دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى (1)
2024.10.22
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) بولۇپ، 2024-يىلى مايدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەندى. خۇددى دۇنيادىكى باشقا تەشكىلاتلارغا ئوخشاشلا ئۇمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، زورىيىش ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈرەش تارىخ سەھىپىسىدە تېگىشلىك قەدەم ئىزلىرىنى قالدۇردى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ زورىيىشى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە دۇنياغا كېلىشى
1949-يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋالغاندا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم مىللەتچىلەر ۋە زىيالىيلار «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەننى تەرك ئېتىش» شوئارى بىلەن ھىجرەتكە ئاتلاندى. دەسلەپكى قەدەمدە يولغا چىققان بۇ كىشىلەر كۆپلىگەن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كەشمىر ۋە ھىندىستان يوللىرى ئارقىلىق تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق جايلارغا ماكانلاشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتلەردە ئەسلىدىنلا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سانى تېزدىن كۆپىيىپ، ۋەتەن داۋاسىنىڭ دەسلەپكى چۇقانلىرى ياڭراشقا باشلىدى.
«سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ 1960-يىللاردا گېرمانىيەدىكى «ئازادلىق رادىيوسى» بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلدى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئەركىن ئالىپ تېكىن، غۇلامىدىن پاختا، ساتتار بۇلبۇل قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. تۈركىيە ۋە گېرمانىيەدىكى بۇ ئۇيغۇر جامائىتى 1990-يىللىرىدىن كېيىن تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىمۇ مۇشۇ خىلدىكى مۇھاجىرلارنى مىسال قىلغان ھالدا خەلقئارادا تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلىلەردىن بولۇشقا باشلىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاك بولۇشىدىن كېيىن خەلقئارا ۋەزىيەتتە كۆرۈلگەن جىددىي ئۆزگىرىشلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئازادلىقنىڭ ۋە ھۆرلۈكنىڭ دەسلەپكى شولىسىنى نامايان قىلغاندەك بولدى. ئەنە شۇ خىل ۋەزىيەتتە 1990-يىلى غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلات بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلدى. ئەركىن ئالىپتېكىن بۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
1992-يىلى 12-دېكابىردا 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ ئىشتىراكىدا ئىستانبۇلدا تۇنجى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» چاقىرىلدى. قۇرۇلتاينىڭ خىتابنامىسىدە ئېنىق قىلىپ «ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان. شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىقنى تولۇق قولغا كەلتۈرگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئەركىنلىك بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ» بايان قىلىنغان بۇ قۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن ئايرىلىپ چىقىش ئارزۇسىنى ئاشكارا جاكارلىدى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن بېزەلگەن يىغىن سەھنىسى، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر زور ئىلھام بۇلىقى بولۇش رولىنى ئوينىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇھاجىرەتتە قاڭقىپ يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشىدەك بىر ئېھتىياجنى چىقىش قىلغان ھالدا 1996-يىلى ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇنجى تەشكىلاتى بولغان «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» دۇنياغا كەلدى ھەمدە قۇرۇلتاينىڭ نىزامنامىسى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي تەستىقىغا ئېرىشتى. ئۆمەر قانات مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىغا كۈرەش كۈسەن، دولقۇن ئەيسا، مەمەت توختى، ئالىم سېيتوف، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، نۇرى تۈركەل، ئابلىمىت تۇرسۇن، پەرھات يورۇڭقاش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ قوشۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى داۋادا يېڭى بىر باسقۇچنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا بىرنەچچە ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلغان ھەمدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ تۈركىيەدە ئوخشاشلا ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كېلىپ، رويخەتكە ئالدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. نەتىجىدە 1999-يىلى 12-ئۆكتەبىر كۈنى 11 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىگە جەم بولۇپ، «ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» نى چاقىردى. ئۈچ كۈنلۈك جىددىي مۇزاكىرە ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» نىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى. مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ نىزامنامىسى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىپ، قۇرۇلتاي قانۇن جەھەتتىن رەسمىي سالاھىيەتكە ئىگە بولدى. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ پېشقەدەم خىزمەتچىلىرىدىن ئەنۋەر جان ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يورۇڭقاش شۇ ۋاقىتتىكى بەزى ئەھۋاللارنى تىلغا ئالدى.
دەۋا مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە يۆتكىلىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشى
«شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» قۇرۇلغاندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل تەشكىلىي ئاپپارات شەكلىدە ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ تۈركىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي داۋالغۇش ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن قۇرۇلتاينى تۈركىيەدە قانۇنىي تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئىلاج قىلالمىدى. 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تېزدىن ئۆزلىرىنىڭ چەكلىك ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زور پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى ۋاسىتە قىلغان ھالدا «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى جىددىيلەشتۈردى. ئەنە شۇنداق رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىككە كەلگەن بىر چوڭ تەشكىلاتنى شەكىللەندۈرۈش، شۇنىڭدەك سىياسىي داۋانىڭ مەركىزىنى تۈركىيەدىن ياۋروپاغا، جۈملىدىن گېرمانىيەگە يۆتكەشنى ئويلىشىشقا باشلىدى.
2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا نىقابلاشقا ئۆتۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن بىر چوڭ خىرىس بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا بىرنەچچە قېتىملىق باش قوشۇشلاردىن كېيىن بىرلەشمە قۇرۇلتاي تەشكىللەش كومىتېتى تەسىس قىلىندى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى مىللىي مۇجادىلىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى تولۇق ھوقۇقلۇق ئورگاننى قۇرۇپ چىقىش ھەققىدە قارار ئېلىندى. ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى «بىرلەشمە قۇرۇلتاي چاقىرىش توغرىسىدىكى بايانات» ىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىنكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، دەۋايىمىزنىڭ ئېھتىياجى، كۈرىشىمىزنىڭ ئىستىقبالىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تولۇق ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي مەركىزى ئاپپاراتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ھەققىدە قارار ماقۇللاندى».
كۆپ قېتىملىق مۇزاكىرىلەردىن كېيىن 2004-يىلى 16-ئاپرېلدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» نى بىرلەشتۈرۈپ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى» دەپ قارالغان يېڭى بىر تەشكىلات «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنچاقلىنىشى ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى زور بىر قەدەم ئالدى. قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىدىكى كۆپكە تونۇلغان رەھبەرلەردىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىننىڭ ئوغلى ئەركىن ئالىپ تېكىننىڭ رەئىس بولۇپ سايلىنىشى بىلەن د ئۇ ق نىڭ يېڭى بىر سەھىپىسى باشلاندى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى شۇ ۋاقىتتىكى بەزى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.
قۇرۇلتاينىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە قايسى دەرىجىدە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى خەلقئارادا ئەڭ كۆپ سورالغان سوئاللارنىڭ بىرى بولغانلىقى مەلۇم. بۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ د ئۇ ق 2005-يىلى 17-ئىيۇلدا ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا «ميۇنخېن خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ۋە غايىسىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. خىتابنامىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارالىق قائىدە-نىزاملار ۋە قانۇن-كېلىشىملەرگە بوي سۇنۇش شەرتى بىلەن مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمىز يولىدىكى تەۋرەنمەس كۈرەش ئىرادىمىزنى يەنە بىر قېتىم جاكارلايدۇ. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپ قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا قۇرۇلىدىغان دېموكراتىك، كۆپ پارتىيەلىك، دىن ۋە سىياسەت بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ھەم قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت بولىدۇ».
مەزكۇر خىتابنامە دەسلەپكى قەدەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى د ئۇ ق نىڭ كەلگۈسى خىزمەت نىشانلىرى ھەققىدە نېگىزلىك ۋە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.