دۇنيا بانكىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا قەرز بەرگەنلىكىنى ئاقلىدى
2019.08.27

دۇنيا بانكىسى 27-ئاۋغۇست كۈنى رادىيومىزغا بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ 2015-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 5 ئالىي مەكتەپنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا 50 مىليون دوللار قەرز پۇل بەرگەنلىكىنى ئاقلىدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ مەزكۇر پروگراممىغا قەرز پۇل بەرگەنلىكى بۇ يىل 5-ئايلاردا ئاشكارىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى 13-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا بانكىسىنىڭ رەھبىرى دەيۋىد مالپاسقا مەكتۇپ يېزىپ، دۇنيا بانكىسىنىڭ رايوندىكى لاگېرلار بىلەن كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پەرقىنى تەكشۈرگەن-تەكشۈرمىگەنلىكىنى سورىغانىدى.
بىز 27-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا بانكىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى سورىغىنىمىزدا بانكا دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ پروگراممىغا قەرز بەرگەنلىكىنى ئاقلىدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ باياناتچىسى دەيۋىد دەئىس شۇ كۈنى سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، بۇ پروگراممىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 5 كەسپىي مەكتەپنى قوللاش ئارقىلىق مەزكۇر رايوننىڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ پروگرامما يۇقىرىقى 5 مەكتەپنىڭ دەرسلىكى ۋە باھالاش مېتودىنى يېڭىلاش، دەرس ئۆتۈش ۋە باشقۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش، مەكتەپ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى سانجىدىكى «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى»، «شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى»، «شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى»، خوتەندىكى «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومى» ۋە «ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق 5 مەكتەپكە بېرىلگەن. دۇنيا بانكىسى باياناتىدا يەنە بۇ پروگراممىنىڭ رايوندىكى 48 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى 2015-يىلى بېرىلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» دېگەن نامدا بېرىلىشى، شۇنداقلا بۇ پروگراممىنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ پروگراممىدىكى يۇقىرىقى 5 مەكتەپ رەسمىي مۇنتىزىم مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ رايوندىكى رادىكاللىققا قارشى «كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش مەركەزلىرى» بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئالاقە قىلىۋاتقان بەزى يەرلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىسى بار ئىكەن. كانادادا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى شاۋېن جاڭ 27-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا بانكىسى پۇل بەرگەن 5 كەسپىي مەكتەپ نورمال مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى› بىلەن ئالاقىسى ناھايىتى ئاز. لېكىن، بۇ 5 كەسپىي مەكتەپنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قانچىلىغان يەرلىك كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن ھەر خىل شەكىلدە چوڭقۇر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار. ھالبۇكى، بۇ يەرلىك كەسپىي مەكتەپلەر ‹قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى› بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، يۇقىرىقى 5 ئالىي مەكتەپنىڭ مۇناسىۋىتى ۋاقىتلىق مۇناسىۋەتتۇر.»
شاۋېن جاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يەكەن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» يۇقىرىقى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىسى بار يەرلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شاۋېن جاڭ 2018-يىلى 11-ئايدا بۇ مەكتەپنىڭ 30 مىڭ دوللارلىق بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. لېكىن، شاۋېن جاڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى سېتىۋالغان بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىنىڭ دۇنيا بانكىسى بەرگەن قەرز پۇلغا سېتىۋېلىنغانلىقى ياكى ئەمەسلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «يەكەن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى بىلەن دۇنيا بانكىسى پۇل بەرگەن يۇقىرىقى 5 مەكتەپنىڭ نىسبەتەن قويۇق ئالاقىسى بار. لېكىن، يەكەن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى سېتىۋالغان ئەسۋابلار دۇنيا بانكىسىنىڭ پۇلىمۇ -ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا مەنمۇ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن. لېكىن، بۇ مەكتەپ يۇقىرىقى بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىنى سېتىۋالدى. ئۇنىڭ پۇلى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك دۇنيا بانكىسىدىن كەلدىمۇ، بۇنىسى ئېنىق ئەمەس.»
دۇنيا بانكىسىنىڭ مەزكۇر پروگراممىسى ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە دۇنيا بانكىسىنىڭ نازارەت مېخانىزمى ئىشلىمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم 27-ئاۋغۇست كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقەدە دۇنيا بانكىسىنىڭ نازارەت مېخانىزمى ئىشلىمىگەن. بۇ يەردىكى مەسىلە دۇنيا بانكىسىنىڭ بىر خادىمى ئىلگىرى بۇ توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق تەدبىر ئېلىنمىغانلىقى ئەمەس. باشقا نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ بۇ پروگراممىنىڭ ئۆزى بۇرۇنلا قىزىل سىگنال بېرىشى كېرەك ئىدى. مەسىلەن. بۇ پروگرامما يولغا قويۇلىدىغان رايوننىڭ مۇھىتى دىققەت قوزغىشى ياكى بۇنىڭغا قارىتا نازارەتچىلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۆتكەن يىلى بۇ پروگراممىغا دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاي تەۋەلىكىدىكى بىر خادىمى مەسئۇل بولغان. ئۇنىڭغا دۇنيا بانكىسىنىڭ باشقا خادىملىرى ئارىلاشمىغان. مېنىڭچە بۇنىڭ ئۆزىلا قىزىل سىگنال بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پروگراممىدىكى ئۇچۇرلاردا ‹كەسپىي تەربىيەلەش مائارىپى› دېگەن سۆزلۈك بار. ھالبۇكى، سۆز خىتاي ھۆكۈمىتى قايتا-تەربىيەلەش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئىشلىتىۋاتقان سۆزلۈكتۇر».
ساراھ كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە ھەر قانداق بىر خەلقئارا تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارسا، پەۋقۇلئاددە ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق بىر خەلقئارا تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندا قانداق ئىشلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، قانداق ئىشلارنى قوللاۋاتقانلىقىغا پەۋقۇلئاددە دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى، دۇنيا بانكىسىنىڭ پۇلى بۇ رايوندىكى ‹قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى›نىڭ بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پۇلى بۇ ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىنىڭ مائاشىغا ئىشلىتىلگەن، ياكى خىتاي تىلى ئۆگىتىشكە ئىشلىتىلگەن ۋە ياكى قايتا تەربىيەلەشكە ئىشلىتىلمىگەن تەقدىردىمۇ، سىز يەنىلا بۇ رايوندىكى قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ مالىيە مۇقىملىقىغا، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ۋە سىياسىتىگە ياردەم بەرگەن بولىسىز.»
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو 13-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا بانكىسى پرېزىدېنتى دەيۋىس مالپاسقا يازغان مەكتۇپىدا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە چۈشەنچە بېرىشىنى، ئۇنىڭ «دۇنيا بانكىسىنىڭ پروگراممىسىدىكى كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن يىغىۋېلىشى لاگېرلىرىنىڭ ئوخشاش بىر نەرسە بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنى تەكشۈرگەن-تەكشۈرمىگەنلىكى» نى سورىغانىدى.
دۇنيا بانكىسىنىڭ باياناتچىسى دەيۋىد دەئىس سەيشەنبە كۈنى بىزگە ئەۋەتكەن باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ «ئىنتايىن كونكرېت سوئاللارنى قويغانلىقى، ئۇنىڭغا ئەتراپلىق جاۋاب بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
لېكىن ماركۇ رۇبىئو بىلەن جىم مىكگوۋېرننىڭ مەكتۇپىدا: «ھالبۇكى، بىزنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنىمىز، مەزكۇر رايوندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشىدۇر» دېيىلگەنىدى.