق، دۇنيا بانكىسى كېلىشىم ماددىسى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىۋېرسال ۋە ئوچۇق بولۇش پرىنسىپىنى قوللايدۇ. بۇ بىزنىڭ 189 ئەزا دۆلەتتىن كەلگەن مەبلەغ تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەبلەغ تۈرلىرىگە خېرىدار بولالىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ».
داۋىد تېيسنىڭ بىزگە دېيىشىچە، دۇنيا بانكىسى پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 7-ماددىسى بويىچە جازالانغان ئورۇن ۋە مۇئەسسەسەلەر ياكى بانكا ۋە باشقا كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى (MDB) تەرىپىدىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سەۋەبى بىلەن توختىتىپ قويۇلغان ياكى چەكلەنگەن ئورۇنلارنىلا دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلىغىنى ئېلىشتىن چەكلەيدىكەن.
جۈملىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گەرچە دۇنيا بانكىسىغا ئەڭ كۆپ ياردەم بېرىدىغان دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئۇ دۇنيا بانكىسىنىڭ ياردەم مەبلەغلىرىنىڭ كىمگە بېرىلىشى كىمگە بېرىلمەسلىكىگە ئارىلىشالمايدىكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بىڭتۇەن قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق، دەپ باھالىدى. ئۇ ماگنىتىسكىي قانۇنى بويىچە جازالانغان شىركەتلەرنىڭ بۇنداق مەبلەغلەردىن چەكلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جازاسى قويۇلغان، ماگنىتىسكىي قانۇنى بىلەن جازالانغان ياكى ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇلغان ھەرقانداق شىركەتنىڭ ئامېرىكالىق باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ پۇلىدىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. دۇنيا بانكىسى باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ پۇلى بىلەن ئەزا دۆلەتلەرگە قەرز بېرىدىغان بىر ئورگان. باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پۇلىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ جازالانغان شىركەتلەرگە بېرىشىگە ماقۇل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس».
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرزىگە ئېرىشكەن 5 مۇئەسسەسە بىڭتۇەندىن باشقا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى قۇرۇلۇش شىركىتى بولغان «خىتاي خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى (China Communications Construction Company Limited) بولۇپ، بۇ شىركەت خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى قۇرۇلۇشلارنى ماڭدۇرۇۋاتقان شىركەت ئىكەن. قالغان ئۈچ شىركەت بولسا، «خىتاي دۆلەتلىك خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» ۋە «خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» ھەمدە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇپ، بۇلار ھەممىسى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شېركەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ توپلام ئېرىشكەن مەبلىغى 25 مىليون دوللارغا يەتكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەسئۇلىيەت كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتايغا تەۋە مۇئەسسەسەلەر 2013-يىلدىن 2022-يىلغىچە دۇنيا بانكىسىنىڭ بارلىق توختاملىرىنىڭ % 29.2 غا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئارىلىقتا دۇنيا بانكىسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن ئالغان ئومۇمىي مەبلىغى 21 مىليارد دوللار ئىكەن. ئامېرىكا شىركەتلىرى بولسا دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز توختاملىرىنىڭ ئاران % 2.4 غا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەسئۇلىيەت كۆزىتىش ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا «دۇنيا بانكىسى تەستىقلىغان پۇللارنىڭ ئامېرىكا چەكلىگەن خىتاي شىركەتلىرىگە ئېقىۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەمدە تاشقى سىياسەت ھەققىدىكى قايغۇنى كۈچەيتىشى مۇمكىن»، دەپ يازغان.
«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتى بولسا ماقالىسىدە، «بۇ بايقاش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدا ئامېرىكا دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسسىدارى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكمۇ؟، دەيدىغان مۇنازىرىنى باشلىشى مۇمكىن» دەپ يازغان.
ئىلگىرى دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاينىڭ «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈرى» گە 2015-يىلىدىن بېرى 50 مىليون دوللار قەرز بەرگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. مەزكۇر پروگراممىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ زور بىر قىسمىنى پاختا-توقۇمچىلىق كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتنى «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن دۇنيا بانكىسى بۇ مەبلەغنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.