دۇنيا جامائىتى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنىمۇ خاتىرىلەمدۇ؟

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2025.01.27
chong-qirghinchiliq-yehudiy-1024-AFP بىر ئەر ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ھايات قالغانلار - چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى ھايات چىرايلار» كۆرگەزمىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. 2025-يىلى 27-يانۋار، فرانكفۇرت
AFP

1940-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسى تەرىپىدىن پولشانىڭ جەنۇبىدا قۇرۇلغان ئائۇسۋىتىز-بىركېناۋ (Auschwitz-Birkenau) جازا لاگېرى 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر جازا لاگېرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بۈگۈن ئائۇسۋىتىزدا ئۆتكۈزۈلگەن. «6 مىليون يەھۇدىينىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىمۋولى» دەپ قارىلىدىغان ئائۇسۋىتىز-بىركېناۋ جازا لاگېرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ب د ت خادىملىرى، 54 خەلقئارالىق ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان 50 دىن ئارتۇق يەھۇدىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كىشى قاتناشقان.

ھالبۇكى، دۇنيا بۇندىن 80 يىل ئىلگىرى ئازاد قىلىنغان جازا لاگېرلىرىنى خاتىرىلەۋاتقاندا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى ھېلىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرماقتا. قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ بۇ جازا لاگېرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ لاگېرلاردا 7-8 يىلدىن بۇيان ئازاب-ئوقۇبەتلەر تارتىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئەجەبا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ دۇنيا ئۇيغۇر پاجىئەسىنىڭ قانلىق مەيدانى بولغان بۇ جازا لاگېرلىرىنىمۇ خاتىرىلەمدىغاندۇ؟

بۈگۈن، يەنى 27-يانۋار «80 يىل ئىلگىرىكى يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش» مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا يېتىپ كەلگەن د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تېرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ خەلقئارالىق بىر تېمىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 «فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 26-يانۋار ئېلان قىلغان «ئائۇسۋىتىز جازا لاگېرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى: ۋوندېر لايىن چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاشقا چاقىردى» ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، ئائۇسۋىتىز-بىركېناۋ جازا لاگېرى 1979-يىلى ب د ت تەرىپىدىن «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان جازا لاگېرلىرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ سۆزىدە، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنى ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە گىرىپتار قىلغان جازا لاگېرلىرىنى خاتىرىلەيدىغان كۈنلەرنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 26-يانۋار بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى خىزمەت بىناسىنىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغان يەھۇدىيلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن. ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندېر لايىن «بىز رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن 6 مىليون يەھۇدىينى ۋە چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز» دېگەن.

جازا لاگېرلىرى شاھىتى ئۆمەر بېكئالى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆتمۈشتىن دەرس ئالدىغان مۇزېيلارغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. فىرانسىيەدىكى جازا لاگېرلىرى شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.