دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى (2)
2024.10.23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) دۇنياغا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «ئەڭ چوڭ تاشقى ئاپەتلەرنىڭ بىرى» دەپ قارالغانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاش بولمىغان خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئىزچىل د ئۇ ق نىڭ «بۆلگۈنچى» تەشكىلات ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق د ئۇ ق نى پارچىلاش، ئىچكى قىسىمدا زىددىيەتكە سېلىش ۋە ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىگە داغ چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما د ئۇ ق نىڭ كېيىنكى يىللاردىكى تەرەققىياتى ئۇيغۇرلاردىكى «ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر» دېگەن تەمسىلنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ زورىيىشى ۋە تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى
د ئۇ ق رەسمىي ئىش باشلىغان مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئىزچىل يامانلىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سىستېمىغا سىغدىلىپ كىرىش ئۇرۇنۇشىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىل بولۇپ، غەرب دۇنياسىدىكى يېتەكچى كۈچلەرنىڭ خىتايغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىمۇ كۆپ تەرەپلىمە يوللاردىن مەلۇم بولغان ئىدى. ئەنە شۇ خىل تەسىرلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى 1999-يىلى سىياسىي بەتناملار بىلەن قولغا ئالغان رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايغا كۆپ قېتىملىق بېسىم قىلىشىدا ئىپادىلەندى. نەتىجىدە 2005-يىلى مارتتا رابىيە خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ «تېببىي داۋالىنىش» نامىدا ئامېرىكىغا يولغا سېلىندى.
بۇ جەرياندا رابىيە خانىمنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ قىزىق خەۋەر تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى، بىرنەچچە چوڭ خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا، جۈملىدىن ئىككى قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ ياخشى بىلىنىشىگە يول ئاچتى. بۇنىڭ بىر ئىپادىسى 2006-يىلى 24-نويابىردا چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، شۇ قاتاردا خەلقئارادىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتناشقانلىقىدا ئەكس ئەتتى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا رابىيە قادىر خانىمغا «ئۇيغۇر مۇكاپاتى» تەقدىم قىلىندى. بۇ قۇرۇلتايدا رەئىس ئەركىن ئالىپ تېكىن ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى ھەمدە ئورنىغا رابىيە قادىر خانىم رەئىس بولۇپ سايلاندى. دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان بىر قاتار ھۇجۇملىرى ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسىدىن قانچىلىك پەرىشان بولغانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى بۇنىڭدىكى بەزى نۇقتىلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارادا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇنبىرىدە كۆپ قېتىملىق پائالىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭ بىر يارقىن مىسالى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جورج بۇش (George W. Bush) نىڭ 2007-يىلى ۋە 2008-يىلى رابىيە قادىر خانىم بىلەن چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىراگا شەھىرىدە ۋە ئاق سارايدا سۆھبەتتە بولۇشىدا ئەكس ئەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر (Stephen Harper) ، ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان (Kofi Annan)، ياپونىيە باش مىنىستىرى شېنزو ئابى (Shinzo Abe) قاتارلىقلارمۇ ئاشكارا ھالدا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى «تېررورلۇق» قا باغلاش ئۇرۇنۇشىغا قايتۇرۇلغان كۈچلۈك جاۋاب بولدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشقان بۇ تارىخىي ھادىسە شۇ ۋاقىتلاردىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، جۈملىدىن خىتاي ئاخباراتلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپ ۋۇجۇدقا چىقىشقا باشلىغان ھەمدە كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى شۇ بولدىكى، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن داۋا ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى مېڭىشىغا شارائىت ھازىرلاندى.
2009-يىلى 21-ماي ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان 3-قۇرۇلتايغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن خادىملىرى، جۈملىدىن فرانك ۋولف (Frank Wolf) ، كىرىستوفېر سىمىس (Chris Smith) ، جەيمىس مەكگوۋېرن (James McGovern) ، كارل گرېشمەن (Carl Gershman) قاتارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىشى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن ئىسپاتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ ياشلاشتۇرۇش باسقۇچى ۋە كېيىنكى نەتىجىلەر
د ئۇ ق نىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىن ئارتۇق مۇساپىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەلگەندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ياشلاشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردە كۆرۈلۈۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرمۇ قۇرۇلتاينى بىر قېتىملىق ئىسلاھاتقا جىددىي ئۈندەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئۇزاقلىقى ۋە مۈشكۈللۈكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى بۇ سەپكە جەلپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. يەنە بىر ياقتىن د ئۇ ق يىللاردىن بۇيان تەشكىللەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە سىياسىي جەھەتتە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بىر تۈركۈم ياشلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارغىمۇ تېگىشلىك رەۋىشتە ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش لازىم بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۆمۈر پەردىسى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا تولۇقى بىلەن ئېچىلىۋتقانلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارىختا كۆرۈلمىگەن مىسلىسىز يوقىتىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدەك كۆپ قىرلىق رېئاللىقنى ئويلاشقان ھالدا 2017-يىلى 12-نويابىردا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 6-قۇرۇلتايدا بۇ جەھەتتە بەزى ئىسلاھاتلار ۋۇجۇدقا چىقتى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر داۋاسىدا ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىۋاتقانلاردىن دولقۇن ئەيسا دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئۇ قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئەڭ چوڭ كىرىزىسنىڭ بىرلىك مەسىلىسىدە ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. شۇنىڭدەك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق نىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى، تەرەققىيات ۋە تەسىر يۆلىكى يەنىلا بىرلىك-ئىتتىپاقلىقتۇر» دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك د ئۇ ق نىڭ «غەرب قىممەت قارىشى ئاساسىدا ئىش كۆرىدىغان، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان» تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دولقۇن ئەيسا شۇ ۋاقىتتىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتنى ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق ئەنە شۇ يوسۇندا دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي بۇ ھەقتىكى ئوخشىمىغان سۈرۈشتە قىلىشلار، ئەيىبلەشلەر ۋە تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىگە دۇچ كەلدى. گەرچە بۇ يۈزلىنىش خىتاينى ئۈزۈل-كېسىل پەيلىدىن ياندۇرالمىغان بولسىمۇ ئۇلارغا ۋاسىتىلىك ھالدا «خىتاينىڭ خالىغاننى قىلىشىغا دۇنيا قاراپ تۇرمايدۇ» دېگەننى يېتەرلىك دەرىجىدە ھېس قىلدۇرغانلىقى مەلۇم. يەنە بىر ياقتىن خىتايغا ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا چېتىپ يوقىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ماھىيىتىنى دۇنيانىڭ ئاللىقاچان كۆرۈپ يەتكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلدۇردى. شۇ سەۋەبتىنمۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە قارار ئالغان ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ باش جاۋابكارى شى جىنپىڭ ئىكەنلىكى، شى جىنپىڭنى سوتلاش ۋە قولغا ئېلىش چۇقانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا ئۆتكەن مۇساپىلەرگە نەزەر سالغان دولقۇن ئەيسا قۇرۇلتاينىڭ كەلگۈسى خىزمەتلىرىدىن تولىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، 20 يىللىق مۇساپە قۇرۇلتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ھەمدە بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر تۈركۈم جەڭگىۋار كىشىلەرنى تاۋلاپ چىققان. شۇڭا ئۇ قۇرۇلتاينى بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇكەممەل ئېلىپ ماڭالايدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ.
دولقۇن ئەيسا ۋە باشقا بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ قېتىم رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىن چېكىنىپ چىقىدىغان بولسىمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ مىللىي مۇجادىلە كۈرىشىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دولقۇن ئەيساغا ئوخشاش ئۆزىنى بۇ كۈرەش سېپىدىكى بىر ئاددىي جەڭچى، دەپ قارايدىغان بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى ئېيتقاندەك «ئەمەل تۇتقاندا كۈرەش قىلىپ، ئەمەلدىن چۈشكەندە كۈرەشتىن توختايدىغان» كىشىلەر ئەمەس.
د ئۇ ق نىڭ ئەنە شۇ تەرىقىدە تارقاق تەشكىلاتلاردىن بىرلىككە كەلگەن سىستېمىلىق گەۋدىگە ئايلىنىشى، دۇنيادىكى ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تەشكىلات، دەپ ئېتىراپ قىلىشى، د ئۇ ق نىڭ بولسا يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ غەرب دېموكراتىيەسى سىستېمىسى ئاساسىدا مۇكەممەل ئىش يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مۇستەقىل دۆلىتى بولغاندىمۇ بۇنى بىمالال ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىشى، تېخىمۇ مۇھىمى د ئۇ ق نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى بەلگىلىك پائالىيەتلەرنى ۋە نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىغانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «كۆزگە قادالغان مىخ» قا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى مەلۇم. د ئۇ ق نىڭ 8-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا يەنى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇلار ئېلان قىلغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلتاينىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بوسنىيە-گرېتسىگوۋىنا (Bosnia and Herzegovina) دا 8-قۇرۇلتاينى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان د ئۇ ق رەھبەرلىكى يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە سارايېۋو (Sarajevo) شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قۇرۇلتاي يىغىلىشىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان. خىتاي ئەلچىخانىسى يەنە دولقۇن ئەيسا قولغا ئېلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ماشىنا ۋەقەسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى، قۇرۇلتاينىڭ توك ۋە تور ساھەلىرىدە چاتاق چىقىدىغانلىقى، يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاتتىق ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى پەش قىلىپ قورقاق سالغان. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەھدىتلىرىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە «خىتاينىڭ بۇ خىل چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى كەسكىن ئەيىبلىنىشى كېرەك. خىتاينىڭ بۇنداق قورقاق سېلىشلىرى قۇرۇلتاينىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېچىلىشىغا دەخلى قىلالمايدۇ. بىز قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلىشنىڭ چارىلىرىنى تولۇق ئىشقا سالىمىز» دېيىلىدۇ. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەھدىتلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئالماقتا.