8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا
2024.10.23
نۆۋەتتە بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋودا چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى غەلىبىلىك داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سارايېۋونىڭ مەركىزىگە جايلاشقان «تەتىل مېھمانسارىيى» غا كېلىشكە باشلىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى غەيۇر قۇربان نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي غەلىبىلىك ھالدا جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، سارايېۋو ساقچى ئىدارىسى بىلەن بىخەتەرلىك شىركەتلىرى بىرلىكتە تەدبىر ئالغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى، خەلقئارا ئالاقە دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ بىر نەچچە كۈنىدىن بېرى 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ھەر-خىل پىتنە-پاسات ۋە تور ھۇجۇملىرى شىددەت بىلەن داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلتاي ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە، قۇرۇلتاي رەھبەرلىك نامزاتلىرىغا ئىسىمسىز نومۇرلاردىن تەھدىت، ئالداش، قورقۇتۇش تېلېفونلىرى كەلگەن. غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ئەھۋاللار ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
غەيۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەتتا بەزى ۋەكىللەرگە، بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇر ۋە ئېلخەتلەر كەلگەن، ۋەكىللەرنىڭ بوسنا ئايرودۇرۇمىدا توسۇۋېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان.
بۇ قېتىمقى 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا نورۋېگىيەدىن يېتىپ كەلگەن، نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن، سارايېۋوغا كىرىشتە ھېچقانداق ئاۋارىچىلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تەرەپمۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆسەك سۆز تارقىتىش، خاككېرلاش قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغان. شۇنداقلا بۈگۈن، يەنى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى كىملىكى نامەلۇم بىر نەچچە خىتاي پۇقراسى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى چۈشكەن مېھمانسارايغا كېلىپ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سىنغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان، ئەمما نەق مەيداندىكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇلارنى ۋاقتىدا بايقاپ مەلۇم قىلىشى بىلەن مېھمانساراي ئامانلىق خادىملىرى بۇ خىتايلارنى نەق مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن.
8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭلا ئەمەس، خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلتاي ئىشخانىسىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا گېرمانىيە، رۇمىنىيە، ئامېرىكا، چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بوسنادىكى ئەلچىلىرى قاتناشقاندىن باشقا يەنە تۈركىيە ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ كۆزەتچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىكەن.